عورة المرأة بين النساء

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: عورة المرأة بين النساء
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: سمعنا حفظك الله أن عورة المرأة بين النساء من السرة إلى الركبة ، فهل هذا صحيح ؟ أجيبونا وفقكم الله.
تأريخ الإضافة: 2008-05-15
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/143482
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري - بنغالي - تايلندي
المرفقات ( 2 )
1.
قىز-خانىملار بىر-بىرىدىن بەدەنلىرىنى يوگىمىسىمۇ بولامدۇ؟
1.4 MB
فتح: قىز-خانىملار بىر-بىرىدىن بەدەنلىرىنى يوگىمىسىمۇ بولامدۇ؟.doc
2.
قىز-خانىملار بىر-بىرىدىن بەدەنلىرىنى يوگىمىسىمۇ بولامدۇ؟
127.2 KB
فتح: قىز-خانىملار بىر-بىرىدىن بەدەنلىرىنى يوگىمىسىمۇ بولامدۇ؟.pdf
نبذة موسعة

 

قىز-خانىملار بىر-بىرىدىن بەدەنلىرىنى يوگىمىسىمۇ بولامدۇ؟


 

 

سوئال نومۇرى : 11014

سوئال :

بىز يېقىندا بىر ئايالنىڭ باشقا ئاياللار ئالدىدىكى ئەۋرىتى كىندىكىدىن تىزىغىچە دېگەن گەپنى ئاڭلىدۇق، بۇنداق دېيىش توغرىمۇ؟ بولۇپمۇ زىياپەتلەر ۋە يىغىلىشلاردا ئاياللارنىڭ - ئاللاھ بىزنى يالغانلىقتىن ساقلىسۇن-نېپىز ۋە قىسقا، يان تەرەپلىرىنىڭ ئوچۇقلىقىدىن يوتىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، مەيدىسى ۋە دۈمبىسى ئوچۇق ... كىيىملەرنى كىيىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇنىڭدا مۇسۇلمان ئاياللار كىشىگە كافىر دۆلەتلىرىدىكى ئۇسسۇلچى ئاياللاردەك، ياكى ئېكراندىكى قالايمىقان كىيىنىپ يۈرىدىغان ئارتىسلاردەك تەسىر بېرىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بۇنداق قىلماسلىقنى ئېيتساق ئۇلار بۇنداق كىيىنىشنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى، ئاياللارنىڭ ئەۋرىتى ئاياللار ئۈچۈن كىندىكىدىن تىزىغىچە ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ. بۇ ھەقتە توغرىسىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز؟

جاۋاب:

مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر. ئايال كىشىنىڭ ھەممىلا يېرى ئۇنىڭغا مەھرەم بولالمايدىغان ئەرگە نىسبەتەن ئەۋرەتتۇر. مەيلى ئۇ ئايال ئورانغان بولسىمۇ پىتنە-پاساتقا سەۋەپ بولۇپ قالىدىغان بولسا ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۇياق- بۇياققا يۈرۈشىمۇ جائىز ئەمەستۇر،  چۈنكى ئەركىشى ئۇنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكىنى، مېڭىش ھالىتىنى كۆرىدۇ.

ئاياللار ئالدىدا ئايال كىشىنىڭ ئەۋرىتى كىندىكىدىن تىزىغىچە، دېگەن بۇ ھۆكۈم پەقەت ئۇنىڭ ئائىلىسىدە، ئاچا- سىڭىللىرى ئالدىدا  يۇزۇشنىڭ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئايال كىشى باشقىلارغا بۇنداق كىيىنىشىنىڭ ناچار تەسىر بەرمەسلىكى، ئوچۇق ئاشكارا يۈرۈشنىڭ جەمئىيەتتە كەڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامال بار ئۆزىنى ئوراپ يۈرۈشى لازىم. شۇنداقلا ئايال كىشى ئۆزىنىڭ مەھرەملىرىنىڭ ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قالماسلىقى ۋە يات ئاياللارنىڭ ئۇنى باشقىلارغا تەسۋىرلەپ بەرمەسلىكى ئۈچۈن بەزى مەھرەملىرىنىڭ ۋە يات ئاياللارنىڭ ئالدىدا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىماسىقى لازىمدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: « ھېچقانداق ئايال ئېرىگە باشقا ئاياللارنىڭ سۈپىتىنى ئېيتىپ بەرمىسۇن. « بۇ ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايەندە قىلىدىغان كۆكرەك، دۈمبە، بويۇن، بېلەك، پاقالچەك...قاتارلىق ئورۇنلارنى سۇپەتلەپ  بەرمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ، ئاياللار ئادەتتە ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى ئائىلىدىكى ئەر ۋە ئاياللار ئالدىدا سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇلارنى ئاڭلىغان كىشىدە خۇددى كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاياللار يات كىشىلەر ئالدىدا دىققەت قىلىشى كېرەك، بولمىسا يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ تەمە ئۆبىكتىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن ئايال كىشى كۆكرەك، بويۇن، بېلەك، پاقالچەك.. قاتارلىق ئورۇنلىرىنى باشقا ئاياللار ئالدىدىمۇ، مەھرەم ئەرلەر ( ئىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر) ئالدىدىمۇ يوشۇرۇپ يۈرۈشى ياخشىراقتۇر. بۇنداق قىلىش تەقۋالىققا ئەڭ يېقىندۇر.

بولۇپمۇ مەكتەپ، دەرسخانا، يىغىلىشلار ۋە دوختۇرخانا دېگەندەك ئورۇنلاردا گەرچە ئەرلەر بولمىغان

ھالەتتىمۇ بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم، چۈنكى بۇ ئاممىۋى ئورۇنلار بولغاچقا، ئەرلەر ئۇلارنى كۆرۈپ قېلىشى، ۋە ياكى باشقىلار بۇلارنى رەسىمگە تارتىپ باشقىلارغا كۆرسىتىشى، شۇ سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ ۋەسۋەسىسىنى قوزغاپ قويۇشلىرى مۇمكىن.

نېپىز ۋە تار كىيىملەرنى كىيىۋالىدىغانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىشىمىزدىكى سەۋەپ شۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: « دوزاختا ئىككى تۈرلۈك ئادەملەر بولۇپ...ئۇلارنىڭ بىرى كىيىم كىيگەن، لېكىن يالىڭاچ ئاياللار، يەنە بىرى چاچلىرىنى چوققىسىغا تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىپ تۈگۈۋالغان ئاياللار، بۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، ھەتتا جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. » بۇ ھەدىستە نېپىز ياكى تار كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ بەدىنىنى باشقىلارغا ئاشكارىلاپ يۇرىيدىغان ئاياللارنى، ۋە پەس ياقىلىق كىيىملەرنى كىيىپ كۆكرەكلىرىنى ئالاھىدە قىلىپ باشقىلارغا بىلىندۈرۇپ يۇرىيدىغان ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر يىغىلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا بۇنداق ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىز-خانىملىرىمىز بۇ مەسىلىگە ئاددى قارىماسلىقى لازىم.

ئەڭ توغرىسىنى بىلگۇچى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالادۇر.

 

الترجمات ( 2 )
Go to the Top