توربېكەت توغرىسىدا

بەتنىڭ داۋامى تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: توربېكەت توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
قوشۇلغان ۋاختى: 2011-07-20
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/358470
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
تەپسىلى چۈشەنچە

ئاساسلىق مەلۇماتلار

 

تەسىس قىلىنغان ۋاقتى

1422-02-01 || 2001-04-24

ئورۇن

Riyadh, Saudi Arabiaخەت ساندۇقى: 29465 رىياد 11457

توغرىسىدا

دارۇل ئىسلام تور بېكىتى گورۇپپىسى IslamHouse.com 80 خىلدىن ئارتۇق دۇنيا تىللىرىدا ئىسلام دىنىنى تونۇشتۇرىدۇ.

شىركەت توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

بىز دارۇل ئىسلام تور بېكىتى IslamHouse.com گورۇپپىسى 80 خىلدىن ئارتۇق دۇنيا تىللىرىدا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش خىزمىتىمىز، رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ئىلمى پائالىيەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەركەز ئاللاھنىڭ پەزلى ئاندىن پىدائىيلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى ۋە خەيرى-ساخاۋەتچىلەرنىڭ ماددى ياردىمى بىلەن پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ مەركەز ھىجرىيە 1414-يىلى 28-شەئبان كۈنى... سەئۇدى ئەرەبىستان سابىق مۇپتىسى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى بازنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان. بۇ مەركەز سەئۇدى ئەرەبىستان دىنى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارىدۇ.

ئومۇمى مەلۇماتلار

ئاساسلىق نىشان:
دارۇل ئىسلام تور گورۇپپىسى IslamHouse.com غەيرى مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنىنى ئونلىغان تىللار ئارقىلىق تونۇشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىسلامغا بولغان خاتا تەسەۋۋۇرلىرى ۋە شۈبھىلىك كۆزقاراشلىرىغا چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، مۇسۇلمانلارنىڭ دىندا بىلىشى زۆرۇر دەپ قارالغان، ئەقىدە ۋە ئىبادەتتىن ئىبارەت بىلىملەرنى ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ يولىغا ئۇيغۇن، سەلەپ-سالىھلارنىڭ دىنى چۈشەنچىسىگە ماس ھالدا م...ۇسۇلمانلارنىڭ دىنى سەۋىيىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى نىشانلايدۇ.

نىشاننىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدىكى ۋەسىلىلەر:
1-
ھەرقايسى تىللاردا ئۆزىگە مۇناسىپ ۋە ئىلمى قىممىتى يۇقىرى ئەسەرلەرنى تەييارلاش.
2-
دارۇل ئىسلام تور گورۇپپىسى IslamHouse.com نامى بىلەن ئاتالغان كۆپ تىللىق تور بېكىتىنىڭ كېلىچەك تەرەققىياتى ئۈچۈن پىلان تۈزەش.
3-
ئىلمى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بىلەن ئالاقە باغلاش، بۇ ساھەدىكى قېرىنداشلارنى يېزىقچىلىق ۋە تەرجىمە ھەرىكىتىگە رىغبەتلەندۈرۈش.

ئۈمىد ۋە ئارزۇلار:
1-
دۇنيا تىللىرىدا ئىسلام رىسالىسىنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئېنتىر تورى ئارقىلىق ئىلىپ بېرىلىدىغان ئىسلامىي دەۋەتكە ئاكتىپچانلىق بىلەن مەبلەغ سىلىش.
2-
دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن خۇنۇكلاشتۇرۇلغان مەسىلىلەرنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىش ۋە ئىسلامنىڭ ساغلام ماھىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىش.
3-
سەئۇدى ئەرەبىستان دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى تارايمىچىلىقتىن ھالقىغان ھالدا خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈش.
4-
سەئۇدى ئەرەبىستان دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركەزلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دىنى مۇئەسسەسىلەر كۈچ بىرلىكى تۇرغۇزۇش، تەرجىمە ۋە تەھرىرلەش، ئىلگىرى تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمەتلىرىدە، ئورۇنسىز كۈچ سەرپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە تەجرىبىنى يەكۈنلەپ خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز-ئارا ھەمكارلىق تۇرغۇزۇش.
5-
بەت يۈزىدە ئىلان قىلىنغان بارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىش ئارقىلىق، ئەسەرلەرنى باھالاش، تاللانغان ئەسەرلەرنى قايتىدىن نەشىر قىلدۇرۇش ۋە مەزكۇر ئەسەرلەرنى ئېنتىر تورى ئارقىلىق بولسۇن مەيلى باشقا يول بىلەن بولسۇن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كېلىچەك ئەۋلادلار ئۈچۈن ساقلاپ قىلىش.

مۇكاپاتلار

دارۇل ئىسلام تور بېكىتى گۇرۇپپىسى ھازىرغا قەدەر تۆۋەندىكىدەك 4 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى:
1-
ۋە 2- قېتىم ئارقىمۇ-ئارقا سەئۇدى ئەرەبىستان پوچتا تىلگىراپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن 2006-يىلى، ئېلىكترونلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش ئىدارىسى تەرىپىدىن 2007-يىلى ئىنتېرنېت ساھەسىدە ئەڭ ئىلغار ۋە ساغلام خىزمەت قىلىۋاتقان ئورۇنلارنى باھالاش مۇسابىقىسىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.
3-
قېتىم ئوتتۇرا شەرق ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئارا ئۆتكۇزۇلگەن 2007- يىللىق تور خىزمەتلىرى تۈرى بويۇنچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان خەلقئارالىق مۇسابىقىدا، خەلقئارالىق مۇكاپاتلار ئالى ئورگىنىWSA نىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
4-
قېتىم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان 2010-يىلدىكى دىن ۋە شەرىئەت بويۇنچە دىنى تەشۋىقات خىزمىتىدە ئاۋانگارت تور بېكىتى بولۇپ باھالىنىپ، شارىقە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

Go to the Top