حكم الإجهاض وطلاق الحامل والتضييق على الزوجة لتتنازل عن حقها

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: حكم الإجهاض وطلاق الحامل والتضييق على الزوجة لتتنازل عن حقها
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: ما حكم الدين في زوج حاول إجهاض زوجته في شهرها الثاني لرغبته في تطليقها بإعطائها دواء لذلك رغماً عنها إلا أنه لم يتم إجهاضها ؟ وما هي كفارة ذلك العمل؟ وهل يجوز تطليق الزوجة وهى حامل؟ وما الحكم أيضاً في إجبار الزوجة في التنازل عن حقوقها قبل طلاقها؟
تأريخ الإضافة: 2008-11-02
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/184093
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
قورساقتىكى تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش، ھامىلدار ئاياللارنى تالاق قىلىش ۋە ئاياللارنى ئۆز ھەققىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاشنىڭ ھۆكمى
983.5 KB
فتح: قورساقتىكى تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش، ھامىلدار ئاياللارنى تالاق قىلىش ۋە ئاياللارنى ئۆز ھەققىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاشنىڭ ھۆكمى.doc
2.
قورساقتىكى تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش، ھامىلدار ئاياللارنى تالاق قىلىش ۋە ئاياللارنى ئۆز ھەققىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاشنىڭ ھۆكمى
109.4 KB
فتح: قورساقتىكى تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش، ھامىلدار ئاياللارنى تالاق قىلىش ۋە ئاياللارنى ئۆز ھەققىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاشنىڭ ھۆكمى.pdf
نبذة موسعة

 

قورساقتىكى تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش، ھامىلدار ئاياللارنى تالاق قىلىش ۋە ئاياللارنى ئۆز ھەققىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاشنىڭ ھۆكمى

 

82334- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئەر ئايالىنى ھامىلدار بولۇپ ئىككىنچى ئايغا كەلگەندە تالاق قىلىش ئۈچۈن دورا بېرىپ تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە قىستىدى، تۆرەلمە چۈشۈپ كەتمىدى، بۇنىڭ كاپارىتى نېمە؟ بۇنداق قىلىش ئىسلام دىنىدا توغرىمۇ؟، ئايالىنى ھامىلدار ۋاقتىدا تالاق قىلىش جائىزمۇ؟، تالاق قىلىشتىن ئىلگىرى ئايالىنى ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلماسلىققا مەجبۇرلىشى توغرا بولامدۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.

تۆرەلمىنى جان كىرىشتىن ئىلگىرى ياكى كىيىن بولسۇن چۈشۈرۈۋېتىش توغرا ئەمەس، ئەگەر جان كىرگەندىن كىيىن چۈشۈرۈۋەتسە بۇنىڭ جىنايىتى ئېغىر بولىدۇ، ئەر ئايالىنى تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە بۇيرىسا ئايالنىڭ بۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى توغرا ئەمەس.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم( ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ:"تۆرەلمىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلىنمىسە ئۇنى چۈشۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىش توغرا ئەمەس، ئەگەر ئۆلگەنلىكى بىلىنسە توغرا بولىدۇ". شەيخ (مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالار توپلىمى11151- بەت).

شەيخ سالىھ فەۋزان (ئاللاھ ئۇ كىشىنى سالامەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ:  

بىرىنچى: تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش توغرا ئەمەس، ھامىلدارلىق بىلىنگەندىن كىيىن تۆرەلمىنى ياخشى ئاسراش كېرەك، ئانىنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا تۆرەلمىگە زىيان يەتكۈزۈشى چەكلىنىدۇ(ھارام بولىدۇ). تۆرەلمە دېگەن، ئانىنىڭ بالياتقۇسىدىكى  ئاللاھنىڭ ئامانىتى بولۇپ بۇنى چۈشۈرۈۋېتىش ياكى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن يوق قىلىۋېتىش توغرا ئەمەس. شەرئىي دەلىللەر تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئايال تەبىئىي تۇغماستىن بەلكى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغۇشى تەخمىن قىلىنغان ھالدىمۇ، ئۇ تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە سەۋەپ بولالمايدۇ، چۈنكى كۆپ ساندىكى ئاياللار ئوپېراتسىيە قىلىنىش ئارقىلىق بوشىنىدۇ.

ئىككىنچى: تۆرەلمىگە جان كىرىپ ھەركەتلەنگەندىن كىيىن چۈشۈرۈۋېتىش ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ، بۇ بىر جاننى ئۆلتۈرگەنلىك بولۇپ بۇنىڭ كاپارىتى ئاللاھغا تەۋبە قىلىپ بىر قۇلنى ئازات قىلىش، ئۇنىڭغا مۇمكىن بولمىسا ئىككى ئاي ئارقىمۇ- ئارقا روزا تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. تۆرەلمە قوساقتا تۆت ئايلىق بولغاندا جان كىرىدۇ، شۇنىڭدىن كىيىن چۈشۈرۈۋەتسە بۇنىڭ جىنايىتىگە يۇقىرىقىدەك كاپارەت كېلىدۇ. بۇ ئىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ، كېسەللىك سەۋەپتىن ھامىلدارلىققا بەرداشلىق بېرەلمىسە تۆرەلمە پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش دورىسىنى ئىشلىتىش كېرەك. سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ھامىلدار بولۇشى كېرەك. ( ئەلمۇنتەقا 5301-ۋە 302- بەتلەر).

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە( ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن)دىن: ئەر كىشى ئايالىغا قورساقتىكى تۆرەلمىنى چۈشۈرۋەتكىن، بۇنىڭ جىنايىتى مىنىڭ ئۈستۈمگە بولسۇن دىسە، ئايال ماقۇل دەپ چۈشۈرۋەتكەن بولسا، بۇ ئىككەيلەنگە نېمە كاپارەت كېتىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئايال شۇنداق قىلغان بولسا ئۇ ئىككەيلەن بىر مۇسۇلمان قۇلنى ئازات قىلىشى كېرەك، بۇنداق قىلالمىسا ئىككى ئاي ئارقىمۇ- ئارقا روزا تۇتۇشى كېرەك، بۇ ئىككەيلەن ئۆلتۈرۈلگەن تۆرەلمىنىڭ دىيەت ھەققى ئۈچۈن بىر قۇل سېتىۋالغىلى بولىدىغان پۇلنى تۆرەلمىنىڭ مىراسخورلىرىغا بېرىشى كېرەك، دادىسىغا بىرنەرسە بېرىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ تۆرەلمىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغان، ئەمما باشقا تۇغقانلىرىغا بېرىلىدۇ.

2- ھامىلدار ئايالنى تالاق قىلىش بولسا سۈننەتكە مۇۋاپىق تالاق ھېسابلىنىدۇ، خەلق ئارىسىدا ھامىلدار ئايالنى تالاق قىلىش توغرا ئەمەس دېگەن سۆزلەر تارالغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇ سۆزنىڭ دەلىلى ۋە شەرىئەتتە ئاساسىمۇ يوق. مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان 1471- نومۇرلۇق ھەدىستە: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىنى ھەيزدار ھالەتتە تالاق قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئايالىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ ھەيزدىن پاك بولغاندا ياكى ھامىلدار بولغاندا تالاق قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئىبنى ئابدۇل بەر مۇنداق دەيدۇ:  ھامىلىدارلىقنىڭ ئەۋۋىلىدە بولسۇن ياكى ئاخىرىدا بولسۇن ئۇلارنى تالاق قىلىشتا ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىددىتى بالىنى تۇغۇش بىلەن تامام بولىدۇ، بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبنى ئۆمەرنى ئايالىنى پاك ھالەتتە ياكى ھامىلدارلىق ھالەتتە تالاق قىلىشقا بۇيرىغانلىقىدۇر. (ئەتتەمھىيد1580- بەت).

ئۈچىنچى:  ئەرنىڭ ئايالىنىڭ رازىلىقىسىز ئۇ ئايالنىڭ مال- مۈلكىدىن  بىر نەرسە ئېلىۋېلىشى توغرا ئەمەس، ئەگەر ئايال ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بەرسە مەيلى، ھەتتا ئايال ئوچۇق ئاشكارا پاھىشە ئىشلارنى قىلمايدىكەن ئەرنىڭ ئۇنىڭ تويلۇق مەھرىدىن بىر تىيىنلىق نەرسىنى ئېلىۋېلىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خوشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار، ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۇنى مەززىلىك، سىڭىشلىق( يەنى پاك - ھالال بىلىپ) يەڭلار». يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« ئۇلار ئوپ- ئوچۇق بىر پاھىشە ئىشنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۈلېۋىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار».

ئىبنى قۇدامە -رەھىمەھۇللاھ- مۇنداق دېگەن:  "بۇزۇقچىلىق ۋە ئەسكىلىك ئايال تەرەپتىن بولمىسىلا ئايالنىڭ تويلۇق مېلىدىن بىرەر نەرسىنى ئېلىۋېلىش ئەر ئۈچۈن ھالال بولمايدۇ دېگەن قاراشتا ئالىملار بىرلىككە كەلگەن".

ئىبنى مۇنزىر  نۇئمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇزۇقچىلىق ۋە ئەسكىلىك ئەر تەرەپتىن سادىر بولىدىكەن ۋە ئايال خۇلئىي (يەنى ئېرىگە مال- دۇنيا بېرىپ ئاجرىشىشنى) تەلەپ قىلغان بولسا، ئايالدىن بىر نەرسە ئېلىش دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن ئەرنىڭ قىلغان ئىشى ياخشى ئىش دەپ قارالمايدۇ. ئەر ئايالىدىن ئالغان نەرسىنى قايتۇرۇشقا مەجبۇرلانمايدۇ.

ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دەيدۇ: ئەمما نۇئماننىڭ بۇ سۆزى قۇرئاننىڭ زاھىرى ھۆكمىگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ۋە ئومۇمى ئالىملارنىڭ بىرلىك قارىشىغا خىلاپتۇر. ( ئەلمۇغنىي 3137- بەت).

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ئۆزىنىڭ پەتىۋالار توپلىمىنىڭ 32-توم 283- بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ئەرنىڭ ئايالغا بىسىم قىلىپ بەرگەن مەھرىنىڭ بەزىسىنى قايتۇرۇشقا قىستىشى توغرا ئەمەس، بەلكى شۇ سەۋەپتىن ئۇرۇشىمۇ توغرا ئەمەس، لېكىن ئايال ئوچۇق ئاشكارا پاھىشە ئىش قىلسا ئۇ ۋاقىتتا  ئەر ئايالىنى ئەدەپلەش يۈزىسىدىن مەھرى ھەققىدىن قىسىۋېلىش ۋە ئۇرۇشقا ھەقلىق بولىدۇ،  بۇ ئەر بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىكى ئىش. ئەمما ئايالنىڭ  تۇغقانلىرى ھەق قايسى تەرەپتە بولسا شۇلار بىلەن بىرگە تۇرۇپ ھەققە ياردەم بېرىشى، ئەگەر ئايالنىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ چەكلەنگەن ئىشنى قىلغانلىقىنى ۋە ئېرىگە زۇلۇم قىلىپ ئازار يەتكۈزگەنلىكى ئىسپاتلانسا مەھرى ھەققىگە بىرىلگەن پۇلدىن قايتۇرۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۇلار ئوپ- ئوچۇق بىر پاھىشە ئىشنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۈلېۋىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار» دېگەن ئايەتتىكى «پاھىشە» كەلىمىسىدىن زىنا، دىننى چۈشەنمەسلىك، ئائىلىدە ئەسكىلىك قىلىش، ناچار سۆزلەر بىلەن ئېرىگە ۋە باشقىلارغا ئازار يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنىدۇ.( تەپسىر سەئدىي 242- بەت).

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

 

Go to the Top