النهي عن ذكر محاسن امرأة أخرى عند زوجها

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: النهي عن ذكر محاسن امرأة أخرى عند زوجها
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هل ورد عن النبي صلى الله عليه وسلم حديث ينهى عن أن تذكر الزوجة لزوجها محاسن ومفاتن امرأة أخرى ؟

تأريخ الإضافة: 2009-02-26
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/193559
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى
381 KB
فتح: ئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى  يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى.doc
2.
ئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى
111.6 KB
فتح: ئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى  يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى.pdf
نبذة موسعة

 

 

ئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى  يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى

 

50526- نومۇرلۇق سوئال

سۇئال :

ئايال كىشى باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى  يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس كەلگەنمۇ؟

جاۋاپ :

پۈتۈن ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

بۇ توغرىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ( ئۇ كىشىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن ) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى باشقا بىر ئايالنىڭ يالىڭاچ ھالىتىدە كۆرمەسلىكى،بىر ئايال يەنە بىر ئايالنىڭ بەدىنىنى تۇتماسلىقى، يولدىشىغا ئۇ ئايالنىڭ گۈزەللىكىنى سۆزلەپ بەرمەسلىكى،  ئەگەر ئۇنداق قىلسا خۇددى ئېرى ئۇ ئايالغا قارىغاندەك گۇناھكار بولىدۇ».

بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان 5240 - ھەدىس.

ھاپىز بىن ھەجەر - ئەل قابىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: "بۇ مەسىلىدىكى توسۇشنىڭ ھېكمىتى سۈپەتلەنگۇچى ئايالنىڭ ھۆسنى - جامالى ئەرنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ قىلىپ، سۈپەتلەنگۇچى توغرىسىدا قالايمىقان خىياللاردا بولۇپ، سۈپەتلەپ بەرگۈچى ئايالىنىڭ تالىقىنى بېرىشكە سەۋەپ بولىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

پەتھۇلبارى 9- توم 338 -بەتتە مۇنداق بىر ھەدىس زىكىر قىلىنغان : «ھەرقانداق بىر ئايال يەنە بىر ئايالنىڭ بەدىنىنى تۇتمىسۇن» دېگەن .

بەدىنى تۇتۇش ئارقىلىق يەنە بىر ئايالنىڭ تېرىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئەگەر تىرە - تېرىگە سۈركەلسە بەدەننىڭ يۇمشاق ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئايال كىشى ئۈچۈن باشقا بىر ئايالنىڭ بەدىنىگە قارىشى دۇرۇستۇر، لېكىن ئەر كىشىنىڭ نامەھرەم ئايالغا قارىشى چەكلىنىدۇ.

 

Go to the Top