مۇسىبەتكە سەبرى قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: مۇسىبەتكە سەبرى قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 24/12/1430ھـ 2009-يىلى12-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلماننىڭ ئىمانىغا كۆرە سىناققا دۇچ كېلىشى ۋە ئۇنىڭدىكى ھىكمەت، مۇسۇلماننىڭ مۇسىبەتكە تۇتىدىغان پوزىتسىيىسى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا ئاخىرەتتىكى نەتىجىسى، ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇشنىڭ رۆرۈرلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-01-01
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/262019
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
مۇسىبەتكە سەبرى قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
317.5 KB
: مۇسىبەتكە سەبرى قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا.doc
2.
مۇسىبەتكە سەبرى قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
141.3 KB
: مۇسىبەتكە سەبرى قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

مۇسىبەتكە سەبرى قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

 

2009- يىلى 12- ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ۋە رەسۇلۇللاھقا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا،"مۆمىن ئۆزىنىڭ ئىرادىسىدىن تاشقىرى يۈز بېرىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەرگە سەبرى قىلىش، ھەمدە ساۋاپ ئۈمىت قىلىش كېرەك" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

 ئى مۇسۇلمانلار! زاماننىڭ قاتتىقچىلىقلىرى، قاراڭغۇ كېچىلەر، ئىنسان بېشىغا ئىنساننىڭ ئىرادىسىدىن تاشقىرى يۈز بېرىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەر ھەممىسى ئىنساننى سىنايدىغان، مۆمىنلەر ئۈچۈن ئىمانىنى سىنايدىغان بۈيۈك سىناقلاردۇر.

بالا- قازا، مۇسىبەتلەرگە سەبرى قىلىش بىلەن بىرگە ساۋاپ ئۈمىت قىلىش مۆمىننىڭ پەخرىدۇر. مۇسىبەتلەرگە سەبرى قىلالمىغانلار ئۈچۈن  بالايى -ئاپەت ئاللاھنىڭ غەزىپىدۇر.

بەندىنىڭ ئىمانىغا بېقىپ ئاللاھنىڭ سىناقلىرى، بالا-مۇسىبەتلەر كېلىدۇ، بەزىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېقىنلىرى، بالا-چاقىلىرى،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كېتىپ قېلىشى بىلەن سىنىلىدۇ. ئىنسانلار ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى قىممەتلىك كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، بۇنداق مۇسىبەتلەرگە سەبرى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ بۈيۈك ئەجرى-ساۋاپ ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ زىيانلىرى بەدىلىگە بۇرۇنقىدىن ياخشىراق بەدەل بېرىپ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ.

بەزى كىشىلەر پاراۋانلىق تۇرمۇشتىن كېيىن قىيىنچىلىقلار بىلەن سىنىلىدۇ، توقلىقتىن كېيىن ئاچارچىلىقلار بىلەن سىنىلىدۇ، تىجارەتتە راۋانلىقتىن كېيىن بازار كاساتلىقى بىلەن سىنىلىدۇ، بەزىلەر ئۆيلىرىنىڭ ۋەيران بولىشى بىلەن سىنىلىدۇ، بەزىلەر ئائىلىسىنىڭ بالا-چاقىلىرىنىڭ ناچارلىقى بىلەن سىنىلىنىدۇ، بەزىلەر بولسا ھەر تۈرلۈك ئېغىر كېسەللەر بىلەن سىنىلىنىدۇ. بۇنداق سىناقلار ھەممىسى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى مۇشۇ دۇنيادا سىنايدىغان سىناقلىرى بولۇپ، بەندە ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە باياشات تۇرمۇشتا بولسۇن، قاتتىقچىلىقتا بولسۇن شۈكۈر قىلامدۇ ياكى نا شۈكۈرلۈك قىلامدۇ دېگەن ئاساستا سىنايدۇ. ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇلارنى سىنىمىسىمۇ ئەھۋالىنى ۋە قانداق مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ. ئەمما ئەتراپتىكىلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن سىنايدۇ.

ھەقىقىي سادىق مۇسۇلمان بېشىغا مۇسىبەت كەلگەندە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە سەبرى قىلىش بىلەن بېشىغا كەلگەن بالا-مۇسىبەتكە سەبرى قىلىدۇ. مۆمىن بېشىغا كەلگەن ھەرخىل مۇسىبەتلەرگە قارىتا ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىدۇ، بالا-مۇسىبەتلەرگە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەيدۇ، بالاغا سەبرى قىلىش مۆمىنلەرنىڭ خىسلىتىدۇر. سەبرى قۇرئان كەرىمدە 90 ئورۇندا زىكىر قىلىنغان، ئاللاھ مۆمىنلەرنى سەبرى قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ سەبرى قىلغۇچىلارغا بىشارەت بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىز سىلەرنى بىر ئاز قورقۇنچ بىلەن، بىر ئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان- زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن». بەقەرە سۈرىسى 155-ئايەت.

بەندىنىڭ بېشىغا مۇسىبەت قانچە كۆپ كەلسە، گۇناھ-مەسىيەتلىرىنىڭ يۇيۇلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئاللاھ رەھىم قىلغان ئىنسانغا مۇسىبەتلەر كېلىپ تۇرىدۇ. مۆمىن ئۈچۈن مۇسىبەت ئاللاھنىڭ رەھمىتى سۈپىتىدە بولۇپ، بەندە ھېچقاچان ئاللاھدىن رەنجىمەيدۇ. ئاللاھنىڭ بەندىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى سان ساناقسىز بولۇپ، ھەرقانچە كۆپ بالا-مۇسىبەتلەر كەلسىمۇ يەنىلا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى ئالدىدا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. بەندە مۇسىبەتكە گىرىپتار بولغانىكەن، بۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم. سىناق ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىكەن، سىناقتىن ياخشى ئۆتۈشكە تىرىشىشى لازىم. سىناقتىن ئۆتۈش؛ ئاللاھقا سەبرى قىلىش، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، ئىنساندەك ياشاش ئۈچۈن ھارماي-تالماي تىرىشىپ، ئىجتىمائىي ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتا قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

Go to the Top