وما نقموا منهم إلا أن يؤمنوا بالله العزيز الحميد

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: وما نقموا منهم إلا أن يؤمنوا بالله العزيز الحميد
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه خطبة جمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ علي بن عبد الرحمن الحذيفي 12/1/1430هجري ، وبين فضيلته في خطبته فضل الإسلام على الأديان الأخرى، ما قدم المسلمون في التاريخ في التقدم البشرية، وأسباب المهمة التي أدت لإنشقاق المسلمين وفقد هويتهم، وطبيعة عدو الله وعدو المسلمين في القرآن والسنة، ومكانة البيت المقدس لدى المسلمين في العالم.
تأريخ الإضافة: 2009-01-25
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/192005
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئۇلار مۆمىنلەرنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆرىدۇ
450.5 KB
فتح: ئۇلار مۆمىنلەرنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆرىدۇ.doc
2.
ئۇلار مۆمىنلەرنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆرىدۇ
114.2 KB
فتح: ئۇلار مۆمىنلەرنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆرىدۇ.pdf
نبذة موسعة

 

ئۇلار مۆمىنلەرنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆرىدۇ

 

2009-يىلى 01-ئاينىڭ 09- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ خاتىپى جۈمە نامىزىغا جۇغلاشقان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، «ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

مۇسۇلمانلار ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىشى لازىم، چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئارقىلىق ئىنسانلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەت بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا رەھمەت قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە مۇسۇلمانلار ئىنسانىيەت دۇنياسىغا مەنپەئەتلىك ئېلىم، ئادىللىق، تىنچلىق، رەھىمدىللىق، مەدەنىيەت ۋە گۈزەل-ئەخلاقتىن ئىبارەت تارىختا ئۆتكەن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر  تەقدىم قىلالمىغان ئېسىل سوۋغىلارنى تەقدىم قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ.

ھەقىقەتەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقى ئىز باسارى بولۇپ ئاللاھ پەيغەمبىرىمىزنى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىشكە بۇيرىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى ھەق دىن بولۇپ ئۆزگەرتىش ۋە ئالماشتۇرىلىشتىن خالى بولىدىغانلىقىغا ئاللاھ تەرىپىدىن كاپالەت بىرىلگەن دىندۇر. ئەمما ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنلىرى كىشىلەر تەرىپىدىن غەرەزلىك ۋە غەرەزسىز ئۆزگەرتىلگەن ۋە ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر زالالەت يولىغا كىرىپ كەتتى.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كېلىشتىن ئىلگىرى ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ تەلىماتىغا بويسۇنۇپ ئۇنىڭدىن كىيىنكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئىشەنگەن ۋە ئەگەشكەن كىشىلەر ھەقىقى مۇسۇلمانلاردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۇسا: ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھغا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىڭلار(يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھغا تاپشۇرۇڭلار، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار دېدى». يەنى ئەھلى كىتابتىن كىمىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرىدىكەن ئۇنىڭغا قوش ئەجىر بېرىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئاندىن ئىلگىرى بىز كىتاب(يەنى ئىنجىل، تەۋرات) نازىل قىلغانلار(يەنى يەھۇدىي ناسارالارنىڭ مۆمىنلىرى) قۇرئانغا ئىشىنىدۇ، ئۇلارغا قۇرئان نازىل قىلىنغان چاغدا، ئۇلار: بىز قۇرئانغا ئىشەندۇق، شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر، بىز ھەقىقەتەن  بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدۇق دەيدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان سەۋرى-تاقىتى ئۈچۈن ئۇلارغا قوش ساۋاپ بېرىلىدۇ، ئۇلار ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى دەپئى قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ».  

ئەھلى كىتابتىن كىمىكى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمەيدىكەن ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھغا ئىشەنمىگەن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى ئىنكار قىلغانلار، ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مىنىڭ جېنىم قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مىنىڭ پەيغەمبەر بولغانلىقىمنى ئاڭلاپ مىنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشەنمىگەن يەھۇدىي-ناسارالارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىدۇ».          

ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار ئىنسانىيەتكە ياخشى تەسىراتلارنى بەرگەن ھەمدە ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنىڭ قولى بىلەن ئىنسانىيەتكە نۇرغۇن تەرەققىيات، گۈللىنىش ۋە ياخشى ئىشلارنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەمما دىن دۈشمەنلىرى ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك ھىلە-نەيرەڭلەرنى ئىشلەتتى، نەتىجىدە ئىنسانىيەتكە ئۆزىنىڭ قەبىھ ئەپتى بەشىرىسىنى ئاشكارا قىلدى. بولۇپمۇ كىيىنكى ئەسىرلەردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ھەر-تۈرلۈك  بېسىمى ۋە زۇلىمىغا دۈچ كەلدى. دىن دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلار ھاكىمىيىتىنى يىقىتتى ۋە نۇرغۇن شەھەرلەرنى بېسىۋالدى. بۇ ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ دىنىنى، مىللى مەنپەئەتىنى، ئىززەت ئابرۇيىنى، ۋەتىنىنى ۋە بايلىقىنى قوغداش ئۈچۈن زۇلۇمغا قارشىلىق بىلدۈردى. بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، گاھىدا مەغلۇبىيەتلەرگىمۇ دۈچ كەلدى.

دىن دۈشمەنلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنىنى بېسىۋېلىشى ۋە ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى بىر قانچە سەۋەبلەردىن بولۇپ، بۇنىڭ بىرى: مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز دىنىغا تولۇق ئەمەل قىلماسلىقى، ھەر تۈرلۈك بىدئەتلەرنىڭ پەيدا بولىشى، ئىتتىپاقسىزلىق ۋە كۆز- قارىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە پىكىر بىرلىكى تۇرغۇزالماسلىقى، ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلمەسلىكى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

دىن دۈشمەنلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلالىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى؛ ئۇلارنىڭ ھەق دىنغا بولغان ئۆچمەنلىكى، ئىسلامغا قارشى تۇرۇشتا بىرلىشەلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى بۇزىدىغان، ساپ ئەقىدە، ئىبادەت، گۈزەل ئەخلاقلىرىنىڭ ماھىيىتىنى خۈنۈكلاشتۇرۇش ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق بىر يەڭدىن باش چىقىرالىشىدىن ئىبارەتتۇر.

بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان ئەمەلىي ۋەقەلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىققا دۈچ كېلىشى، دۇنيادىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنى ھىمايە قىلىش ئورگانلىرىنىڭ قۇلاقلىرىنى يوپۇرۇۋىلىشى، ئۆزىنىڭ دىنىنى، ۋەتىنىنى ۋە بايلىقىنى، ئىززەت- ئابرۇيىنى قوغداشتا زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىدىغان خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىشى بىلەن بولاۋاتىدۇ. بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن باشقا بىرەر تەرەپنىڭ ياردىمىنى ئۈمىت قىلمايمىز. دىن دۈشمەنلىرىدىن بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلمايمىز. بىز دىندا مۇستەھكەم تۇرىدىكەنمىز  ئاللاھ بىزگە ياردەم بېرىدۇ ۋە ئىشلىرىمىزنى ھەل قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر».

بىز دۇنياغا شۇنى ئېلان قىلىمىزكى!، قارار چىقىرىدىغان خەلقئارا جەمئىيەتلەر زۇلۇم قىلغۇچى بىلەن زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ ئارىسىنى قەستەنلىك بىلەن ئايرىمىدى. بىلمىدۇق! ئۇلارغا قېرىلىق يەتتىمۇ ياكى غەززىدە بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىق ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇ سەزگۈلىرىنى يوق قىلىۋەتتىمۇ؟ .

مۇسۇلمانلار ئۆز قىيىنچىلىقلىرىنى ئۆزى ھەل قىلىشقا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى دىن دۈشمەنلىرى ھەرگىزمۇ ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىق قىلمايدۇ. ھازىر بولىۋاتقان ۋەقەلىك شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، دىن دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلارغا خىجىل بولماستىن، ھايا قىلماستىن ياكى قورقماستىن  ئىككى خىل مۇئامىلە قىلىدۇ، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان ھاياتلىقتا ياخشىلىق بولمايدۇ ۋە بۇنداق جەمئىيەتتە ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ بارلىقىدىن سۆز ئاچمىساقمۇ بولىدۇ. ھازىرقى ئەھۋاللارنى ھەر بىر مۇسۇلمان ئوچۇق كۆرۈۋاتىدۇ، دىن دۈشمەنلىرى  ھىلە- نەيرەڭ ئىشلىتىپ، ئۆز چاڭگىلىدىكى مېدىيا ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئۆزى خالىغان بويۇنچە تەشۋىقات قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ قالالمىدى.

مۇسۇلمانلار زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مەسىلە پەقەت پەلەستىن مەسىلىسى بولماستىن بەلكى پۈتۈن دۇنياغا تونۇشلۇق بولغان، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭۈل بولىشى ئىمانى مەجبۇرىيەت دەپ قارالغان، ئىسلام دىنىدا ئۇلۇغلىنىشى كۆرسىتىلگەن ئۈچىنچى ھەرەم توقۇنىشىدىن ئىبارەتتۇر. پەلەستىن خەلقى بۇلاڭچى يەھۇدىيلارنىڭ قولىدا چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم، قىرغىنچىلىق، سۈرگۈن قىلىنىش قاتارلىق ئېغىر سىناقلارغا ئۇچرىدى. پەلەستىن خەلقى ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش، بۇلانغان ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش، زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، خەلق مەنپەئەتىنى قوغداپ ئۆز دۆلىتىنىڭ پايتەختىنى قۇددۇس قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھارماي كۆرەش قىلىۋاتىدۇ. پەلەستىن خەلقى مۇستەقىللىق يولىدا، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىك، خورلۇق، رەھىم -شەپقەت، ئادىللىق، گۈزەل ئەخلاق يوقالغان نەچچە ئونلىغان ئۇرۇش قىرغىنچىلىقىنى باشتىن كەچۈردى. مانا ھازىر مۇھاسىرىدىكى غەززە خەلقى ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە ھاۋادىن، قۇرۇقلۇقتىن ۋە دېڭىزدىن بومباردىمان قىلىنىۋاتىدۇ، ياشانغانلار، ئاياللار، كىچىك بالىلار ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار ئاللاھنىڭ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان تاجاۋۇزچى يەھۇدىيلارنىڭ زۇلمىدىن، قورشاۋىدىن ئۇرۇش قىرغىنچىلىقىدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ نالە-پەرياد قىلىۋاتىدۇ.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىشىنى تارىخ ھەرگىزمۇ كەچۈرمەيدۇ. پەلەستىن خەلقى غەززىدە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە ئۆزىنى، ئاجىزلارنى ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداپ ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. ھەقىقەتنى قوغداپ ئۇرۇش قىلىش قىيىن ۋە جاپالىق بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا بۇ شەرەپكە ئۆزى خالىغان بەندىلىرىنى نائىل قىلىدۇ. ئۇلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشى نەتىجە ئاتا قىلىدۇ.  ھەقنى قوغداشتا قۇرئان-ھەدىسكە چىقىش قىلىش زۆرۈر بولغاندەك، بىرلىشىپ- ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز-ئارا ئىختىلاپنى تۇگۇتۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئاغامچىسىغا(يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار، (يەنى سىلەردىن ئىلگىرىكى يەھۇدىي ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار) ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆز-ئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۆز ئارا قېرىنداش بولدۇڭلار».

دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ  پەلەستىندە، غەززىدە شەھىد بولغانلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىشى، مۇجاھىدلارنىڭ قانلىرى ئەھمىيەتسىز ئېقىپ كەتمەسلىكى، ئۇلارنىڭ جېنىنى، مېلىنى، ئىززىتىنى قوغداش يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، ئىسلاھ قىلىپ ھەددىدىن ئاشقۇچى يەھۇدىي تاجاۋۇزچىلىرى ئۈستىدىن غەلبە ئاتا قىلىشىنى ۋە ئىسلامغا-مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى.

 

 

Go to the Top