ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: مەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا مۇقىم تۇرۇپ خىزمەت قىلىمەن، ئۆتكەن يىلى ئېككى ئايال خىزمەتدىشىم بىلەن مەھرەمسىز ھالدا ھەج قىلدىم، بۇ توغرا بولامدۇ؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-11-15
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/184959
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا
376 KB
: ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا.doc
2.
ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا
93.6 KB
: ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا

 

34380- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا مۇقىم تۇرۇپ خىزمەت قىلىمەن، ئۆتكەن يىلى ئېككى ئايال خىزمەتدىشىم بىلەن مەھرەمسىز ھالدا ھەج قىلدىم، بۇ توغرا بولامدۇ؟

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھەج قىلىشى بۇ ھەدىسكە ئاساسەن توغرا ئەمەس، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا ئەمەس، دېگەندە. بىر كىشى: يا رەسۇلۇللاھ! مەن جىھادقا چىقىشقا تىزىملاتقانىدىم، ئايالىم ھەجگە بارماقچى ئىدى؟ دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سەن ئايالىڭ بىلەن ھەجگە بىرگە بارغىن دەيدۇ». بۇخارىي(3006)ۋە مۇسلىم(1341).

ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا ئەمەس، مەھرەم دېگەن: نەسەب ياكى باشقا سەۋەبلەردىن ئۇ ئايال بىلەن توي قىلىشى مەڭگۈلۈك چەكلەنگەن كىشىدۇر، مەھرەم بولغۇچىنىڭ بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، كىچىك بالا ۋە ئەقلى-ھوشى جايىدا بولمىغان كىشىلەر مەھرەم بولالمايدۇ. بۇنىڭدىكى ھېكمەت قىز-خانىملارنىڭ يۈز-ئابرۇيى ۋە شەرىپىنى قوغداش، ئاللاھتىن قورقمايدىغان ھاياسىزلارنىڭ ناچار قىلىقلىرىغا يول قويماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

قىز-خانىملارنىڭ يالغۇز  سەپەر قىلىشى ياكى ئاياللار بىلەن بىرگە سەپەر قىلىشىنىڭ ھېچ پەرقى يوق، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاياللار بىلەن بىرگە ئەڭ خاتىرجەم شارائىتتا بولسىمۇ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالى ھەجگە بارماقچى بولغان كىشىدىن: ئايالىڭ يالغۇز بارامدۇ ياكى ئاياللار بىلەن بىرگە بارامدۇ دەپ سورىمىدى.

ھازىرقى ۋاقىتتا بەزەن كىشىلەر بۇ مەسىلىگە سەل قاراپ ئايرۇپىلاندا ئاياللارنى مەھرەمسىز يولغا سالىدۇ، بو ئومۇمى دەلىللەرگە زىت كېلىدۇ. ئايرۇپىلاندا قىلغان سەپەرمۇ باشقا سەپەرلەرگە ئوخشاش خەتەرگە دۈچ كېلىدۇ.

ئايالنى مەھرىمى ئايدۇرۇمدا يولغا سالغاندىن كىيىن  ئايال يالغۇز مەھرەمسىز كۈتۈش زالىغا كېرىدۇ، ئايرۇپىلان بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قوزغىلىشى ياكى مەلۇم سەۋەبلەردىن كېچىكىپ قوزغىلىشى، بەلگىلەن ئايدۇرۇمغا چۈشىشى ياكى باشقا ئايدۇرۇملارغا چۈشىشى مۇمكىن. بۇ ئايالنى كۈتۈۋالىدىغان تۇغقانلىرى ۋاقتىدا ئايدۇرۇمغا يىتىپ كېلىشى ياكى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن كېچىكىپ كېلىشى مۇمكىن، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ھەقىقى ئاللاھتىن قورقۇدىغان ئاياللار ھەجگە ياكى باشقا سەپەرلەرگە مەھرەمسىز يالغۇز چىقماسلىقى كېرەك. ئاللاھ ياردەم بەرگۈچىدۇر.

«ھەج- ئۆمرە پائالىيەتلىرىدە يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار» دېگەن كىتابقا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 11 )
Go to the Top