ابتداء العام الجديد بمحاسبة النفس

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: ابتداء العام الجديد بمحاسبة النفس
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه خطبة جمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ علي بن عبد الرحمن الحذيفي1/1/1431هجري، وتحدث فضيلته عن وجوب محاسبة النفس والاستيقاظ من الغفلة، وبداية العام الجديد وأن في انصرام عام وإقبال عام عظة وعبرة فعلى الإنسان أن يتعظ ويستفيد من فسحته وحث العباد على العمل والحفاظ على أبواب الخير التي يفتحها الله للعبد .
تأريخ الإضافة: 2009-12-24
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/261451
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
يېڭى يىل كېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىمىزنى تەكشۈرەيلى!
326.5 KB
فتح: يېڭى يىل كېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىمىزنى تەكشۈرەيلى!.doc
2.
يېڭى يىل كېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىمىزنى تەكشۈرەيلى!
152.6 KB
فتح: يېڭى يىل كېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىمىزنى تەكشۈرەيلى!.pdf
نبذة موسعة

 

يېڭى يىل كېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىمىزنى تەكشۈرەيلى!

 

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە سالام بېرىپ، "ئىنسان قىيامەت كۈنىدە ھېساب ئېلىنىشتىن بۇرۇن دۇنيادا ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشى لازىم" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! قىيامەت كۈنى سىلەردىن ھېساب ئېلىنىشتىن  ۋە قىلغان ئەمەللىرىڭلار مىيزانغا سېلىنىشتىن ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى دەڭسەپ، ئۆز نەپسىڭلاردىن ھېساب ئىلىپ تۇرۇڭلار.

ئى ئىنسانلار! غەپلەتتىن قەلبىڭلارنى ئويغىتىپ، قۇرۇق ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن ئاگاھ بولۇڭلار، شەيتانى ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىپ، ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىگە قايتىسىلەر، قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا-مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر.  سىلەرنىڭ ئۆلگەندىن كىيىنكى ھاياتلىققا تەقدىم قىلغان ئەمەللىرىڭلار، سىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقاندا خۇرسەن قىلسۇن. پەرۋەردىگارىڭلار بىلەن تائەت-ئىبادەت قىلىۋاتقان ھالەتتە ئۇچرىشىڭلار. ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ، گۇناھ-مەسىيەت ئىشلەۋاتقان ھالەتتە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مەيلى زېمىندا بولسۇن، مەيلى ئاسماندا بولسۇن، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھدىن بۆلەك دوستمۇ يوق، مەدەتكارمۇ يوق». [سۈرە ئەنكەبۇت 22-ئايەت].   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى چۈشۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ، سۈننەتنىڭ نۇرلىرى ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بەردى. قۇرئان ۋە سۈننەت زېمىن يۈزىدە ئۆز ماھىيىتىنى جارى قىلدۇرغاندىن تا بۈگۈنگە قەدەر ھەقىقەتكە بوي سۇنمىغان ئىنسانلارنىڭ قىيامەتتە ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىدىن قۇتۇلۇشىغا ھېچقانداق ئۆزرە يوقتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار،ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دەۋزەختىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ». [سۈرە ئەنئام 153-ئايەت].

ھەقىقەتەن كىچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى، ئاي-يىللارنىڭ بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كېلىشى، ئەۋلادلارنىڭ ئىزبىسىپ يېتىلىشى، ئىنسانلارنىڭ تارىخى ۋە ئەھۋاللىرىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشقا ئۈندەيدىغان، ئاسىي-غاپىللارنى يامانلىقتىن چەكلەيدىغان، ئاخىرقى نىشانغا بولغان ھىممەت-ئىرادىنى كۈچەيتىدىغان، ھالاكەت-رەزىللىكتىن ساقلايدىغان ئىبرەت، ۋەز-نەسىھەت ۋە بايانلار مەۋجۇتتۇر. دۇنيادا ئەمەل قىلىنىدۇ،  ھېساب ئېلىنمايدۇ، ئاخىرەتتە ھېساب ئېلىنىدۇ، ئەمەل قىلىنمايدۇ. ئۆز پەرۋەردىگارىنى رازى قىلىش ئارقىلىق نېمەتلىك جەننەتلەرگە كېرىش بىلەن نەتىجە قازانغان كىشىلەرگە مۇبارەك بولسۇن. شۇنداقلا ئاللاھنى غەزەپلەندۈرۈپ دەرتلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!.

ئى قېرىنداشلار! ئەمەل قىلىشقا ئىمكانىيەت بولغان بىر ۋاقىتتا ياشاۋاتىسىلەر، قۇرۇق ئارزۇلارغا ئالدانماڭلار، ھاۋايى-ھەۋەس سىلەرنىڭ ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىشىڭلارغا توسانچا بولمىسۇن. كۈچىڭلارنىڭ يېتىشچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئاللاھقا يىقىنلىشىڭلار. گۇناھ-مەسىيەتتىن تەۋبە قىلىش ئارقىلىق پاكلىنىڭلار. دۇنيادىكى ھاياتىڭلار بىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ياخشى ئەمەل قىلىۋالاي ياكى بىرەر كۈن ياشىۋالاي دەپمۇ پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرەلمەيسىلەر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان- زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار ». [سۈرە ئال-ئىمران 133-ئايەت]. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش تۈرلۈك ئىشنى يەنە بەش تۈرلۈك ئىش كېلىشتىن بۇرۇن غەنىمەت بىلگىن؛ ياشىنىپ قىلىشتىن بۇرۇن ياشلىقىڭنى، كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن ساقلىقىڭنى، كەمبەغەل بولۇپ قىلىشتىن بۇرۇن بايلىقىڭنى، مەشغۇل بولۇپ قىلىشتىن بۇرۇن بوش ۋاقتىڭنى ۋە ۋاپات بولۇپ كېتىشتىن بۇرۇن ھاياتلىقىڭنى غەنىمەت بىلگىن». [ھاكىم رىۋايىتى].  ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالتە تۈرلۈك ئىش بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار؛ كۈن غەرب تەرەپتىن چېقىشتىن بۇرۇن، ئاسماننى تۈتۈن قاپلاشتىن، ياكى دەججال كېلىشتىن  ياكى چوڭ بىر ھايۋاننىڭ چېقىشىدىن، سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىش ۋە قەلبىنى بىئارام قىلىدىغان-زېھنىنى چاچىدىغان ئىشلار كېلىشتىن ياكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىگە ئومۇمى بولغان بالا-مۇسىبەت كېلىشتىن بۇرۇن». [مۇسلىم رىۋايىتى]. كېچە-بىلەن كۈندۈز، بىر يىلنىڭ ئاخىرلىشىپ يەنە بىر يىلنىڭ باشلىنىشىدىمۇ نۇرغۇن ئىبرەت ۋە ئەسلىمىلەر بار. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ (ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى) ئەسلىمەكچى بولغانلار ياكى (ئۆزىنىڭ نېمىتىگە) شۈكرى قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن، كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ بەردى». [سۈرە پۇرقان 62-ئايەت]. كېچە-بىلەن كۈندۈز بىر-بىرى بىلەن ئالمىشىدۇ، بۇنىڭدا ئىنسانلار بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان نۇرغۇن ياخشىلىق ۋە كىشىلەرگە مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلار باردۇر.

كېچە-كۈندۈز تائەت-ئىبادەت بىلەن ئاللاھنى ياد ئېتىشنى ئىرادە قىلغان ياكى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تىلى ۋە دىلى بىلەن ئالقىش ياڭرىتىپ، ۋەز-نەسىھەت، ئىبرەت ئالىدىغان ياكى ئىتائەت ئارقىلىق رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئاللاھ ھەقىقەتەن رەھمەت ئېيتىلغۇچى ۋە بەك مېھرىبان مەرھەمەتلىك زاتتۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت قىلىش جەريانىدا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنى ۋە ھىجرەتتىن كىيىنكى قىيىنچىلىق، تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقى ۋە مۇشرىك-مۇناپىقلارنىڭ تۈرلۈك ھىلە-نەيرەڭ، دۈشمەنلىكىنى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلارغا قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ قاتتىق ئۇسسۇزلۇقتىن تۆگىسىنى بوغۇزلاپ تېرىسىنى بىقىنىغا ياققىنى، بەزىلەرنىڭ ئاچلىقتىن قورسىقىغا تاش تىڭىۋالغانلىقى قاتارلىق پىداكارلىق روھىنى ئەسلەپ باقايلى، ئۇلار، مەزكۇر ئەزىيەت ۋە مۇشەققەتلەرنىڭ ھەممىسىگە دىننى ساغلام يول بىلەن بەرپا قىلىش ئۈچۈن بەرداشلىق بەردى.  ھەقىقەتەن ئۇلار دىننى گۈزەل بىر شەكىلدە تۇرغۇزدى. كىشىلەرنى دىنغا باشلاش بىلەن ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق قىلدى. ئۇلار بۇ چەكسىز خىزمەتلىرى بىلەن دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشتى.

ئاللاھ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تائەت-ئىبادەتنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. ئاللاھ ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلەر بەدىلىگە ھەمدۇ-سانا ۋە رەھمەت تەشەككۈر ئېيتىش تەقەززا قىلىنىدۇ.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھنى رازى قىلىش يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇپ، تائەت-ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن نەپسىڭلار بىلەن كۆرەش قىلىڭلار.

ئاللاھ رازى بولىدىغان پرىنسىپ ئارقىلىق دۇنيالىق ئىشلىرىڭلار ۋە ئۈمىد-ئارزۇلىرىڭلارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىڭلار. ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھ بولۇڭلار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسماندا ۋە زېمىندا ياراتقان شەيئىلەردە (ئاللاھدىن) قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن، (ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار. شۈبھسىزكى، بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى ئاللاھغا مۇلاقات بولۇشنى كۆزلىمەيدىغانلار)، دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەنلا رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلار، ئەنە شۇلارنىڭ جايى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، دەۋزەخ بولىدۇ. شۈبھسىزكى،ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى پەرۋەردىگارى، ئۇلارنىڭ ئىمانى سەۋىۋىدىن، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان نازۇ- نېمەتلىك جەننەتلەرگە يېتەكلەيدۇ. ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى:«ئى رەببىمىز، بىز سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز»دېيىشتىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ جەننەتتە (بىر- بىرىگە) بېرىدىغان سالامى:«(ئەھلى دەۋزەخ چېكىۋاتقان ئازابتىن) ئامان بولغايسەن (يەنى ئەسسالامۇئەلەيكۇم)»دېيىشتىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى:«جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھغا خاستۇر!»دېيىشتىن ئىبارەتتۇر». [سۈرە يۇنۇس 6-7-8-9-10- ئايەتلەر].

جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز قۇدرەت كامالىنى تەپەككۇر قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.

 


 

 

Go to the Top