استحباب صيام تاسوعاء مع عاشوراء

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: استحباب صيام تاسوعاء مع عاشوراء
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: سؤال أجاب عنه فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد - حفظه الله -، ونصه: «أريد أن أصوم عاشوراء هذه السنة، وأخبرني بعض الناس بأن السنة أن أصوم مع عاشوراء اليوم الذي قبله (تاسوعاء). فهل ورد أن النبي - صلى الله عليه وسلم - أرشد إلى ذلك؟».
تأريخ الإضافة: 2008-12-30
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/190810
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
مۇھەررەمنىڭ (ھىجىرىيە 1-ئاينىڭ) 9-10-كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا
448.5 KB
فتح: مۇھەررەمنىڭ (ھىجىرىيە 1-ئاينىڭ) 9-10-كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا.doc
2.
مۇھەررەمنىڭ (ھىجىرىيە 1-ئاينىڭ) 9-10-كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا
88.1 KB
فتح: مۇھەررەمنىڭ (ھىجىرىيە 1-ئاينىڭ) 9-10-كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا.pdf
نبذة موسعة

 

 

مۇھەررەمنىڭ (ھىجىرىيە 1-ئاينىڭ) 9-10-كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا

 

21785 - نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن بۇ يىل مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىۋاتىمەن، بەزى كىشىلەر 10-كۈنى بىلەن 9-كۈنىدە روزا تۇتۇشنى سۈننەت دەيدۇ،  بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بارمۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتاتتى ۋە باشقىلارنىمۇ ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇيتتى(مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى)، بەزىلەر: يا رەسۇلۇللاھ! بۇ يەھۇدىي -ناسارالارنىڭ چوڭ بىلىدىغان كۈنى، دېۋىدى.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئەگەر مەن كېلەر يىلغىچە ئۆمۈر كۆرسەم مۇھەررەمنىڭ 9- كۈنىدىمۇ روزا تۇتىمەن . كېلەر يىلىدىن ئىلگىرى  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتتى.

ئىمام شاپىئىي ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى، ئىمام ئەھمەد، ئىسھاق ۋە باشقىلار: مۇھەررەمنىڭ 9- 10- كۈنلىرى روزا تۇتۇش ياخشى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ 10- كۈنى روزا تۇتقان، 9- كۈنى روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىپ دۇنيادىن كەتكەن دەيدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەڭ ئاز بولغاندا مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى روزا تۇتۇش، مۇمكىن بولسا بىر كۈن بۇرۇن ۋە بىر كۈن كېيىن تۇتۇش، بولۇپمۇ مۇھەررەم ئېيىدا روزىنى قانچە كۆپ تۇتسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

مۇھەررەمنىڭ 9-كۈنى بىلەن 10- كۈنىدە بىللە روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى نېمە؟ دەپ سورىسىڭىز، بۇنىڭ جاۋابى: ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: شاپىئي مەزھىبىدىكى ۋە باشقا مەزھەبتىكى ئالىملار  مۇھەررەمنىڭ 9-كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمەتلىرىدىن بىرقانچىنى سۆزلەيدۇ، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:

1- يەھۇدىيلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىش، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە يەھۇدىيلار پەقەت مۇھەررەمنىڭ 10- كۈنىلا روزا تۇتاتتى.

2- جۈمە كۈنىلا روزا تۇتۇشتىن چەكلەنگەنگە ئوخشاش يالغۇز 10- كۈنىلا روزا تۇتماستىن بىر كۈن قوشۇپ تۇتۇش.

3- ئاينىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولىشى سەۋەبىدىن ئېھتىيات قىلىپ 9-مۇھەررەم كۈنىمۇ روزا تۇتۇش.

بۇ سۆزلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بولغىنى يەھۇدىيلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپلىگەن ھەدىسلىرىدە ئەھلى كىتابقا ئوخشاپ قىلىشتىن چەكلىگەن. مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنىلا روزا تۇتۇشتىمۇ ئەھلى كىتابقا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن  ئەگەر مەن كېلەر يىلغىچە ئۆمۈر كۆرسەم مۇھەررەمنىڭ 9- كۈنىدىمۇ روزا تۇتىمەن  دېگەن.

ئىبنى ھەجەر ئەگەر مەن كېلەر يىلغىچە ئۆمۈر كۆرسەم مۇھەررەمنىڭ 9- كۈنىدىمۇ روزا تۇتىمەن  دېگەن بۇ ھەدىسكە قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەررەمنىڭ 9- كۈنىدىمۇ روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلىشى پەقەت 10- كۈنى بىلەن بىرگە تۇتىمەن دېگەننى مەقسەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئاينىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكىدىن ئېھتىيات قىلىش ياكى يەھۇدىي -ناسارالارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتۇر. مۇسلىمنىڭ بەزەن رىۋايەتلىرى بۇ ئاساسنى كۇچلاندۇرىدۇ.

 

 

 

Go to the Top