ھەج تارىخىغا دائىر ئەھكاملار

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ھەج تارىخىغا دائىر ئەھكاملار
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ھەجنىڭ تارىخى ۋە ھەج پائالىيەتلىرى ئىلىپ بارىدىغان ئورۇنلاردىن مەلۇمات بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟ مۇسۇلمانلارنىڭ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا مېڭىشى ھاجەر ئانىمىزنىڭ قىلغان ئىشى ئىكەن، ئەمما باشقا پائالىيەت ئەھۋالىنى بىلمەيمەن، ماڭا شەيتانغا تاش ئېتىش، تاۋاپ قىلىش، ئەرەپاتتا تۇرۇش، زەمزەم ئېچىش، مىنا -مۇزدەلىپىلەردە قونۇش ۋە قۇربانلىق قىلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار؟ بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-12-05
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/185787
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ھەج تارىخىغا دائىر ئەھكاملار
370.5 KB
: ھەج تارىخىغا دائىر ئەھكاملار.doc
2.
ھەج تارىخىغا دائىر ئەھكاملار
175.7 KB
: ھەج تارىخىغا دائىر ئەھكاملار.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ھەج تارىخىغا دائىر ئەھكاملار

 

30897- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ھەجنىڭ تارىخى ۋە ھەج پائالىيەتلىرى ئىلىپ بارىدىغان ئورۇنلاردىن مەلۇمات بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟ مۇسۇلمانلارنىڭ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا مېڭىشى ھاجەر ئانىمىزنىڭ قىلغان ئىشى ئىكەن، ئەمما باشقا پائالىيەت ئەھۋالىنى بىلمەيمەن، ماڭا شەيتانغا تاش ئېتىش،تاۋاپ قىلىش، ئەرەپاتتا تۇرۇش، زەمزەم ئېچىش، مىنا -مۇزدەلىپىلەردە قونۇش ۋە قۇربانلىق قىلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار؟ بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن.

جاۋاپ :

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئىسلام ئۈممىتىدىن ئىلگىرى-كىيىنكى بارلىق ئالىملارنىڭ بىرلىككە كېلىشى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا ساھابىلار رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ مۇقەررەرلەشتۇرۇشى بىلەن ئاللاھنىڭ بەيتىگە كېلىپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ دىنى پائالىيەت ئىسلامدىكى بەش ئاساسنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كەسكىن تەكىتلىدى .

ھەج قىلىشمۇ باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىگە خاس ئەمەللەر بىلەن ئادا قىلىنىدۇ، ھەر بىر ئەمەلنى شەرىئەت كۆرسەتكەن پرىنسىپ بىلەن ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرامغا كېرىش، كەبىنى تاۋاپ قىلىش، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش، ئەرەپاتتا تۇرۇش، مىنا -مۇزدەلىپىلەردە قونۇش، شەيتانغا تاش ئېتىش، قۇربانلىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق ھالەتتە ئادا قىلىش تەقەززا قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەج قىلىش ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىمام ئىبنى قەييۇم"زادۇل مەئاد " ناملىق ئەسىرىدە، ئىبنى كەسىر "ئەلبىدايە ۋەننىھايە " ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى توپلاپ، ھەج ئەھكاملىرىنى تولۇق بايان قىلغان، ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ ئەھكاملارنى بىلىپ ئەمەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

ھەج قىلىشتىكى ئاساسى مەقسەت ئاللاھنىڭ زىكرىنى تۇرغۇزۇش بولۇپ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەپاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرىل ھەرامدا (يەنى مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھ ئىدىڭلار (يەنى ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى گۇمراھلار قاتارىدا ئىدىڭلار)، ئاندىن كېيىن، سىلەر (ئەرەپاتتىن) كىشىلەر قايتقان جاي بىلەن قايتىڭلار، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر، سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھنى بولسا ئاتا - بوۋاڭلارنى (پەخىرلىنىپ) ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار، بەزى كىشىلەر: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر، بەزى كىشىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ، ئەنە شۇلار ئۆزلىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مول مېۋىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى تىزدۇر (يەنى شۇنچە كۆپ خالايىقتىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھېساب ئېلىپ بولىدۇ)، ساناقلىق كۈنلەردە (يەنى تەشرىق كۈنلىرىدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (يەنى نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار)، (مىنادىن) ئالدىراپ ئىككى كۈندە قايتقان ئادەمگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، تەخىر قىلىپ قايتقان ئادەمگىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (يۇقىرىقى ئەھكاملار) تەقۋادارلىق قىلىپ (ھەجنى تولۇق ئادا قىلماقچى بولغان) ئادەم ئۈچۈندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار؛ بىلىڭلاركى، سىلەر ھېساب ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر ». (سۈرە بەقەرە 198- 203 - ئايەتكىچە).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «ھەقىقەتەن   كەبىنى تاۋاپ قىلىش، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش، شەيتانغا تاش ئېتىش قاتارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ زىكرىنى  تۇرغۇزۇش ئۈچۈن قىلىندى» دېيىلگەن.

مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنىدەك ھەج پائالىيەت ئورۇنلىرىنى ئۇلۇغلىشى كېرەك، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: « ئىش مانا شۇنداق، كىمىكى دىنى ئىشلارنى(جۈملىدىن ھەجنىڭ ئەمەللىرىنى، قۇربانلىقلارنى)ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر» ھەج سۈرىسى 32- ئايەت. بۇخارىي رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەجەر ئەسۋەد (كەبىنىڭ بۇرجىكىدىكى قارا تاش) گە قاراپ: "مەن سىنىڭ ھېچكىمگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بىر تاش ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىنى سۆيگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولسام مەنمۇ سۆيمەيتتىم"دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ .

ئىبنى جەۋزىي -رەھىمەھۇللاھ-   ھەج ئەمەللىرىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا سۆزلەنگەن مۇقەددەس ئورۇن ۋە مۇبارەك نەرسىلەرنىڭ ئەسەرلىرى ۋ ە ئەھكاملىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭ شەكلىنى كۆرۈپ سەۋەبىنى بىلمىگەنلەر بۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار دەيدۇ؟، بۇنىڭ سەۋەبلىرى سەھىھ ھەدىسلەردە تولۇق بايان قىلىنغان، مۇشۇ ھەقتىكى بەزەن قۇرۇلمىلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن:

ئىبادەتنىڭ ئەسلى قۇرۇلمىسى ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئۇ بەندىنىڭ ئۆز ئىگىسى ئالدىدا خارلىقىنى ئىپادە قىلىشىدۇر، نامازدىمۇ ئىبادەتتىن چۈشەنچە بېرىدىغان ئۆزىنى تۆۋەن ۋە خار ھالەتتە ئىپادىلەش كۆرىلىدۇ، زاكاتتا بولسا ئۆز-ئارا كۆيۈمچانلىق ۋە مېھرىبانلىق ئىپادىلىنىدۇ، روزا تۇتۇشتا بولسا ئۆز ياراتقۇچىسىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن نەپسىنىڭ شەھۋىتىنى  سۇندۇرۇپ بويسۇندۇرغانلىق نامايەندە بولىدۇ. بەيتۇللاھنىڭ ھۆرمەتلىك قىلىنىشى، ئەتراپىنىڭ ئالاھىدە چەكلەنگەن كاتتا ئورۇن قىلىنىشى، كىشىلەر توپا-چاڭغا مىلەنگەن ھالەتتە يۈزلىنىشى قۇلنىڭ خوجايىنى ئالدىغا خار ھالەتتە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئىنساننىڭ نەپسى ماھىيىتىنى چۈشۈنۈپ ئىشلىگەن ئىبادەتگە مايىل بولىدۇ، تەبىئىتى ئۇنى دائىم قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ساپا-مەرۋە ئارىسىدا ماڭغاندەك ھاياتتا ئاللاھقا تولۇق بويسۇنۇشى ئىپادىلىنىدۇ، بۇنىڭ مەنىسىنى ئەقىل بىلەلمەيدۇ. ئىنسان ئۈچۈن ھېكمىتى يوشۇرۇلغان ئىبادەتلەرنى قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان بىردىن-بىر نەرسە پەقەت ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، مۇشۇ چۈشەندۈرۈش بىلەن ئىبادەتتە غۇۋا بولۇپ قالغان سىرلارنى بىلىش مۇمكىن ".

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىدىن ئىلگىرىكى، ھەج پائالىيەت تارىخلىرىنىڭ كۆپ قىسمى بىزگە مەلۇم ئەمەس، بۇ ئىشلارنى بىلمەسلىكنىڭ ھېچ زېيىنى يوق، بۇنىڭ بەزىلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدىكى مەلۇماتلار سۆزلەنگەن بولۇپ بۇنىڭدىن بەزىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز:

1- ھەج قاچان پەرز قىلىنغان ياكى ھەج ئەمەللىرى قاچان باشلانغان؟.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا(ئۇلارنى)ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن، ئۇلار پىيادە ۋە ئورۇق تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىدۇ، ئورۇق تۆگىلەر يىراق يوللارنى بېسىپ كېلىدۇ»( ھەج سۈرىسى 27ئايەت).

ئىبنى كەسىر (3221) يۇقىرىقى ئايەتنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " ئى ئىبراھىم! كىشىلەرنى بىز سىنى ياساشقا بۇيرىغان بۇ بەيتۇللاھغا كېلىپ ھەج قىلىشقا چاقىرغىن دېگەندە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ئى رەببىم مېنىڭ ئاۋازىم ھەممە كىشىلەرگە يەتمەيدىغان تۇرسا، مەن ئۇلارغا قانداق يەتكۈزىمەن؟دېدى، ئاللاھ تائالا: سەن چاقىرغىن! ئۇلارغا بىز يەتكۈزىمىز دېدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام (ھازىرقى ئاياق ئېزى بار جايدا ياكى ھىجىرنىڭ ئىچىدە- كەبىنىڭ يېنىدىكى ئاق تامنىڭ ئېچى- ياكى ساپا تېغى ياكى ئەبى قۇبەيس تىغىدا، بۇ ھەقتىكى قاراشلار بىردەك ئەمەس) مۇنداق دېدى: ئى خالايىقلار! سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار زېمىندا بىر ئوي بىنا قىلدى، بۇيەرگە كېلىپ ھەج قىلىڭلار!، بىر رىۋايەتتە تاغلار پەسىيىپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازى زېمىننىڭ ھەممە تەرىپىگە ئاڭلاندى، بۇ ئاۋازنى ئاتىنىڭ سۇلبىدىكى، ئانىنىڭ رەھمىدىكى ھەممە يارىتىلغۇچى ئاڭلىدى، بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان تاش، چالما ۋە داڭگاللارمۇ جاۋاپ قايتۇردى، قىيامەت كۈنىگىچە ھەج قىلىشى يېزىلغان كىشىلەر لەببەيكە ئاللاھۇممە لەببەيكە دەپ تەلبىيە ئېيتتى. بۇ رىۋايەتنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇجاھىد، ئەكرەمە، سەئىد ئىبنى جۇبەير ۋە باشقا نۇرغۇن ئالىملار نەقىل قىلغان".

ئىبنى جەۋزىي رەھىمەھۇللاھمۇ ئۆزىنىڭ «مۇسىيرۇل ئەلئەزمۇس ساكىن» ناملىق ئەسىرىدىمۇ   يۇقىرىقى رىۋايەتنىڭ ئوخشىشىنى نەقىل قىلغان.

بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىسىدىن بۇرۇنقى ھەج پائالىيەت تارىخلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئەمما ئىسلامدا ھەجنىڭ قاچان پەرز قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق، بەزەن ئالىملارنىڭ ھەجنى ھىجىرىيىنىڭ 6-  يىلى، 7- يىلى، 9- يىلى ۋە 10- يىلى پەرز قىلىندى دېگەن قاراشلىرى بار. ئىبنى قەييۇم "زادۇل مەئاد" ناملىق ئەسىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كېلىپ بىر قېتىم خوشلىشىش ھەججىنى قىلغانلىقىدا ۋە ھەجنىڭ  ھىجىرىيىنىڭ 10- يىلى پەرز قىلىنغانلىقىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ھەجنىڭ پەرزلىكى توغرىسىدا ئايەتلەر نازىل بولغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچ كېچىكتۈرمەستىن پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىرىدى.

سىلەرنىڭ   ھەجنىڭ پەرزلىكى ھەققىدىكى ئايەت كېچىكىپ ھىجىرىيىنىڭ 9- يىلى ياكى 10- يىلىدا نازىل بولغان دەپ مۇقەررەرلەشتۇرۇشۇڭلارنىڭ  نېمە ئاساسى بار؟ دېيىلگەندە، بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ بېرىلگەن: " ئالە ئىمران سۈرىسى (ئامىل ۋۇپۇد) ئەلچىلەر يېلى چۈشكەن(بۇ ھىجىرىيىنىڭ 10- يىلى ھېسابلىنىدۇ)، بۇ يىلدا نەجراندىن ئەلچىلەر ئۆمىكى كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جىزيە تۆلەشكە سۈلھى قىلىشقان، جىزيە ھەققىدىكى ئايەت ئالە ئىمران سۈرىسىنىڭ ئەۋۋىلىدە بولۇپ ھىجرىيىنىڭ 9- يىلى نازىل بولغان".

ئىمام قۇرتۇبىي ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە(2492) " ھەج پائالىيەتلىرى ئەرەبلەرنىڭ ئارىسىدىكى مەشھۇر ئىشلاردىن ئىدى، ئىسلام دىنى  ئۇلارغا ئۆزى بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان ئىشلار بىلەن خىتاب قىلدى" دەپ بايان قىلىدۇ.

2- كەبىنى تاۋاپ  قىلىش.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا ئۆيۈمنى( يەنى كەئبەمنى) تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشنى بۇيرىدۇق». بۇ ئايەت كەبىنى تاۋاپ قىلىشنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام زامانىدىمۇ بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

3- ئەۋۋەلقى ئۆچ قېتىملىق تاۋاپتا  تىز مېڭىش.

ئەۋۋەلقى ئۆچ قېتىملىق تاۋاپتا  تىز مېڭىش ئەرلەر ئۈچۈن سۈننەت بولۇپ مەككىگە يېتىپ كېلىپ تۈنجى قىلغان تاۋاپتا قىلىنىدۇ، ئاياللار نورمال ماڭىدۇ .

ئەۋۋەلقى ئۆچ قېتىملىق تاۋاپتا  تىز مېڭىشنىڭ باشلىنىش سەۋەبى قانداق؟.

مۇسلىم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلار بىلەن ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كەلگەندە، مەككە مۇشرىكلىرى: يەسرەب(مەدىنە)نىڭ تەپ-قىزىتمىلىرى ئاجىزلاشتۇرىۋەتكەن كىشىلەر كېلىدۇ دەپ زاڭلىق قىلىشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى تاۋاپنىڭ ئەۋۋەلقى 3 قېتىملىق ئايلىنىشىدا تىز-تىز مېڭىشقا بۇيرىغان ». يەنە بىر رىۋايەتتە: «مۇشرىكلارغا باتۇرلىقىڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تىز-تىز مېڭىڭلار دېگەن» دېيىلىدۇ .

4- زەمزەم سۈيى ئېچىش.

بۇخارىي ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقلى قىلغان ھەدىستە: « ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى ھەجەر بىلەن ئوغلى ئىسمائىلنى -ئېمىۋاتقان ۋاقتىدا- ئىلىپ كېلىپ بەيتۇللاھنىڭ ياسىلىشتىن بۇرۇنقى ئورنى مەسچىتنىڭ ئۈستۈن تەرەپىدىكى زەمزەم قۇدۇقىنىڭ ئۈستىدە قويۇپ قويدى، بۇ ۋاقىتتا مەككىدە ھېچ قانداق بىر كىشى ۋە سۇمۇ يوق ئىدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىككەيلەننى بۇ يەردە يېنىدا بىر تۇلۇم خورما ۋە بىر تۇلۇم سۇ بىلەن قويۇپ كېتىشكە تەمشەلگەندە، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى كەينىدىن ئەگىشىپ: ئى ئىبراھىم! بىزنى ئىنسى-جىن ۋە ھېچ نەرسە يوق بۇ جىلغىدا يالغۇز تاشلاپ كېتەمسەن دېگەن سۆزنى قايتا-قايتا تەكرالايدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي كېتىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ھاجەر: ئاللاھ سىنى مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟ دەيدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ھە - ئە، ئاللاھ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىدى دەپ كېتىۋېرىدۇ.  ھاجەر: ئۇنداق بولسا بىز خاتىرجەم بولىمىز دەپ كەينىگە قايتىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دۆڭنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ئۇلار كۆرۈنمىگەندىن كىيىن بەيتۇللاھ تەرەپكە يۈزلىنىپ قولىنى كۆتۈرۈپ بۇ دۇئالارنى ئوقىدى: « پەرۋەردىگارىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسىمىنى (يەنى بالام ئىسمائىل بىلەن ئايالىم ھاجەرنى) ناماز ئوقۇسۇن (يەنى ساڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ) سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادىغا (يەنى مەككىگە) ئورۇنلاشتۇردۇم، پەرۋەردىگارىمىز! بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگىن » ھەج سۈرىسى 37-ئايەت .

ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى ئېمىتىپ، سۇدىن ئېچىپ، خورمىدىن يەپ تۇردى، ئىچىدىغان سۇ تۈگەپ ئۇسسۇزلۇق چېكىگە يەتكەندە ئوغلى ئۇسسۇزلىقتىن تولغىنىشقا باشلىدى، ئانىسى بۇنى كۆرۈشكە تاقەت قىلالماي تۇرغان يېرىگە يېقىن بولغان ساپا تېغىغا قاراپ سۇ ئىزدەپ يۈگۈردى، ئۇيەردە سۇ بولمىغاندىن كىيىن  بىرەر كىشى ئۇچراپ قالارمىكىن دەپ جىلغىغا قارىدى ،ئۇ يەردىمۇ ھېچ كىشى بولمىغاندىن كېيىن ساپا دىن چۈشۈپ جىلغىدىن كۆينىگىنى قىستۇرۇپ يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ مەرۋىگە كەلدى، بىرەر كىشى ئۇچراپ قالارمىكىن دەپ ئەتراپقا قاراپ ھېچ كىشىنى ئۇچراتمىدى، بۇ ئەھۋاللار ساپا-مەرۋە ئارىسىدا يەتتە قېتىم تەكرارلاندى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇ ئىككى ئارىلىقتا يەتتە قېتىم مېڭىش ھازىر ئىنسانلارنىڭ قىلىدىغان سەئيىسى شۇ دېدى». ھاجەر ئاخىرقى قېتىم مەرۋىگە كەلگەندە بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۆزىگە-ئۆزى: چوقۇم سىنىڭ يېنىڭغا بىر قۇتقۇزغۇچى كەلدى دەپ پىچىرلىدى، شۇ ۋاقىتتا زەمزەم قۇدۇقىنىڭ يېنىدا بىر پەرىشتە تۇراتتى، ئۇ قانىتى بىلەن يەرنى سۇ چىققىچە قەدەر كولىدى، ئۇ يەردىن زەمزەم چىقتى. ھاجەر ئەتراپنى كۆل قىلىپ توسۇپ سۇنى ئۇۋۇچلاپ تۇلۇمغا ئېلىشقا باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ئاللاھ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىغا رەھمەت قىلسۇن! ئەگەر ئۇ زەمزەمنى ئۇۋۇچلاپ توسىۋالماستىن ئۆز يولى بىلەن ئاققىلى قويغان بولسا ئىدى، ھازىردا زەمزەم بۇلدۇقلاپ تۇرىدىغان بۇلاق بولاتتى» دېدى. «پەرىشتە ھاجەرگە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى كۆرسىتىپ: خاتىرجەم بولغىن، بۇ يەرگە مۇشۇ ئوغۇل ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ئاللاھنىڭ بەيتىنى بىنا قىلىدۇ ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھلىنى زايا قىلىۋەتمەيدۇ دېدى ».

5- ئەرەپاتتا تۇرۇش.

ئەبۇ داۋۇد يەزىد ئىبنى شەيباندىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: « بىز ئەرەپاتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشكەن ئورۇندىن يىراقراق بىر جايغا چۈشكەنتۇق، بىزنىڭ يېنىمىزغا ئىبنى مۇرەببى ئەنسارىي كېلىپ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن خەۋەرچىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلەرگە: ئۆز ئورنۇڭلاردا تۇرۇڭلار، سىلەر ئاتاڭلار ئىبراھىم ئەلەيھسسالامنىڭ ئىزىدىن كېتىۋاتىسىلەر دەيدۇ » دېدى.

ھەج ئەمەللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ بولغان، لېكىن مۇشرىكلار  ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام يولغا قويمىغان ئىشلارنىمۇ پائالىيەت قاتارىغا كىرگۈزۈۋالغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كىيىن، ھەج ئەمەللىرىنىڭ ئەسلىنىى بايان قىلىپ كىيىن قىتىۋىلىنغانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

بۇ ھەجنىڭ ۋە بەزەن مۇقەددەس ئورۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، بۇنىڭدىن ئارتۇقچە مەلۇمات كېرەك بولسا ئىبنى جەۋزىينىڭ «مۇسىيرۇل ئەلئەزمۇس ساكىن ئىلا ئەشرەپىل ئەماكىن» ناملىق ئەسىرىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى توملىرىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 25 )
Go to the Top