ما هو الحجّ؟

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: ما هو الحجّ؟
اللغة: أيغوري
تأريخ الإضافة: 2008-11-10
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/184526
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ھەج دېگەن نېمە؟
972 KB
فتح:  ھەج دېگەن نېمە؟.doc
2.
ھەج دېگەن نېمە؟
110.5 KB
فتح:  ھەج دېگەن نېمە؟.pdf
نبذة موسعة

 

ھەج دېگەن نېمە؟

 

سوئال:

پەرز ھەج ئىبادىتى دېگەن نېمە؟

 

2804- نومۇرلۇق سوئال

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

پەرز ھەج بولسا: ئىسلام دىنىدىكى بەش ئاساسى پرىنسىپنىڭ بىرى بولۇپ، ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەرەم مەسچىتىدىكى كەبىنى مەقسەت قىلىپ سەپەرگە ئاتلىنىش، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ھەج پائالىيەتلىرىدە  قىلغان ئىش - ھەركەت ۋە سۆزلەردىن تەركىپ تاپقان ئىبادەتتۇر. يەنى كەبە شەرىپنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىش، ساپا ۋە مەرۋىدىن ئىبارەت ئىككى ئارىلىقتا يەتتە قېتىم مېڭىش، ئەرەپاتتا تۇرۇش، مىنادىكى شەيتانغا تاش ئېتىش قاتارلىق ھەجنىڭ ئومۇمى پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىبادەتتۇر.

ھەجدە ئىنسانلار ئۈچۈن كاتتا مەنپەئەت، تەلىم-تەربىيە، ھاجىلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۈيۈك رەھمەت ۋە مەغپىرىتى، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۆز ئارا تونۇشۇش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئاللاھنىڭ بۈيۈكلىكىنى نامايەندە قىلىدىغان بىر پائالىيەتتۇر.

ئى يىگىت! سىز يېشىڭىزنىڭ كىچىك بولىشى، تۇرغان ئورنىڭىزنىڭ يىراق بولىشىغا قارىماي، ھەجگە كۆڭۈل بۆلۈپ بۇ سوئالنى سوراپسىز، سىزگە كوپ رەھمەت، ئاللاھدىن سىزنى ئۆزىنىڭ مۇبارەك ئۆيى بولغان ھەرەمگە يەتكۈزۈپ ھەجدىن ئىبارەت بۇ پەرزنى ئادا قىلىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىنى سورايمىز .

 

الترجمات ( 1 )
موضوعات متعلقة ( 3 )
Go to the Top