الجهاد بالمال واجب على الأغنياء

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: الجهاد بالمال واجب على الأغنياء
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: أنا امرأة مسلمة عندي أموال كثيرة والحمد لله ، فهل يجب عليّ أن أدفع من هذه الأموال للمسلمين المضطهدين الذين يحاول الأعداء احتلال أرضهم وقتلهم كما في الشيشان وفي فلسطين وغيرهما من بلاد المسلمين ؟.
تأريخ الإضافة: 2010-03-11
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/285564
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
پۇل- مال بىلەن جىھاد قېلىش بايلارغا (پۇلدارلارغا) ۋاجىپتۇر
608 KB
فتح: پۇل- مال بىلەن جىھاد قېلىش بايلارغا (پۇلدارلارغا) ۋاجىپتۇر.doc
2.
پۇل- مال بىلەن جىھاد قېلىش بايلارغا (پۇلدارلارغا) ۋاجىپتۇر
134.4 KB
فتح: پۇل- مال بىلەن جىھاد قېلىش بايلارغا (پۇلدارلارغا) ۋاجىپتۇر.pdf
نبذة موسعة

 

پۇل- مال بىلەن جىھاد قېلىش بايلارغا (پۇلدارلارغا) ۋاجىپتۇر

 

26106- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن مەن مال-دۇنياسى كۆپ بىر ئايال، مەن ماللىرىمنى  چىچەنىستان، پەلەستىن ۋە باشقا مۇستەملىكە ئاستىدا قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەملىكە ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىگە ئىقتىسادى ياردەم قىلسام بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.

مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىشى ۋاجىپتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر». [سۈرە ھۇجەرات 10- ئايەت]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى، ئۇ ئۆز قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە ئۇنى دۈشمەنلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرمەيدۇ». [بۇخارىي2442- مۇسلىم 2580- نومۇرلۇق ھەدىس].

چىچەنىستان، پەلەستىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مۇستەملىكە ئاستىدىكى باشقا رايونلار ياكى زوراۋان تاجاۋۇزچىلار مۇستەملىكە قېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان باشقا رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنى ئۆزىنى مۇداپىئە قېلىش ئۇرىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئىنسان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ئۆزى ياردەم بېرەلمىسە، ئىقتىسادى يار بەرسە پۇل-مال ئارقىلىق ياردەم بەرسە بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئىقتىساد ئىگىسى بولغان ئاياللارنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئاسارەتتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يوللۇق ھەرىكەتلىرىگە پۇل-مېلى بىلەن ياردەم قېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ ۋە مېلى بىلەن جىھاد قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

مېلى بىلەن جىھاد قىلىش قۇرئان كەرىمدە جېنى بىلەن جىھاد قېلىش توغرىسىدىكى ئايەت بىلەن بىريەردە بايان  قېلىنغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر جامائەسى! سىلەر يېنىك بولغان ياكى ئېغىر بولغان ھالەتتە (يەنى مەيلى ياش - قېرى، پىيادە، ئۇلاغلىق بولۇڭلار، ئوڭۇشلۇق ۋە قىيىن شارائىتتا بولۇڭلار، ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز بولۇڭلار، ھەممە ئەھۋالدا) جىھادقا چىقىڭلار، ئاللاھ نىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر». [سۈرە تەۋبە 41-ئايەت]. يەنە بىر ئايەتتە: «مۆمىنلەردىن ئۆزرىسىز (ئەما، توكۇر، كېسەلگە ئوخشاش ئۆزرىسى بارلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا) جىھادقا چىقمىغانلار ئاللاھ يولىدا ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلارنى جىھادقا چىقمىغانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. بۇ ئىككى خىل كىشىلەر (يەنى ئۆزرىسى بولۇپ جىھادقا چىقالمىغانلار ۋە جىھادقا چىققۇچىلار) نىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ جىھاد قىلغۇچىلارغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى (ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھادقا چىقمىغانلاردىن ئارتۇق) قىلدى». [سۈرە نىسا -95-ئايەت]. يەنە بىر ئايەتتە: «ئىمان ئېيتقانلارنىڭ، ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ۋە ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن ئاللاھ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر؛ ئەنە شۇلار (ساۋاب تېپىش بىلەن) مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر». [سۈرە تەۋبە 20-ئايەت]. يەنە بىر ئايەتتە: «شۈبھىسىزكى، (ھەقىقي) مۆمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر». [سۈرە ھۇجرات 15_ئايەت].

ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇشرىكلارغا مېلىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېلىڭلار بىلەن جىھاد قېلىڭلار». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2186 -ھەدىس]. سەنئانىي"سۇبۇلىس سالام" ناملىق ئەسىرى 4-توم 87- بەتتە بۇ ھەدىس توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس، جېنى بىلەن جىھاد قېلىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى بىۋاستە جىھادقا چېقىشتۇر. مىلى بىلەن جىھاد قېلىش جېنى بىلەن جىھاد قېلىشنىڭ ئورنىدا بولۇپ، ئۇرۇشقا كېتەرلىك بولغان قورال-ياراق ۋە ئوزۇق-تۈلۈككە خىراجەت ياردەم قېلىش قاتارلىقلاردۇر. تېلى بىلەن جىھاد قېلىش بولسا ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قېلىشقا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش ۋە كىشىلەرنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قېلىشقا چاقىرىش، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقاندا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن نەرە تارتىپ، چۇقان سېلىپ ئۇلارنى قورقۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر".

شەۋكانىي "نەيلىل ئەۋتار" ناملىق ئەسىرىنىڭ 8-توم 29- بېتىدە يۇقىرىقى ھەدىستە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس كافىرلار بىلەن مېلى بىلەن، قولى بىلەن ۋە تېلى بىلەن جىھاد قېلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە روشەن دەلىلدۇر. قۇرئان كەرىمدە قېنى ۋە مېلى بىلەن جىھاد قېلىش بىرنەچچە ئورۇندا بايان قېلىنغان. بۇ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ".

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە"ئىختىيارات" ناملىق ئەسىرىنىڭ 530- بېتىدە: "جېنى بىلەن جىھاد قېلىشتىن ئاجىز كېلىپ، مېلى بىلەن جىھاد قېلىشقا قادىر بولالايدىغان كىشىنىڭ مېلى بىلەن جىھاد قېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. پۇلدار كىشىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ" دېگەن.

يۇقىردا بايان قېلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن ئاياللاردا زىيادە مال-دۇنيا بولسا ئۇلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئاللاھ يولىدا ئىشلىتىشى ۋاجىپ بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئىقتىسادى بار بالىلارنىڭمۇ زۆرۈر بولغاندا ماللىرىنى جىھادقا سەرپ قېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئەمما دۈشمەن زېمىنىغا باستۇرۇپ كەلگەندە ئۆزىنىڭ دىنىنى، مېلىنى، جېنىنى قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەزكۇر زېمىندا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ جىھادقا ئاتلىنىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قىلىش سەدىقىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. ئاللاھ ئۇ كىشىگە كۆپ ساۋاب بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل- مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ (سەرپ قىلغان نەرسىسى يەرگە تېرىلىپ) يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا يۈز دان تۇتقان بىر دانغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى (چەكلىك ئەمەس) كەڭدۇر. ئاللاھ مال سەرپ قىلغۇچىنىڭ نىيىتىنى بىلگۈچىدۇر». [سۈرە بەقەرە 261-ئايەت].

شەيخ سەئدى رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ يولىدا ئاللاھغا ئىتائەت قېلىپ، رازىلىقىنى تەلەپ قېلىپ پۇل-ماللىرىنى جىھاد ئۈچۈن سەدىقە قىلغۇچىنىڭ مىسالى، يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا يۈز دان تۇتقان بىر دانغا ئوخشايدۇ، بۇ مىسالدا ساۋابنى ئاشكارا كۆرۈلىدىغان ھېسسى نەرسىگە ئوخشاتقان. بۇ ئىنساننىڭ ئىمانىنى كۇچلاندۇرۇپ نەپسىنى يەنىمۇ كۆپ سەدىقە قېلىشقا بويسۇندۇرىدۇ ۋە بۇنىڭدىن ھاسىل بولىدىغان ھېسابسىز كاتتا مۇكاپاتلارنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. بۇ سەدىقە قىلغۇچىنىڭ ئىخلاسى، سەمىمىيلىكى ۋە قىلغان سەدىقىسىنىڭ ئۆز ئورنىغا يەتكەنلىكى، بېرىدىغان مەنپەئەتى قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى چەكلىك ئەمەس كەڭدۇر، مال سەرپ قېلىش بىلەن مۇشۇ ساۋابقا ئېرىشكۈچىنىڭ نىيىتىنى بىلگۈچىدۇر ۋە ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر".

ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا دىن دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە ئاتا قېلىشىنى سورايمىز.

ئاللاھ تائالا بارچىمىزغا ھەقىقەتنى قوغدايدىغان، باتىلغا قارشى مەيدانىمىزنى ئاشكارا ئىپادىيەلەيدىغان ئىمانى قۇۋۋەت، ئىنسانى ئەخلاق ئاتا قىلسۇن!.

ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.


 

 

موضوعات متعلقة ( 21 )
Go to the Top