الذكر فضائله وفوائده

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: الذكر فضائله وفوائده
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: خطبة جمعة في المسجد النبوي في المدينة المنورة والتي ألقاها فضيلة الشيخ عبد الباري الثبيتي بتاريخ 9/6/1429 ، وقد بين فضيلته في هذه الخطبة إن الذكر من أنفع العبادات وأعظمها، والغفلة عن الذكر شر كبير وخطر على قلب العبد، فليحذر المسلم من ترك ذكر الله، وليرطب المسلم لسانه بذكر الله في كل وقت، وفي كل مكان، حتى إذا جاءت لحظة الفراق فإذا هو ينطق بـ لا إله إلا الله وتكون آخر كلامه، فهنيئاً لمن وفقه الله وختم له بخاتمة السعداء.
تأريخ الإضافة: 2008-06-20
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/153770
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئاللاھنى يادئىتىپ زىكىر ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىلىرى توغرىسىدا
1.2 MB
فتح: ئاللاھنى يادئىتىپ زىكىر ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىلىرى توغرىسىدا.doc
2.
ئاللاھنى يادئىتىپ زىكىر ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىلىرى توغرىسىدا
173.5 KB
فتح: ئاللاھنى يادئىتىپ زىكىر ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىلىرى توغرىسىدا.pdf
نبذة موسعة

 

 

ئاللاھنى يادئىتىپ زىكىر ئىيتىشنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىلىرى توغرىسىدا

 

 

1429/6/9ھـ / 2008- يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى

 

بىرىنچى خۇتبە

ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 

بارلىق ماختاشلار مەرتىۋىسى ئالى، كۈچ ـ قۇۋەتتە تەڭداشسىز، ھەرقانداق ئەھۋالدا بەندىلەرنىڭ ئاشكارا ـ يوشۇرۇن ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغان قۇدرەتلىك ئاللاھغا خاستۇر. ئاللاھنى ماختايمەن، ھەممىدىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن ۋە بىزگە بەرگەن چەكسىز نېئمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتىمەن، دائىم ئاللاھنى ياد ئىتىپ، يەككە ـ يىگانە ھىچ شېرىكى يوق دەپ گۆۋاھلىق بىرىمەن، كائىناتتىكى بارلىق جانلىقلارغا ياخشىلىق ۋە رەھمەت بىلەن ئېۋەتىلگەن يول باشچىمىز ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋاباتلىرىگە، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇلارغا  ئەگەشكەن كىشىلەرگە بۇلۇتلاردىن يامغۇر تامچىلىغاندەك ئاللاھنىڭ دائىملىق رەھمەت ـ سالاملىرى بولسۇن.

ئۆزۈمنى ۋە سىلەرنى ئاللاھقا تەقۋا بولۇشقا تەۋسىيە قىلىمەن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئى مۆمىنلەر! اﷲ قا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار،پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار». ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:« ئى مۆمىنلەر! اﷲنى كوپ ياد ئىتىڭلار، ئەتتىگەن ـ ئاخشام تەرەپلەردە ئاللاھقا كوپ ئىبادەت قىلىڭلار».

مۇسۇلمان دىگەن، ئاللاھنىڭ ھۆزۈرىدا ئوزىنىڭ شان ـ شەرىپىنى ئالى قىلىش، نەپسىنى پاكلاش ئۈچۈن دائىم ئاللاھنى ياد ئىتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنى يادئىتىش بولسا ئىنسان قەلبىنى يورۇتىدىغان نۇرلۇق چىراق. ئەگەر ئىنسان ئاللاھنى ياد ئەتمەيدىكەن ئىنسان بەدىنى قەلىبكە نىسبەتەن قاراڭغۇ ـ زۇلمەتلىك قەبىرگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ زىكرى داتلىشىپ كەتكەن قەلىبلەرنىڭ شىپالىق دورىسى، ئاپەتلەردىن مۇداپىئە قىلىدىغان، قىيىنچىلىق، غەم ـ قايغۇلارنى يىنىكلىتىدىغان سېھىرلىك كۈچ. ئاللاھنى ياد ئىتىش، ئىنسانلارنىڭ بىشىغا بالا ـ قازا، مۇسىبەت چۈشكەندە قوغدىلىنىدىغان قورغىنى، ئۆز بەخىت ـ سائادىتى ئۈچۈن تىجارەت قىلىدىغان ئاساسلىق سەرمايىسى، غەمكىن قەلىبنى شات ـ خورام قىلىپ خۇرسەنلىك بىلەن سۇغۇرىدىغان سائادەت بۇلىقى. ئاللاھنى يادئىتىش ئىنساننى تەمكىنلىككە يىتەكلەپ، تىلىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاراڭغۇ ـ زۇلمەتتە ھەقىقەتنى كۆرىدىغان كۆزلەرنى ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتكە قارىغۇچىلارنىڭ قەلىب كۈزلىرىنى روشەنلەشتۇرگەندەك كوپ زىكىر ئېتقۇچىلارنىڭ تىلىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.

ھەسەن ئەلبەسري(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دىگەن: ھەقىقى لەززەت ئۆچ خىل ئىشتا تىپىلىدۇ، نامازدا، ئاللاھنى ياد ئىتىشتە ۋە قۇرئان ئوقۇشتا ئەگەر بۇنىڭدىن لەززەت تاپالمىغان قەلىب تاشلاندۇق قەلىب ھىساپلىنىدۇ.

مالىك ئىبنى دىينار(ئاللاھ ئۇكىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دىگەن: ھىچ كىشى ھاياتتا، ئاللاھنى ياد ئەتكۇچىلەر زىكىر بىلەن لەززەتلەنگەندەك لەززەتلەنمەيدۇ.

ئەمەل ـ ئىبادەتلەر ئىچىدە؛ ئاللاھنى ياد ئىتىشتىنمۇ بەك لەززەتلىك، يەڭگىل، ئاسان ھەم كوپ قىلغىلى بولىدىغان ئىبادەت يوقتۇر.

ئاللاھنى ياد ئەتكۇچىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولۇپ ئاللاھنى يادئىتىشتىن ھەرگىز سۇسلىشىپ قالمايتتى، ئىبادەتلەردىن بوشۇشۇپ قالمايتتى، ئاللاھنى ئەسلىگەن ـ ياد ئەتكەن ۋاقىتتا تەنلىرى جۇغۇلداپ، يۇرىگى تىترەپ، قەلبى يۇمشاپ كىتەتتى.

ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دىگەن:«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن قۇرئان ئوقۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىۋىدى، مەن تېلاۋەت قىلىۋىتىپ ئاللاھ تائالانىڭ«بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە (ئى مۇھەممەد!)سېنى بۇلارغا (يەنى ئۈممىتىڭ ئىچىدىكى ئىمانسىزلارغا ۋە گۇناھكارلارغا)گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟ » دىگەن سوزىگە كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مۇشۇ ئوقۇغۇنۇڭ يىتەرلىك دىدى. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىشىمنى كۆتۈرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  قارىسام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلگىلى تۇرۇپتۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانى ئەسلەش ـ زىكىر قىلىشتا كىشىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممە سۆزلىرى، قىلغان ئىش ـ ھەركەتلىرى، باشقىلارنى بۇيرىغان ۋە چەكلىگەن شەرئى بۇيرۇقلىرىمۇ ئاساسەن ئاللاھنى ياد ئىتىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭ يۇرۇش ـ تۇرىشى، ئولتۇرۇپ ـ قوپىشى، ساقلىق ۋە ساقسىزلىق ۋاقىتلىرى، رۇكۇ ـ سەجدىلىرى ھەتتا ھەربىر نەپەس ئىلىشىمۇ ئاللاھنى ياد ئىتىشنى ئىپادىلەيتتى. سەھى مۇسلىم ۋە بۇخارىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر دائىم ئاللاھنى يادئىتىپ زىكىر ئېيتىپ تۇراتتى».

شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرمۇ دائىم ئولتۇرغان سورۇنلىرىنى ئاللاھنى زىكىر قىلىش ـ يادئىتىش بىلەن جانلاندۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان سۈننەتكە مۇۋاپىق زىكىرلەرنى ئېيتىش بىلەن كوزلىرىدىن ياش ئاققۇزاتتى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشاتتى. ساھابىلاردىن ئىرباز ئىبنى سارىيە، ساھابىلارنىڭ ئولتۇرغان سورۇنلىرىنى سۇپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەز ـ نەسىھەت قىلاتتى، ئۇنىڭ نەسىھەتلىرىدىن بىزنىڭ قەلىبلىرىمىز تىترەپ كوزلىرىمىزدىن ياش تۆكۈلەتتى».

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە(ئاللاھ ئۇكىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: سۈننەتكە مۇۋاپىق زىكىرلەرنى ئېيتقاندا يۇزبىرىدىغان ياش تۆكۈش، قەلىبنىڭ ئۆرتىنىشى، بەدەننىڭ تېترىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى قۇرئاندا بايان قىلىنغان.

بىركىشى ھەسەن ئەلبەسرى(ئاللاھ ئۇكىشىگە رەھمەت قىلسۇن) نىڭ قىشىغا كىلىپ قەلبىنىڭ قاساۋەتلىشىپ كەتكەنلىكىدىن شىكايەت قىلغاندا، ھەسەن ئەلبەسرى: ئۇكىشىگە قەلبىڭنى ئاللاھنى زىكىر قىلىش ـ يادئىتىش بىلەن يۇمشاتقىن دىدى.بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:«ئىنسان ئاللاھنى زىكىرقىلماي ـ يادئەتمەي بىكار ئوتكۇزىۋەتكەن ۋاقىتلىرى ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە بەك ھەسرەتلىنىدۇ». تىلنى ھەركەتلەندۇرۇپ، لەۋلىرىنى مىدىرلىتىشنىڭ ئوزى ئاللاھنى يادئەتكەنلىك ھىساپلانمايدۇ، ھەركەتلەنگەن تىل بىلەن مىدرلىغان لەۋلەرنىڭ مۈگۈدەپ قالغان قەلىبلەرگە تەسىرى بولمايدىكەن بۇنىڭ ئاللاھ ھوزۇرىدا ھىچ قانداق قېيمىتى بولمايدۇ. ئاللاھنى يادئىتىش ئاجىزلىقنى كۈچ ـ قۇۋەتكە، مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە، خارلىقنى ئىززەتكە، ئىككىلىنىشنى كەسكىنلىككە ئوزگەرتىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن:« (مۇشرىكلار تەرەپدارى بولغان)ئادەملەر ئۇلارغا: شەك- شۈبھىسىزكى،كىشىلەر(يەنى قۇرەيشلەر)سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى.ئۇلار:بىزگە اﷲ كۇپايە، اﷲ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي! دېدى».

 ئىنسان ھەربىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ياكى ئىككىلىنىپ قىلىپ تاللاشنى ئىختىيار قىلغاندا ناماز ئوقۇش ۋە ئاللاھنى يادئىتىشكە يۈزلىنىشى كىرەك. ئاللاھنى ياد ئەتكۇچىلەر ئوزىنىڭ دائىملىق ئېيتىدىغان زىكىردىن مەلۇم بىر ئۈلۈشنى ئادا قىلالمىغاندا چىكىدىغان ھەسرەت ـ ئەلەملىرى كىسەل كىشىنىڭ كىسەل ۋاختىدا ئوزىنىڭ تەن ساقلىقى ۋە پۇلدار كىشىنىڭ ماللىرىنى يوقۇتۇپ قويغاندا چىكىدىغان ئەلەملىرىدىن نەچچە ھەسسە زىيادە بولىدۇ. ئىمام تىرمىزى بىلەن ئىمام ئەھمەدنىڭ كىتاپىدا ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ ياخشىراقى بولغان ۋە رەببىڭلارنىڭ نەزىرىدە پاكراقى، ئەمەللىرىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە سىلەر ئۈچۈن ئالتۇن- كۈمۈش سەدىقە قىلغاندىنمۇ، دۈشمەنلىرىڭلارغا ئۇچرىشىپ سىلەر ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا، ئۇلار سىلەرنىڭ بوينۇڭلارغا قىلىچ ئۇرغاندىنمۇ ياخشىراق بولغان ئەمەلدىن خەۋەر بىرەيمۇ؟» دېدى. ساھابىلار: شۇنداق قىلسىلا ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى- دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« ئۇ بولسىمۇ اﷲ نى ياد ئېتىش» دېدى. ئابدۇللا ئىبنى بۇسەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى: ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى، ئىسلامدا قىلاي دېسەم ياخشى ئىشلار كۆپ، ماڭا بىر ئەمەلنى ئېيتىپ بەرسىلا، شۇنىڭغىلا ئېسىلاي- دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« تىلىڭ ھەمىشە اﷲ نىڭ زىكرى بىلەن نەمدەلسۇن» دېدى.                                                

ئې ئاللاھ! بىزنىڭ سىللىگە زىكىر ئېيتىشىمىز، شۈكرى ئېيتىشىمىز ۋە گۈزەل رەۋىشتە ئىبادەت قىلىشىمىزغا ياردەم بەرسىلە.                                    

ئاللاھ تائالا ماڭا ۋە سىلەرگە قۇرئان ـ كەرىمنىڭ سەۋەبى بىلەن بەركەت ئاتا قىلسۇن، ھەممەيلەننى ئاڭلىغان ئايەت ـ ھەدىسلەردىن مەنپەئەتلىنىشكە مۇيەسسەر قىلسۇن،ئاللاھتىن مىنىڭ ۋە باشقا بارلىق مۇمىن ـ مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھىنى كەچۇرۇم قىلىشىنى سورايمەن، ھەممىڭلار ئاللاھتىن كەچۇرۇم سوراڭلار. ئاللاھ گۇناھلارنى ئەڭ ياخشى كەچۇرۇم قىلغۇچىدۇر!                                  

ئىككىنچى خۇتبە

بارلىق گۈزەل ماختاشلار، ياخشىلىقى ئۈمۈت قىلىنىپ ئازاۋىدىن پاناھلىنىدىغان، يوقتىن پەيدا قىلغان، ئولگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۇرىدىغان، بەندىلەرنى كەچۇرۇم قىلغۇچى، تەقۋادارلارنى دوست تۇتقۇچى، ئۆزى ئىرادە قىلغان ئىشنى قىلغۇچى ئاللاھقا خاستۇر. ئۇ ئاللاھنى ھەرۋاقىت ماختايمىز ۋە شۈكرى ئېيتىمىز، بۈيۈك، چەكسىز شەرەپ ئېگىسى بولغان ئاللاھدىن ياردەم سورايمىز ۋە دائىم يادئىتىمىز، ھەممىدىن بىھاجەت بولغان ماختالغۇچى ئاللاھقا توۋبە قىلىمىز ۋە كەچۇرۇم تەلەپ قىلىمىز. ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق، يەككە ـ يىگانە دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ ۋە خالىغان كىشىنى توغرا يولدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە راستچىل ئىشەنچىلىك ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز.

ئې ئاللاھ !ئۆزلىرىدىن سىلىنىڭ ئەلچىلىرى ۋە بەندىلىرى، بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز موھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ پاك ئائىلە ـ تاۋاباتلىرىگە، بارلىق ئىسىل خىسلەتلىك ساھابىلىرگە، قىيامەتكە قەدەر ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ ماڭغان كىشىلەرگە رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز.              

ئۆزۈمنى ۋە سىلەرنى ئاللاھقا تەقۋا بولۇشقا تەۋسىيە قىلىمەن. ئاللاھنى ياد ئەتكۇچىلەر زىكىردىن ئىبارەت قورغاننىڭ ئىچىدە بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھنى يادئىتىشتىن غاپىل بولغاندا، بۇ قورغاننىڭ ئىشىگى ئىچىلىپ شەيتاندىن ئىبارەت دۈشمەنلەر ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە، ئۇلارنى سىرتقا سۆرەشكە ئۇرىنىدۇ، ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىش قىيىن بولىدۇ، شەيتانلار سۇقۇنۇپ كىرىپ ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا ۋە قەلىبلىرىنى كىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىماندىن يىراقلاشتۇرۇشقا  ئۇرىنىدۇ. ئاللاھنى ياد ئەتكۇچىلەر ئاللاھنى يادئىتىشكە كىرىشىپ كەتسە، ئۇنىڭ بىلەن بۇلارنىڭ  قايغۇ ـ ئەلەملىرى ۋە ھەسرىتى يەڭگىللەيدۇ، قىيىنچىلىقلىرى ئاسانلىشىدۇ. نوئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: سىلەر زىكىرلىرىڭلاردىكى، بۈيۈك ئاللاھنى پاكلاش، ماختاش، كاتتىلاش ۋە يەككە ـ يىگانە دەپ  بىلىشتىن ئىبارەت كەلىمىلەر ئاللاھنىڭ ئەرشى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، ئۇلاردا ھەرىلەرنىڭ غۇڭۇلدىغىنىدەك سادا بولىدۇ، ئۇلار ئوزلىرىنى دىگەن كىشىلەرنى ئەسلىشىدۇ، سىلەردىن بىرىڭلار ھەرۋاقىت ئوزىنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سوزلەرنىڭ بولىشىنى ياخشى كورمەمسىلە!؟» ئىبنى ماجە ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان.                              

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن  رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى:« مەن كۆچەت تىكىۋاتاتتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مىنىڭ يىنىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ مۇنداق دىدى:ئې ئەبۇ ھۇرەيرە نىمە تىكىۋاتىسەن؟دېدى. مەن: ئۆزۈم ئۈچۈن كۆچەت تىكىۋاتىمەن دىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ماڭا: مەن ساڭا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولغان بىر كۆچەتتىن خەۋەر بىرەيمۇ؟دىدى. مەن بولىدۇ خەۋەر بەرسىلە ئې ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ماڭا مۇنداق دىدى: سەن ئاللاھ پاكتۇر، ئاللاھنى ماختايمەن, ئاللاھدىن باشقا ھىچ ھەق ئېلاھ يوقتۇر ۋە ئاللاھ كاتتىدۇر دىگەن سۆزنى ئېيتساڭ ھەربىر سۆزنىڭ بەدىلىگە سەن ئۈچۈن جەننەتتە بىردىن كۆچەت تىكىلىدۇ». ئىبنى ماجەدە رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس.              

ئې ئاللاھ نىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇپ بۇنى ئالدى بىلەن ئوزى باشلىدى ئۇ بولسىمۇ: «اﷲ ھەقىقەتەن  پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ(يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلىدۇ،شەنىنى ئۇلۇغ قىلىدۇ،دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ) ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن(پەيغەمبەرگە)مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ،ئى مۆمىنلەر!سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار؛ چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققى چوڭدۇر،ئۇ سىلەرنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا  چىقارغۇچىدۇر».                                                   

ئې ئاللاھ ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋاباتلىرىغا رەھمەت ۋە مەغپىرەت يىلەيمىز. توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرنىڭ جۇملىسىدىن ئەبۇبەكرى، ئومەر، ئوسمان، ئەلى(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بارلىق ساھابىلىرى، ئۇلارغا  قىيامەتكىچە ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەردىن رازى بولغىن!

 ئې ئاللاھ! بىزدىنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئۆزۈڭنىڭ رەھمىتىڭ، نېئمىتىڭ ۋە خەيرى ـ ئىھسانىڭ بىلەن رازى بولغىن!

ئې ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئىززەتلىك قىلغىن! كاپىرلار ۋە مۇشرىكلارنى خارقىلغىن! سىنىڭ ۋە دىنىڭنىڭ دۇشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن.بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرىنى تىنىچ ـ پاراۋان خاتىرجەم، باياشات قىلغىن. ئې ئاللاھ ! بىز سەندىن توغرا يول، تەقۋادارلىق، ئىپپەتلىك، ھايالىق بولىشىمىزنى ۋە باشقىلاردىن بىھاجەت قىلىشىڭنى سورايمىز. سەندىن ياخشىلىقنىڭ ئاچقۇچىنى، ئۇنىڭ جەۋھىرىنى، تۇگەنچىسىنى، ئەۋۋىلىنى ۋە ئاخىرىنى سورايمىز. جەننەتتە بىزنىڭ دەرىجىمىزنى ئۇستۇن قىلغىن. بىزنى گۈزەل ئەدەپ ـ ئەخلاققا يىتەكلىگىن، ئۇنىڭغا سەندىن باشقا ھىچ كىم يىتەكلىيەلمەيدۇ. ناچار ئەخلاقلاردىن ساقلىغىن، ئۇنىڭدىن سەندىن باشقا ھىچ كىم ساقلىيالمايدۇ.

ئې ئاللاھ !بىرنىڭ مەنپەئەت ۋە زىيانلىرىمىزدا ياردەمچى بولغىن. بىزگە غەلبە ئاتا قىلغىن، مەغلۇبىيەت بىغىشلىمىغىن. بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن، بۇ يولنى بىزگە ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن، بىزگە قارشى تۇرغۇچىلارنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق بىزگە ياردەم بەرگىن.

ئې ئاللاھ! بىزنى دائىم ساڭا شۈكرى ئېيتىدىغان، يادئىتىدىغان، سىنى سىغىنىدىغان، سىنىڭ تەرىپىڭگە ئىمان بىلەن قايتىدىغان كىشىلەردىن قىلغىن.

 ئې ئاللاھ! بىزنىڭ تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، ئىمانىمىزنى  مۇستەھكەم قىلغىن. تىلىمىزنى توغرا سۆزلۈك قىلغىن. غەمكىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەم ـ قايغۇلىرىنى يىنىكلەتكىن، قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرغىن، قەرىزگە چۇشۇپ قالغانلارنىڭ قەرزىنى تۇگۇتىۋەتكىن. بىزنىڭ ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كىسەللىرىگە شىپالىق بەرگىن، سىنى يەككە ـ يىگانە دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سىنىڭ پەيغەمبىرىڭ دەپ گۇۋاھلىق بىرىپ شۇ ھالەتتە ۋاپات بولغان بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغىن.

ئى اﷲ!  ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارغا رەھمەت قىلغىن، ئۇلارنى سالامەت قىلغىن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، جەننەتتىكى نېسىۋىسىنى ياخشى قىلغىن، قەبرىسىنى كەڭ قىلغىن. ئې ئاللاھ !دۇنيانىڭ ھەممى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان قىرىنداشلارنى مۇھاپىزەت قىلغىن. پەلەستىندىكى،ئىراقتىكى ۋە باشقا  ئىزىلىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزغا چىقىش يولى بەرگىن. مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى بىرلەشتۇرگىن، سىپىنى بىرلەشتۇرگىن، ئارىسىنى ئىسلاھ قىلغىن، قاراڭغۇ ـ زۇلمەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ھىدايەت نۇرىغا باشلىغىن.

 ئې ئاللاھ !سەن بىر، يەككە ـ يىگانىسەن، سەندىن باشقا ھېچقانداق ھەق ئېلاھ يوق، سىنىڭ كىشىلەرگە ھاجىتىڭ يوق، بىز سىنىڭ رەھمىتىڭگە ئىھتىياجلىق،بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن، بىزنى ئۈمۈتسىز قويمىغىن. ئې ئاللاھ بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن، ئې ئاللاھ بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن، ئې ئاللاھ بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن. ئې ئاللاھ شەھەرلەرنى، خەلىقلەرنى، ھايۋاناتلارنى يامغۇر بىلەن سۇغارغىن، بىزنى ئۈمۈتسىزلەردىن قىلمىغىن، بىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن،بىزنىڭ قەلبىمىزنى ۋە شەھەرلىرىمىزنى ئۆز رەھمەتىڭ بىلەن سۇغارغىن. بىزگە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان يول باشچىمىزنى سەن رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كورىدىغان ئىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، ياخشىلىق ۋە تەقۋالىققا يىتەكلىگىن،بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرى بىلەن، شەرىئەت بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان كىشىلەردىن قىلغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق،ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ،بىزگە رەھىم قىلمىساڭ،بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز ، پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن، پەرۋەردىگارىمىز!ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق(يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)،بىزنى جازاغا تارتمىغىن.پەرۋەردىگارىمىز!بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش،بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن(يەنى بىزنى قىيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن)،پەرۋەردىگارىمىز!كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن،بىزنى كەچۈرگىن،بىزگە مەغپىرەت قىلغىن،بىزگە رەھىم قىلغىن،سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن،كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن، پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيا ـ ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن. بىزنى دوزاخ ئازاۋىدىن ساقلىغىن.

ئې ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا،خەيرى ـ ئىھسان قىلىشقا، ئۇرۇق ـ تۇققانلارغا، پىقىر ـ مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىيدۇ، پاھىشە ئىشلاردىن ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتىن، ئىسلام ھاكىمىيتىگە قارشى چىقىشتىن توسىدۇ، سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىپ مەنپەئەت ئىلىشىڭلار سىلەرگە بۇنى ئەسلىتىپ ئوتىدۇ، سىلەر ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، سىلەر قەسەمنى بىكىتكەندىن كىيىن بۇزىۋەتمەڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر بۇ ئىشقا ئاللاھنى ۋەكىل قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋ اتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ, ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرساڭلار ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاللاھقا شۈكرى ئېيتساڭلار ئاللاھ سىلەرگە نېئمىتىنى زىيادە قىلىپ بىرىدۇ، ئاللاھنى يادئىتىش ئەڭ بۈيۈك ئىشتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.

 

 

موضوعات متعلقة ( 1 )
Go to the Top