من تريد أن تكون؟ (للأطفال)

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: من تريد أن تكون؟ (للأطفال)
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه المقالة هادفة لصغار السن، فيها بيان أهمية تحديد الأهداف لصغار السن -بطريقة مشوقة- وأهمية حب الرسول عليه وسلم ، وتعطي الإحساس للصغار جعل الرسول صلى الله عليه وسلم قدوة في جميع شؤون حياة الطفل المسلم امر ضروري .
تأريخ الإضافة: 2011-01-11
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/331925
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
چوڭ بولغاندا كىمگە ئوخشاش بولۇشنى خالايسىز؟ [بالىلار ئۈچۈن]
1.2 MB
فتح:  چوڭ بولغاندا كىمگە ئوخشاش بولۇشنى خالايسىز؟ [بالىلار ئۈچۈن].doc
2.
چوڭ بولغاندا كىمگە ئوخشاش بولۇشنى خالايسىز؟ [بالىلار ئۈچۈن]
364.5 KB
فتح: چوڭ بولغاندا كىمگە ئوخشاش بولۇشنى خالايسىز؟ [بالىلار ئۈچۈن].pdf
نبذة موسعة

 

چوڭ بولغاندا كىمگە ئوخشاش بولۇشنى خالايسىز؟

 [بالىلار ئۈچۈن]

 

كىچىك بالىلار ئادەتتە مەن چوڭ بولسام پالانچى بولىمەن، پالانچىدەك قەھرىمان بولىمەن، دېگەندەك سۆزلەرنى دوستلىرى بىلەن ئويناۋاتقان ياكى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئولتۇرغان پەيتلەردە كۈندە نەچچە قېتىم تەكرارلايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ھەركىم ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ئوخشاش بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

كىچىك دوستلار! بىرەر كىشى سىلەردىن: "سىلەر چوڭ بولغاندا كىم بولۇشنى خالايسىلەر"دەپ سورىسا نېمە دەپ جاۋاب بېرىسىلەر؟.

قېنى كىچىك دوستلار! ئەسلىدە كىمنى ئەڭ ياخشى كۆرىشىمىز كېرەك؟ دۇنيادا ئەڭ ياخشى ئادەم كىم؟ ھاياتلىق دۇنياسىدا ھەممە تەرەپتىن كامالەتكە يەتكەن ئىنسان بارمۇ؟ بىر ئىنسان بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە باھادىر، يېتۈك ئالىم، دانىشمەن، ئەخلاق ۋە گۈزەللىكتە ۋايىغا يەتكەن بولىشى مۇمكىنمۇ؟! ئەگەر مۇمكىن دېسەڭلار ئۇ كىم؟

ئەگەر بىلمىسەڭلار مانا ئەمدى ئۇنىڭ كىملىكىنى بىرلىكتە ئۆگىنىمىز.

كىچىك دوستلار! ئۇ بولسا دۇنيادا ھەممە تەرەپتىن ئىنسانىيلىق كامالىتىگە يەتكەن، ھەممە ھەۋەس قىلىدىغان ئىنسان بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانى ھەممىدىن كۈچلۈك ئىدى ۋە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايتتى. كۈرەش مەيدانلىرىدىكى جەڭگىۋارلىقى ھەممىنى ھەيران قالدۇراتتى. ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھقا بۈيۈك ئىلىم ئاتا قىلغان ۋە ھەتتا كېلەچەكتە بولىدىغان بەزى ئىشلارنى بىلدۈرگەن. رەسۇلۇللاھ قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممىسىنى كامىل ياد بىلەتتى. قۇرئان كەرىمنى رەسۇلۇللاھتەك مۇڭلۇق ۋە كۆپ ئوقۇيدىغان بىرەرسىمۇ يوق ئىدى.

رەسۇلۇللاھ ناھايىتى ئەدەب-ئەخلاقلىق، چىرايلىق، گۈزەل سۆزلۈك، راستچىل، باھادىر، كەمتەر ۋە ئەپۇچان، ھايالىق ۋە ئۇياتچان، رەھىمدىل ۋە كۆيۈمچان زات ئىدى. رەسۇلۇللاھنى بىركۆرگەن ئادەم يەنە بىر كۆرسەم دەپ ئارزۇ قىلاتتى. بىرقېتىم سۆھبىتىدە بولغان ئادەم، يەنە بىر قېتىم سۆھبىتىدە بولسامچۇ دەپ ئۈمىد قىلاتتى.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەمبەغەل ۋە مەزلۇم، يېتىم-يېسىرلارغا مېھرىبان ئىدى. ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەرگە ئوچۇق چىراي بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى ۋە ئاجايىپ قولى ئوچۇق ئىدى.

كېچىك دوستلار! رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل سۈپەتلىرىنى بۇ يەردە ئېيتىپ تۇگۇتەلمەيمىز.

پەيغەمبىرىمىزنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەن كىشى ساھابە دەپ ئاتىلىدۇ. ساھابىلار رەسۇلۇللاھنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈشەتتى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئۇ زاتقا ئوخشاش بولۇشقا تىرىشاتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ قىلغان ئىشلىرى "سۈننەت"، دېگەن سۆزلىرى "ھەدىس" دەپ ئاتىلىدۇ. بىز سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنى جەننەتتە چوقۇم كۆرۈمىز. ئەگەر بىزدە رەسۇلۇللاھنى كۆرۈش ئارزۇسى بولسا، بىز چوقۇم ھازىردىن تارتىپ، ئۇ زاتنىڭ قىلغان ۋە ئېيتقانلىرىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.

قېنى كېچىك دوستلار!

قىزلارچۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىشى كېرەك. شۇنداقلا ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ قىزلىرى ۋە ئاياللىرىغا، ئايال ساھابىلارغا ئوخشاش ئىماندار ۋە ئىلىمدار، شەرمى-ھايالىق، ھەق سۆيەر، قورقماس ۋە جاسارەتلىك بولىشى لازىم. بۇ ئارقىلىق ساغلام بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئۇل ھازىرلاش مۇمكىندۇر.

خۇلاسە:

بىز ئىنسانلار ئىچىدە ھەممىدىن بەكراق جانابى رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرۈشىمىز. بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئۇ زاتنىڭ يولىغا ئەگىشىمىز. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان قۇرئان ۋە سۈننەتلىرىنى ئۆگىنىمىز شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىمىز.

قېنى كىچىك دوستلار! سىلەر بۇ ھېكايىنى ئاڭلىدىڭلار، ھېكايىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان ھالدا تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ بېقىڭلارچۇ:

1- سىز ئىنسانلار ئىچىدىن كىمنى بەك ياخشى كۆرىسىز؟.

2- سىز ھاياتىڭىزدا كىمنى ئۈلگە قىلىپ ياشىشىڭىز كېرەككەن؟.

3- نېمە ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يولىغا ئەگىشىشىمىز كېرەك؟.

4- قېنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن 3 نى ئېيتىپ بېقىڭچۇ؟.

5- بىز رەسۇلۇللاھنى كۆرەلەيمىزمۇ؟ نەدە؟.

6- قىزلارچۇ؟ كىمگە ئوخشاش بولىشى لازىمكەن؟.

7- بۇ ھېكايىنى باشقا دوستلىرىڭىزغا سۆزلەپ بېرەمسىز؟.


 

Go to the Top