الصبر على البلاء فضله ومنزلته

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: الصبر على البلاء فضله ومنزلته
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذا ملخص من خطبة الجمعة في المسجد الحرام بمكة المكرمة ألقاها فضيلة الشيخ الدكتور أسامة بن عبدالله خياط 24/12/1430 هجري، تحدث-حفظه الله-عن الابتلاء في الاسلام والحكمة منه والآثار المترتبة عليه وموقف المسلم منه وجزاء الصبر عليه في الدنيا والآخرة وضرورة الأمل في رحمة الله وفضله .
تأريخ الإضافة: 2010-01-01
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/262020
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
مۇسىبەتكە سەبرى قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
317.5 KB
فتح: مۇسىبەتكە سەبرى قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا.doc
2.
مۇسىبەتكە سەبرى قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
141.3 KB
فتح: مۇسىبەتكە سەبرى قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا.pdf
نبذة موسعة

 

مۇسىبەتكە سەبرى قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

 

2009- يىلى 12- ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ۋە رەسۇلۇللاھقا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا،"مۆمىن ئۆزىنىڭ ئىرادىسىدىن تاشقىرى يۈز بېرىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەرگە سەبرى قىلىش، ھەمدە ساۋاپ ئۈمىت قىلىش كېرەك" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

 ئى مۇسۇلمانلار! زاماننىڭ قاتتىقچىلىقلىرى، قاراڭغۇ كېچىلەر، ئىنسان بېشىغا ئىنساننىڭ ئىرادىسىدىن تاشقىرى يۈز بېرىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەر ھەممىسى ئىنساننى سىنايدىغان، مۆمىنلەر ئۈچۈن ئىمانىنى سىنايدىغان بۈيۈك سىناقلاردۇر.

بالا- قازا، مۇسىبەتلەرگە سەبرى قىلىش بىلەن بىرگە ساۋاپ ئۈمىت قىلىش مۆمىننىڭ پەخرىدۇر. مۇسىبەتلەرگە سەبرى قىلالمىغانلار ئۈچۈن  بالايى -ئاپەت ئاللاھنىڭ غەزىپىدۇر.

بەندىنىڭ ئىمانىغا بېقىپ ئاللاھنىڭ سىناقلىرى، بالا-مۇسىبەتلەر كېلىدۇ، بەزىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېقىنلىرى، بالا-چاقىلىرى،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كېتىپ قېلىشى بىلەن سىنىلىدۇ. ئىنسانلار ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى قىممەتلىك كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، بۇنداق مۇسىبەتلەرگە سەبرى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ بۈيۈك ئەجرى-ساۋاپ ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ زىيانلىرى بەدىلىگە بۇرۇنقىدىن ياخشىراق بەدەل بېرىپ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ.

بەزى كىشىلەر پاراۋانلىق تۇرمۇشتىن كېيىن قىيىنچىلىقلار بىلەن سىنىلىدۇ، توقلىقتىن كېيىن ئاچارچىلىقلار بىلەن سىنىلىدۇ، تىجارەتتە راۋانلىقتىن كېيىن بازار كاساتلىقى بىلەن سىنىلىدۇ، بەزىلەر ئۆيلىرىنىڭ ۋەيران بولىشى بىلەن سىنىلىدۇ، بەزىلەر ئائىلىسىنىڭ بالا-چاقىلىرىنىڭ ناچارلىقى بىلەن سىنىلىنىدۇ، بەزىلەر بولسا ھەر تۈرلۈك ئېغىر كېسەللەر بىلەن سىنىلىنىدۇ. بۇنداق سىناقلار ھەممىسى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى مۇشۇ دۇنيادا سىنايدىغان سىناقلىرى بولۇپ، بەندە ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە باياشات تۇرمۇشتا بولسۇن، قاتتىقچىلىقتا بولسۇن شۈكۈر قىلامدۇ ياكى نا شۈكۈرلۈك قىلامدۇ دېگەن ئاساستا سىنايدۇ. ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇلارنى سىنىمىسىمۇ ئەھۋالىنى ۋە قانداق مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ. ئەمما ئەتراپتىكىلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن سىنايدۇ.

ھەقىقىي سادىق مۇسۇلمان بېشىغا مۇسىبەت كەلگەندە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە سەبرى قىلىش بىلەن بېشىغا كەلگەن بالا-مۇسىبەتكە سەبرى قىلىدۇ. مۆمىن بېشىغا كەلگەن ھەرخىل مۇسىبەتلەرگە قارىتا ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىدۇ، بالا-مۇسىبەتلەرگە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەيدۇ، بالاغا سەبرى قىلىش مۆمىنلەرنىڭ خىسلىتىدۇر. سەبرى قۇرئان كەرىمدە 90 ئورۇندا زىكىر قىلىنغان، ئاللاھ مۆمىنلەرنى سەبرى قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ سەبرى قىلغۇچىلارغا بىشارەت بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىز سىلەرنى بىر ئاز قورقۇنچ بىلەن، بىر ئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان- زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن». بەقەرە سۈرىسى 155-ئايەت.

بەندىنىڭ بېشىغا مۇسىبەت قانچە كۆپ كەلسە، گۇناھ-مەسىيەتلىرىنىڭ يۇيۇلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئاللاھ رەھىم قىلغان ئىنسانغا مۇسىبەتلەر كېلىپ تۇرىدۇ. مۆمىن ئۈچۈن مۇسىبەت ئاللاھنىڭ رەھمىتى سۈپىتىدە بولۇپ، بەندە ھېچقاچان ئاللاھدىن رەنجىمەيدۇ. ئاللاھنىڭ بەندىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى سان ساناقسىز بولۇپ، ھەرقانچە كۆپ بالا-مۇسىبەتلەر كەلسىمۇ يەنىلا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى ئالدىدا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. بەندە مۇسىبەتكە گىرىپتار بولغانىكەن، بۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم. سىناق ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىكەن، سىناقتىن ياخشى ئۆتۈشكە تىرىشىشى لازىم. سىناقتىن ئۆتۈش؛ ئاللاھقا سەبرى قىلىش، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، ئىنساندەك ياشاش ئۈچۈن ھارماي-تالماي تىرىشىپ، ئىجتىمائىي ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتا قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

Go to the Top