من هم الرسل والأنبياء؟

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: من هم الرسل والأنبياء؟
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه المقالة هادفة لصغار السن بلغة الأطفال وتوضح من هو النبي والرسول؟ لماذا أرسل الرسل؟ وما وظيفتهم ومفهوم الوحي والمعجزة .
تأريخ الإضافة: 2010-10-18
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/324082
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
پەيغەمبەر كىم؟ (بالىلار ئۈچۈن)
371 KB
فتح: پەيغەمبەر كىم؟ (بالىلار ئۈچۈن).doc
2.
پەيغەمبەر كىم؟ (بالىلار ئۈچۈن)
137.8 KB
فتح: پەيغەمبەر كىم؟ (بالىلار ئۈچۈن).pdf
نبذة موسعة

پەيغەمبەر كىم؟

[بالىلار ئۈچۈن]

كىچىك دوستلار بۇ دەرسىمىزدە سىلەرگە پەيغەمبەرلەر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ساغلام رەۋىشتە پەرۋەردىگارىنى تونۇشى ئۈچۈن دىننى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئىنسانلار ئارىسىدىن ئەڭ ئەقىللىق ۋە ياخشى كىشىلەرنى تاللىدى ۋە ئۇنى ئەلچىلىكنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە يېتەكلەپ يېتىشتۈردى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرگە جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ۋەھىيىلەرنى يەتكۈزدى. (يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق خەۋەر ئىلىپ كېلىنگەن كىشىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتايمىز.) ئاللاھ ئاسماندىن پەيغەمبەرگە نازىل قىلغان خەۋەر ۋەھيى دېيىلىدۇ. پەيغەمبەرلەر نەبىي ۋە رەسۇل دەپ ئىككىگە بولىنىدۇ:

1-ئاللاھ تائالا بەزى پەيغەمبەرلەرگە ئۆزى ئەمەل قىلىشى ئۈچۈنلا ۋەھيى نازىل قىلدى، ئۇلار «نەبىي» دەپ ئاتىلىدۇ. (يەنى بۇ تۈردىكى پەيغەمبەرلەر ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرنىڭ پرىنسىپى بىلەن مېڭىشقا بۇيرۇلغانلاردۇر.)

2- ئاللاھ تائالا بەزى پەيغەمبەرلەرگە ئۆزى ئەمەل قىلىشى ۋە باشقىلارنىمۇ دىنگە دەۋەت قىلىشى ئۈچۈن ۋەھيى نازىل قىلدى، ئۇلار «رەسۇل» دەپ ئاتىلىدۇ . (يەنى بۇ تۈردىكى پەيغەمبەرلەر يېڭى پرىنسىپ بىلەن دىننى بەرپا قىلىشقا بۇيرۇلغانلاردۇر.) «رەسۇل» دېگەن سۆز ئەلچى دېگەن مەنانى بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئۆز زامانىسىدىكى ئىنسانلارغا «مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلدىم» دېگەن، ئۇلارنى بىر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئىبادەت قىلىشقا چاقىرغان. نەتىجىدە كۆپلىگەن ئىنسانلار پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغان. ئىنسانلارنىڭ پەيغەمبەرنى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن تۈرلۈك مۆجىزىلەرنى بەردى. «مۆجىزە» دەپ ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى دەيمىز. پەيغەمبەرلەر -ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن- مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن راستچىل پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئۇنىڭدىن كىيىن كۆپلىگەن ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىشى بىلەن پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئۇلارغا ئىتائەت قىلغان.

ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىمىزنى زېمىندىكى بىرىنچى نەبىي قىلىپ تەيىنلىدى. ئادەم ئاتا ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن پرىنسىپلارغا ھاۋا ئانا بىلەن بىرگە ئەمەل قىلدى ۋە بالىلىرىغا دىننى ئۆگەتتى. بالىلىرىمۇ ئۇلارغا ئىتائەت قىلىپ ئاتا-ئانىسىغا ئەگەشتى. ئادەم ئاتا ۋاپاتىدىن كىيىن ئۇ كىشىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتتى. ئۇلار ھاياتلىق ئىزدەپ يەر-يۈزىنىڭ ھەرتەرەپلىرىگە تاراپ كېتىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار زېمىننىڭ ھەرتەرىپىدە يىلتىز تارتىپ تىز سۈرئەتتە كۆپەيدى. ئۇلار قەبىلە ۋ ە ئايماقلارغا بۆلىنىپ كەتتى. ئاللاھ تائالا ھەربىر قەۋم ۋە مىللەتتىن پەيغەمبەر چىقاردى. ئىلگىرىكى زاماندا نۇھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم، لۇت، مۇسا، ئىسا...قاتارلىق كۆپلىگەن پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنى يالغۇز يېگانە ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىپ ئالەمدىن ئۆتۈشتى. بەزى پەيغەمبەرلەرگە ئاللاھ ئۆز دەرگاھىدىن نەسىھەت ۋە ھۆكۈملەر يېزىلغان سەھىپىلەرنى چۈشۈرگەن بولسا، بەزىلىرىگە مۇقەددەس كىتابلارنى نازىل قىلدى. (پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى.) ئىنسانلار ئۆز زامانىسىدا پەيغەمبەرلەرگە ئىتائەت قىلىپ ياشىغان پەيتلىرىدە ئىنتايىن بەختلىك ھايات كەچۈردى. پەيغەمبەرلەرگە بويۇنتاۋلىق قىلىپ ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ تائالا ئاپەت ئەۋەتىپ ھالاك قىلدى.

پەيغەمبەرلەر ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ ئەدەپ-ئەخلاق ۋە پەزىلەتلىك، رەھىمدىل كىشىلەردۇر. بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ سەرخىل، ئەڭ پەزىلەتلىك، ئەڭ رەھىمدىل زاتتۇر. پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارغا ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ شەخسى مەنپەئەتتىن يىراق ھالدا ياخشىلىق قىلدى ۋە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆگەتتى. بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەرلەر ئاللاھنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك بەندىلىرىدۇر. كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. نەتىجىدە ئاللاھ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.

خۇلاسە:

پەيغەمبەر ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرگەن، ئەڭ رەھىمدىل، ئەقىللىق ۋە قورقماس، ئەڭ ئىماندار كىشىدۇر. ئىنسانلار ئىچىدىن پەيغەمبەرلەرگىلا ئاللاھدىن ۋەھيى كېلىدۇ. بارلىق ئىنسانلار جۈملىدىن ئالىملار، پادىشاھلار، چوڭ-كىچىك ھەممە كىشى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشى لازىم.

قېنى كېچىك دوستلار !. ئەمدى تۆۋەندىكى سوئاللارغا بىرلىكتە جاۋاب بېرەيلى:

1 -پەيغەمبەر كىم؟.

2 - نەبىي بىلەن رەسۇلنىڭ پەرقى نېمە؟.

3 -نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشى كېرەك؟.

4 -بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى نېمە؟.

5 -قانداق قىلغىنىمىزدا ئاللاھ بىزنى ياخشى كۆرىدىكەن؟.

6 - بۇ ھېكايىدىن نېمە مەنپەئەت ئالدىڭىز، سۆزلەپ بېرىڭ؟.

 

موضوعات متعلقة ( 5 )
Go to the Top