ما هو أصح المذاهب الأربعة

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: ما هو أصح المذاهب الأربعة
اللغة: أيغوري
ترجمة: محمد يوسف
نبذة مختصرة: أي الأئمة الأربعة على الطريق الصحيح وعلى جماعة المسلمين ؟.
تأريخ الإضافة: 2009-05-09
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/206974
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئەڭ ساغلام يول
434 KB
فتح: تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئەڭ ساغلام يول.doc
نبذة موسعة

 

تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئەڭ ساغلام يول

 

5523-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئەھلى سۈننەت مەزھەبلىرى ئىچىدىكى مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئەڭ توغرا دەپ قارىلىدۇ؟

جاۋاب:  

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر

ئاللاھ تائالا بىزنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كىتابى قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بىلەن ئىبادەت قىلىشقا چاقىرغان. بىز ئىسلامنى ساھابىلار ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن ئۆلىمالار ۋە مۇجتەھىدلارنىڭ چۈشەنگىنىدەك چۈشىنىشىمىز لازىم. بۇ مۇجتەھىدلاردىن ئادالەت، راستچىللىق، تەقۋالىق ۋە توغرىلىقتا مەشھۇر بولغانلىرى ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ئىمام ئەزەم، ئىمام شافىئىي، ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئەھمەدلەردۇر. بۇ يۇقىرىقى تۆت مەزھەبنىڭ ھەممىسى ئەھلى سۈننە جەمائىتىدىن بولۇپ، ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىدۇ. لېكىن شاخچە مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ چۈشىنىشلىرى ئوخشاش بولمىغان. بەزىسىگە دەلىل يېتىپ بارغان بولسا بەزىسىگە شۇ دەلىلى ياكى ھەدىس يېتىپ بارمىغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ بەزى شاخچە مەسىلىلەردە كۆز قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان. بۇ ئۇلارنىڭ ئىلمىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. سورىغۇچى ئۇلاردىن مەلۇم بىر مەزھەبكە ئەگەشكەن كىشى بولسا، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەردە مەزھەب ساھىبنىڭ كۆز قارىشى قۇرئان ۋە ساغلام سۈننەتكە ئۇيغۇن بولىدىكەن ئۆز مەزھىبىگە ئەگەشسۇن. باشقا مەزھەبتە مەزكۇر مەسىلىنىڭ دەلىل ئىسپاتى كۈچلۈكلىكى ئۆلىمالار تەرىپىدىن بىلدۇرۇلگەن ياكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسا ئۇ ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىشى لازىم بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى توغرىلىق ۋە ھەقىقەتنى تارقىتىشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان زاتلاردۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن غەيرىگە -كىم بولۇشتىن قەتئى نەزەر -پۈتۈن ئەھكاملاردا دېگەن سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىگە شەرتسىز ئەگىشىش كېرەك دەپ مەزھەب تەئەسسۇپلىقى قىلىش جايىز ئەمەس. شەرىئەت دەلىللىرىدىن  ئەھكام چىقىرالايدىغان دەرىجىدىكى ئالىم ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئىش كۆرۈشى لازىم. ئەمما شەرىئەت بىلىملىرىدىن خەۋىرى يوق مۇسۇلمانلار بولسا، ئىلمىغا ئىشەنچ قىلىدىغان تەقۋادار ئۆلىما ۋە دىنى زىيالىيلارنىڭ پەتىۋالىرى بىلەن ئىش كۆرۈشى لازىم.  

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.



 

Go to the Top