ترك الأخذ بالأسباب بحجة التوكل على الله

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: ترك الأخذ بالأسباب بحجة التوكل على الله
اللغة: أيغوري
ترجمة: محمد يوسف
نبذة مختصرة: بعض المسلمين يقول بترك الأخذ بالأسباب ، بحجة التوكل على الله والتسليم لقضائه وقدره ، فهل هذا الكلام صحيح ، وما هو المذهب الصحيح ؟.
تأريخ الإضافة: 2008-07-04
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/156629
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش باھانىسى بىلەن سەۋەپ قىلماسلىق
1.1 MB
فتح: ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش باھانىسى بىلەن سەۋەپ قىلماسلىق.doc
2.
ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش باھانىسى بىلەن سەۋەپ قىلماسلىق
133.2 KB
فتح: ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش باھانىسى بىلەن سەۋەپ قىلماسلىق.pdf
نبذة موسعة

 

ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش باھانىسى بىلەن سەۋەپ قىلماسلىق


سوئال نومۇرى 11749

 

سوئال:

بەزى مۇسۇلمانلار ئاللاھقا تەۋەككەل قىلىش باھانىسى بىلەن سەۋەب قىلماستىن، بۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى دەپ قانائەتلىنىپ تىرىشمايدىكەن، بۇ قىلغىنى دىنىمىزدا توغرىمۇ؟ بۇ توغرىدا چۈشەنچە بىرىلگەن بولسا.

جاۋاب:

ئىسلام مىللىتى ناھايىتى ئۇزۇن تارىختىن باشتىن كەچۈردى. ئېغىر كۈنلەرنى كەچۈردى. ئىسلام ئۇممىتى ھەر قىيىنچىلىقتىن ئوچۇق تەپەككۇر، توغرا پىكىر ۋە توغرا تەسەۋۋۇر بىلەن چىقىپ كەلدى. سەۋەب ۋە سەۋەبلەرنىڭ تۈرتكىلىرى ھەققىدە ئىزدىنەتتى. ئىشلارنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە نەتىجىلىرى ھەققىدە باش قاتۇراتتى. ھەر ئىشنىڭ سەۋەبلىرىنى قولدىن بەرمەيتتى. ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىززىتى ۋە شەرىپى ئۆزىگە قايتاتتى.

ئەمما ھازىرقى ئەسىرلەردە ئىسلام ئۇممىتىنى جاھالەتلەر قاپلىۋالغان. كۇپرىلىق ۋە غەربلىشىش ئىللەتلىرى چىرمىۋالغان. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىدئەت ۋە زالالەت كۆپىيىپ كەتكەن. كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار قازا ۋە قەدەرنىڭ مەنىسىنى سەۋەبسىز ئولتۇرىۋېلىش دەپ چۈشىنىپ، كېرەكلىك مۇھىم ئىشلاردا سەۋەب قىلىش، تەپەككۇر قىلىشنى ئۇنۇتتى. ئۇلار كۆڭلىدە ئاللاھ ھەممىگە قادىر بولغاندىكىن سەۋەب قىلمىساقمۇ ئاللاھ خالىغىنى بولىدۇ. دەڭ ئويلىدى. بۇ ھورۇنلۇقنىڭ ۋە پاسسىپلىقنىڭ ئەڭ ئۇچىغا چىققان تۈرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىرادىسى دائىرىسىدىكى ئىشلارنىمۇ تەقدىرگە ئارتىپ قويۇپ سەۋەب قىلمايدىغان، ھەتتا كىشىلەرنى دىنغا چاقىرىش، ۋەز- نەسىھەت قىلىش، ئىلىم مەرىپەت تارقىتىش، دىن دۈشمەنلىرىگە رەددىيە بېرىش، خاتا پىكىرلەرگە قارىشى تۇرۇش ئىشلىرىنىمۇ تەرك ئېتىپ يېتىۋالماقتا. بۇ ناھايىتى ئېغىر مۇسىيبەت ۋە چوڭ خەتەردۇر.

ئەسلىدە سەۋەبلەرنى قولدىن بەرمەسلىك ئىمانغا زىت كەلمەيدۇ. قازا ۋە قەدەرگە زىت كەلمەيدۇ. سەۋەپ قىلىشنىڭ ئۆزى ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر. سەۋەپ قىلىشنىڭ ئۆزى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىندۇر. ئاللاھ بىزدىن بەزى ئىشلارنى تەلەب قىلىدۇ ۋە بىز بىلەن بەزى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر. چۈنكى ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئۇنىڭ قولىدىدۇر. لېكىن ئۇ بۇ كائىنات ئۈچۈن مەلۇم قانۇن - پرىنسىپلارنى بېكىتتى. ئاللاھ بۇ قانۇنلارنى بۇزۇشقا ۋە ئەكسىچە ئىش قىلىشقا قادىر بولسىمۇ، ئۇنى شۇ بويىچە يۈرگۈزۈشنى خالايدۇ.

ئاللاھ كاپىرلارغا قارشى مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىشقا قادىردۇردىگەنلىك، مۇسۇلمانلار سەۋەب قىلماستىن جىم ياتسىمۇ ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى سەۋەبسىز غەلىبە مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكى شەخسنىڭ ۋە جامائەتنىڭمۇ ئۇنىڭغا قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇنىڭغا خاس بولغان سۈپەتتۇر. بەندىنىڭ بىر ئىشقا قادىرلىق سۈپىتىمۇ ئۆزىگە خاس سۈپەتتۇر. ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىش بىلەن بەندىنىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن چەكلىك قۇدرىتى بىلەن ئاللاھ بۇيرىغانلارنى ئورۇنلاشقا داۋام قىلىش ئوتتۇرىسىنى ئارىلاشتۇرىۋېتىشتىن سەۋەب قىلماي ئولتۇرىۋېلىشتەك پاسسىپلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. گېرمانىيىلىك شەرقشۇناس مۇسۇلمانلارنىڭ كېيىنكى ئەسىرلەردىكى چۈشكۈنلۈك ھالىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ. ئۇنىڭ بەلگىلىگەنلىرىگە رازىلىق بىلدۈرىدۇ. ئۆزى ئىگە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ئاللاھقىلا بويسۇندۇرىدۇ»دېگەن.

بۇ ئىتائەتچانلىقنىڭ ئىككى خىل تەسىرى بولۇپ، ئىسلامنىڭ ئىلگىرىكى ئەسىرلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىشىغا، مۇسۇلمانلار ئەسكەرلەرنى پىداكارلىققا ئۈنىدىگەن بولسا،  كېيىنكى ئەسىرلەردە ئۇلارنىڭ  دۇنيادىكى يېڭىلىقلارنى ئۇگۇنۇشكە تىرىشماشتىن ھەممىنى ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە ئارتىپ قويۇشىنىڭ ئۆزى تۇرغۇنلىقىغا، ئىلگىرلىمەسلىكىگە سەۋەب بولغان.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ھەمەدنىڭ قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۇرۇش ناملىق ئەسىرىدىن پايدىلاندى.

(دىمەك، ئىنسان ھەر-قانداق ئىشلىرىدا سەۋەپ قىلماستىن «ئۇجمە پىش ئاغزىمغا چۈش» دەپ كۆرىدىغان كۈنۈم شۇكەن،ماڭا ئاللاھنىڭ نىسىپ قىلغان ھاياتى مۇشۇكەن دەپ قىمىرلىماستىن قۇدۇقتىكى پاقىدەك يىتىشنىڭ ئۆزى ئىسلام پىرىنسىپىغا زېت بولۇپلا قالماستىن مۇسۇلمان ئەخلاقىغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس.ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى كەڭرىدۇر، مۇسۇلمان ئۇنىڭدىن ئۈمۈتسىز بولماستىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتىنىڭ گۈزەل بولىشى ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە تىرىشىپ -تىرمىشىپ بۇ گۈزەل ئەخلاقنى كىلىچەك ئەۋلادلارغا تەبەسسۇم بىلەن تەقدىم قىلالىشى ئىمانى ۋە ئىنسانى بۇرچنىڭ ئەڭ يۇكسەك مەقامىدۇر.-مۇھەررىر )

Go to the Top