سبحان الله خالق الكون

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: سبحان الله خالق الكون
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه المقالة هادفة لصغار السن وتبين فيها الله خالق الكون وخلق آدم عليه السلام ولماذا أخرج الله أبونا آدم من الجنة؟ وماذا يجب على المسلم إذا أذنب ذنبا؟
تأريخ الإضافة: 2010-11-06
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/326793
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
ئاللاھ كائىناتنى ياراتقۇچىدۇر (بالىلار ئۈچۈن)
364.5 KB
فتح: ئاللاھ كائىناتنى ياراتقۇچىدۇر (بالىلار ئۈچۈن).doc
نبذة موسعة

ئاللاھ كائىناتنى ياراتقۇچىدۇر

[بالىلار ئۈچۈن]

سۆيۈملۈك كېچىك دوستلار! بىز بۇ دەرسىمىزدە دۇنيانى كېم ياراتقان دېگەن سوئالغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. قېنى بالىلار ئەتراپىڭلارغا بىر قاراپ بېقىڭلار، نېمىلەرنى كۆرۈۋاتىسىلەر؟ دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەر، ئاسمان-زېمىن، قۇياش، ئىنسان ۋە ھايۋانات قاتارلىقلار، شۇنداقمۇ؟. سىلەر ھازىرنىڭ ئۆزىدە كۆرۈۋاتقان بۇ نەرسىلەر ئۆزلىكىدىن بارلىققا كېلىپ قالغانمۇ ياكى بىر ياراتقۇچى تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغانمۇ؟...

-ھەممە نەرسىلەرنى ئاللاھ تائالا ياراتقان!.

-توغرا ئېيتتىڭلار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ تائالا ياراتقان. سىز بىلەن بىزنىمۇ ئاللاھ ياراتقان. كېچىك دوستلار! ئاللاھ تائالانىڭ بۇ دۇنيانى قانداق ياراتقانلىقىنى بىلەمسىلەر؟. ئەمىسە ئاڭلاڭلار مەن سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي.

ئىلگىرى ئاسمان-زېمىن، ئىنسان ۋە ھايۋانلار، دەل-دەرەخ-ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھېچقايسىسى يوق ئىدى. يالغۇز ئاللاھنىڭ ئۆزىلا بار ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيانى يارىتىشنى ئىرادە قىلدى. ئاللاھ تۇنجى قىلىپ ئەرشنى ياراتتى، ئاندىن كىيىن قەلەمنى ياراتتى. نۇردىن پەرىشتىلەرنى ياراتتى، ئاندىن كىيىن سۇنى، ئاسمان-زېمىننى ياراتتى. ئۇنىڭدىن كىيىن دېڭىز-ئوكيان، تاغ-دەريالار، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارنى پەيدا قىلدى. ئوتتىن ئىبلىسنى ياراتتى.(يەنى ئىبلىس-شەيتان). ئاللاھ يۇقىرىقى نەرسىلەرنى يارىتىپ بولغاندىن كىيىن ئادەم ئاتىمىزنى تۇپراقتىن تەدرىجى ھالەتتە ياراتتى ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزدى. ئاندىن كىيىن ھاۋا ئانىمىزنى پەيدا قىلدى. ئاللاھ ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانىنى جەننەتتە ياشىشىنى ئىرادە قىلدى. جەننەت گۈزەللىكىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىز كىلىدىغان ناھايىتى چىرايلىق ۋە ئاجايىپ كاتتا جاي ئىدى. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا جەننەتتە سەير-تاماشا قىلىپ، چەكسىز نېمەتلەر ئىچىدە ھايات كەچۈرۈشكە باشلىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: «ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ (يەنى ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار! جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ - ئىچىڭلار». كىيىن جەننەتتىكى بىر دەرەخنى كۆرسىتىپ: «بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار (يەنى مېۋىسىدىن يېمەڭلار)، بولمىسا (ئۆزۈڭلارغا) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدى. [سۈرە بەقەرە 35-ئايەت].

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىبلىس ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانىنى ئالداپ مەزكۇر دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېيىشىگە سەۋەپ بولدى. چۈنكى شەيتان ئۇلارغا دۇشمەن ئىدى. ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانا شەيتاننىڭ سۆزىگە كىرگەنلىكى سەۋەبىدىن گۇناھكار بولدى. بۇ سەۋەبلىك ئاللاھ تائالا ئۇلارنى جەننەتتىن چىقاردى ۋە پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن زېمىنگە ئىلىپ كەلدى. ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانا گۇناھلىرى ئۈچۈن يىغلاپ ئاللاھقا تەۋبە قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلىپ، گۇناھلىرىنى كەچۈردى ۋە تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ تائالا ئۇلار بىلەن بىرگە شەيتاننىمۇ زېمىنگە چۈشۈرگەن ئىدى. ئەمدى ئۇلار شەيتاننىڭ گېپىگە كىرمەستىن، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تولۇق بويسۇنۇپ يەككە-يىگانە پەرۋەردىگارغا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىپ ھايات كەچۈرۈشكە باشلىدى. ئاللاھ ئۇلارغا كۆپلىگەن ئوغۇل-قىزلارنى ئاتا قىلدى. ئادەم ئاتىنىڭ نامى شەرىپى ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ كىشىنىڭ بالىلىرىمۇ «ئادەم بالىلىرى» دەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ نامىمىزمۇ ئادەم بولدى.

خۇلاسە:

بۇ دۇنيانى ۋە ئۇنىڭدىكى بىز بىلگەن ۋە بىلمىگەن بارلىق نەرسىلەرنى ئاللاھ تائالا ياراتقان. بىزنىمۇ ئاللاھ ياراتقان. كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەر ئۇنىڭ مۈلكى ۋە تەسەررۇپ قىلىشى ئاستىدىدۇر. ئىش ئۇنداق ئىكەن، بىز ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تولۇق بويسۇنۇشىمىز لازىم.

قېنى كېچىك دوستلار تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ بېقىڭلار:

1- بۇ دۇنيانى كىم ياراتقان؟ ۋە قانداق ياراتتى؟.

2- ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانا نېمە سەۋەپ بىلەن زېمىنگە چۈشۈپ قالدى؟.

3- ئىبلىس بىزگە دوستمۇ ياكى دۇشمەن؟.

4- شەيتان نېمىدىن يارىتىلدى؟.

5- مۇسۇلمان گۇناھ سادىر قىلسا نېمە قىلىشى كېرەك ئىكەن؟.

Go to the Top