قۇرئان كەرىم (windows)     قۇرئان كەرىم (iphone)         ئۈن- سىنلار (windows)     ئۈن- سىنلار (iphone)
ئېلخەت تىزىملىكىگە ئىشتىراك قىلىڭ
سىز ئۈچۈن تاللانغىنى
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 19/9/1429 ھىجرى 2008-يىلى 09-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ۋە قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، ئېتىكاپنىڭ پەزىلىتى ۋە ساۋابى، تەھەججۈد نامىزى ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى، مۇسۇلمان رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە جان-جەھلى بىلەن ئىبادەتكە بېرىلىشىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 21/9/1430ھـ 2009-يىلى09-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن.خۇتبىدا رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنىڭ ۋە قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، مۇسۇلماننىڭ بۇ مۇبارەك كۈنلەردە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، قەدىر كېچىسىگە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشىنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
ھەيزدار ئاياللار قەدىر كېچىسىدە نېمە ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن؟ ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ ياخشىلىقلىرىنى زىيادە قىلىشى مۇمكىن بولامدۇ؟، ئەگەر شۇنداق قىلىش مۇمكىن بولسا، ئۇ كېچىسى قانداق ئەمەللەرنى قىلسا بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
بىرقىسىم كىشىلەر رەجەپ ئېيىدا  ( سالاتۇررەغائىب) ئارزۇ قىلىش، ئۈمىت قىلىش نامىزى ئوقۇشتەك، بۇ ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈشتەك بەزەن ئىبادەتلەرنى بۇ ئايدا قىلىشقا خاسلاشتۇرىۋالىدۇ، بۇ ئىسلام دىنىمىزدا ئاساسى بار ئىبادەتلەردىنمۇ؟
رەجەپ ئېيىنىڭ تۇنجى كېچىسى ئوقۇيدىغان: «ئى ئاللاھ بىزگە رەجەپ ۋە شەئبان ئايلىرىدا بەرىكەت بەرگىن، بىزنى رامىزان ئېيىغا يەتكۈزگىن» دېگەندەك دۇئالارنى ئوقۇش سۈننەتمۇ؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى سەھىھ ھەدىسلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىدىغانلاردىن قىلغاي!.
ئەڭ ئاخىرىدا ئىلان قىلىنغان تېما ( ئۇيغۇرچە )
سىن ئالغۇلار
( ئۇيغۇرچە )
2018-05-10
ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت" ناملىق بۇ سۆھبەتتە ، ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈستىدىكى؛ ئەر ئايالىنىڭ دىنىغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئايالى ئۈچۈن زىينەتلىنىشى، ئايالىنىڭ تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرۇماسلىقى، ئەر-ئايال ئارىسىدىكى سىرلارنى يايماسلىقى قاتارلىق تۇرمۇشتىكى ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈستىدىكى ھوقۇقلىرى توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھى ئاستىدا يورۇتۇپ بېرىدۇ.
سىن ئالغۇلار
( ئۇيغۇرچە )
2018-03-05
ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت" ناملىق بۇسۆھبەتتە ، ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈستىدىكى؛ گۈزەل مۇئامىلە قىلىنىش ۋە چىرايلىقچە ئۆي تۇتۇش ھەققىگە ئالاقىدار بولغان مەسىلىلەر قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ روھى ئاستىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىدىن ئۆرنەكلەر بىلەن جانلىق يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.
سىن ئالغۇلار
( ئۇيغۇرچە )
2018-02-16
ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت" ناملىق بۇسۆھبەتتە ، ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈستىدىكى ھەققى، ماددى نەپەقە قانداق بولىدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن ئەرنىڭ ئەھلى -ئاياللىرى ئۈچۈن سەرپ قىلغان خىراجىتى ئەڭ ئەۋزەل مال دېيىلىدۇ؟ چىرايلىقچە ئۆي تۇتۇش نېمە مەنالارنى ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھى ئاستىدا يورۇتۇپ بېرىدۇ.
پەتىۋا
( ئۇيغۇرچە )
2017-06-20
ئاللاھ تائالا كىتابىدا بىزنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى دېدى، لېكىن بىز قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا ئايەتلىرىدە بىزنى ئىمتىھان ئۈچۈن ياراتقان دىگەن ئىبارىنىمۇ ئۇچرىتىمىز، بۇ ئىككى سۆز قارمۇ-قارشى ھېسابلانمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
پەتىۋا
( ئۇيغۇرچە )
2017-06-20
روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا ئىجابەت بولىدىغان دۇئانىڭ ۋاقتى ئىپتاردىن ئىلگىرىمۇ ياكى ئىپتار قىلىۋېتىپ قىلامدۇ ياكى ئىپتاردىن كېيىن قىلامدۇ؟ مۇشۇ ۋاقىتتا قىلىدىغان دۇئا بۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس بايان قىلىنغانمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
پەتىۋا
( ئۇيغۇرچە )
2017-06-20
مۇسۇلمان كىشى رامزاندا روزىنى باشلاشتا ئۆز يۇرتى بىلەن پەرقلىق بولغان يۇرتقا سەپەر قىلسا قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
پەتىۋا
( ئۇيغۇرچە )
2017-06-20
روزىنىڭ سۈننەتلىرى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن
پەتىۋا
( ئۇيغۇرچە )
2017-06-18
ئىنسان ئۈچۈن مەلۇم بىر ئىبادەتتە ئەجىر-ساۋاپ تەلەپ قىلىش ئۈچۈن قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلىش يولغا قويۇلمىغانمۇ؟ قىش كۈنلىرى ئىسسىق سۇ بولسىمۇ سوغۇق سۇدا تەرەت ئېلىش ياكى ئۆينىڭ يېنىدا مەسچىت بولسىمۇ يىراقتىكى مەسچىتكە بېرىش قاتارلىق ئىشلار توغرىمۇ؟. مەن ئىمام شاتىبىي رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەلمۇۋاپىقات" دېگەن كىتابىدا ئىبادەتتە قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلغان كىشىگە ساۋاپ بېرىلمەيدۇ دېگەن ئىبارىنى ئۇقۇدۇم بۇ توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
پەتىۋا
( ئۇيغۇرچە )
2017-05-28
كىكىردەكتە قاننىڭ تەمىنى ھېس قىلغان ۋاقتىمىزدا، رامىزاندا ئۇنىڭدىن ئازراقنى تۈكۈرۈۋەتسەك، بىزگە شۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
پەتىۋا
( ئۇيغۇرچە )
2017-05-28
مەن قەن كېسىلى بولغاچقا ھەر كۈندە ئىككى قېتىم پېنسىلىن ئوكۇلى ئۇدۇرۇشقا مەجبۇرمەن، شۇ سەۋەپتىن مەن رامزاندا روزا تۇتالمايمەن، روزا تۇتالمىغان كۈنلەرنى ھېسابلاپ شۇ بويىچە پىدىيە بېرىمەن، مەن توي قىلمىغان بولغاچقا تاماقنى تاماقخانىدىن يەيمەن، روزا تۇتالمىغان كۈنلىرىمنى ھېسابلاپ پىديىگە نەخ پۇل بەرسەم بولامدۇ؟يېمەككە ئېھتىياجى بار كىشىنى تاپالمايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن پىديەنى ئۈچ-تۆت كىشىگە تەقسىم قىلىپ بەرسەم توغرا بولامدۇ؟.
Go to the Top