الصدق مع الله تعالى

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: الصدق مع الله تعالى
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه خطبة الجمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ الدكتور حسين بن عبد العزيز آل الشيخ 30 /5/1431 هـ والتي تحدث فيها عن الصدق مع الله تعالى وأعطى نماذج من صحابة رسول الله وصدقهم مع الله وذكر الأدلة من الكتاب والسنة على وجوب الصدق مع الله .
تأريخ الإضافة: 2010-05-20
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/306001
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
ئاللاھقا بولغان سەمىمىيەت
375 KB
فتح: ئاللاھقا بولغان سەمىمىيەت.doc
نبذة موسعة

 

ئاللاھقا بولغان سەمىمىيەت

 

2010-يىلى 05-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە "دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئاللاھقا بولغان سەمىمىيلىك ئاساسىدا روياپقا چىقىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئىنسان ھاياتىنىڭ ماھىيىتى، تەلەپ قىلىنغۇچى بەخت-سائادەتنىڭ ئاساسى، دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ياخشى ئاقىۋەتنىڭ يادروسى، ئاشكارا-يوشۇرۇن سۆز-ھەرىكەتلەر ۋە ئىتائەت قىلىش-بويسۇنۇشلاردا ئاللاھ بىلەن بولغان سەمىمىيەتكە مەركەزلەشكەندۇر.

بۇ نۇقتىغا تايانغاندا دۇنيا-ئاخىرەتتە مەمنۇنىيەتلىك نەتىجىلەر ۋە ياخشى مەنپەئەتلەر روياپقا چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ ساڭا ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا سادىق بولۇشى ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى». [سۈرە مۇھەممەد 21-ئايەت]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر سەھرالىق كىشىگە خەيبەردىن ئالغان غەنىمەتلەردىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن بۇنىڭ ئۈچۈن سىلىگە ئەگەشمىدىم،  لېكىن مەن  دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ شەھىد بولۇپ، جەننەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەگەشتىم دەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەگەر سەن ئاللاھقا سەمىمى بولساڭ، ئاللاھ سېنى مەقسىتىڭگە يەتكۈزىدۇ، دېدى. ئۇ كىشى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ جەسىتى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلتۈرۈلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بۇ ھىلىقى كىشى شۇمۇ؟ دەپ سورىدى. ساھابىلار: ھەئە شۇ دېيىشتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئاللاھقا سەمىمى بولغاچقا، ئاللاھ ئۇنى مەقسىتىگە يەتكۈزدى، دەپ، ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن چاپىنى بىلەن كېپەنلىدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلدى». [بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ].

سەمىمىيەت ئىچىدە ياشىغان تەن ۋە روھ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا تولۇق رىئايە قىلىپ، ئىسلام پرىنسىپىدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ، بۇ ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتىنى سەگەكلەشتۈرۈپ، دائىم ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابىدىن ساقلىنىشقا، رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىشقا ئۈندەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ». [ئال-ئىمران 30-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئىسلام ئۇممىتىنى ھازىر ھەممە تەرەپتىن پىتنىلەر قورشاپ كەلمەكتە. تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار چىرمىۋالماقتا. ھاياتتىكى ماددى ۋە مەنىۋى، سىياسى ۋە ئىجتىمائىي پاسسىپلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن-بىر يولى، ھاياتلىق تۇرمۇشىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە راستچىللىق بىلەن ئەگىشىپ، كەسكىن ئىرادە بىلەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، ئەقىدىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، رەسۇلۇللاھنى ھاياتتا ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.

سەمىمىيەت، شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى، تەرەققى قىلىشى، دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئېرىشىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، بۇ ئىنساننى تەلەپ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشتۈرۈپ، ئەنسىرەيدىغان ئىشلاردىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

ھاكىمىيەت باشقۇرۇۋاتقانلار، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلق مەنپەئەتىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە ئۇنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئاللاھقا سەمىمى بولىشى كېرەك. شۇنىڭدەك ھاكىمىيەت ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرمۇ شەرىئەت يولغا قويغان ئىسلامىي پرىنسىپلاردا ھاكىمىيەتكە بويسۇنۇش، بۇنىڭ بىلەن ئىنسان رازى بولىدىغان ياخشى تۇرمۇش ھاياتىنى روياپقا چىقىرىش ۋە ئېسىل بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئاللاھقا سەمىمى بولىشى كېرەك. (ئاپتورنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنى مۇسۇلمانلار دۆلىتى ۋە ھاكىمىيىتى).

بارلىق رەھبەرلەر ئاللاھقا سەمىمى بولۇپ شەرىئەت پرىنسىپى بويىچە تېرىشىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆز مىللىتىگە خىزمەت قىلسا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ ۋە ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ.

ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاشكارا-يوشۇرۇن ئىشلىرىدا، بارلىق ھەرىكەتلىرىدە، مەقسەت-ئىرادىلىرىدە، سۆز-ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھدىن قورقۇش، بارلىق ئىشلىرىنى  ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ نەپسى-خاھىشى ۋە شەخسى مەنپەئىتىگە ئارىلاشتۇرماي ئىجرا قىلىش، بەلكى بارلىق ھۆكۈملەرنى ياقتۇرىدىغان-ياقتۇرمايدىغان، قىيىنچىلىق ۋە كەڭرىچىلىك، خۇرسەنلىك ۋە ئارامسىزلىق ۋاقىتلاردىمۇ، ھۆكۈم قىلىنغۇچى ئۆزىنىڭ دوستى ياكى دۈشمىنى، يېقىنى ياكى يات كىشىلەر، باي ياكى كەمبەغەل بولسۇن پەقەت ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ۋە كۆرسەتمىسىنى ئەمەلىلەشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغاندا، مەزكۇر شەخسدە ئاللاھقا بولغان سەمىمىيەتنىڭ ئالامەتلىرى ئاشكارا كۆرىلىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىل تەربىيىسى ئارقىلىق، ئاللاھ بىلەن بولغان سەمىمىلىكتە ئۈلگىلىك نەمۇنىلەرنى قالدۇردى.

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ«ئەل ئىسابە» دېگەن كىتابىدا مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى بايان قىلىدۇ: "سەئد ئىبنى خەيسەمە بەدىر ئۇرۇشىغا چىقىدىغان كۈنى ئۇرۇشقا چېقىش توغرىسىدا دادىسى بىلەن چەك تاشلاشتى، ئۇرۇشقا چېقىش چېكى ئوغلىغا چىقتى، خەيسەمە ئوغلى سەئدگە: ئى بالام بۈگۈن مەندىن  ئىلگىرىلەپ كەتتىڭ، دېگەندە، سەئد دادىسىغا: ئى دادا! ئەگەر جەننەتكە بارىدىغان ئىشتىن باشقا ئىش بولغان بولسا ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمايتتىم دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەئد بەدىر ئۇرۇشىغا چېقىپ شەھىد بولىدۇ، دادىسىمۇ كىيىنكى يىلى ئوھۇد ئۇرۇشىدا شەھىد بولىدۇ. ھەر ئىككىسى ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىدە سەمىمى بولغاچقا تەلەپ قىلىنغان شېھىتلىكتىن ئىبارەت بۈيۈك مەقسەتكە يەتتى".

«سەھىھۇسسىيرە» ناملىق ئەسەردە بايان قىلىنىشچە: "سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاسنىڭ ئىنىسى ئۆمەير ئىبنى ئەبى ۋەققاس بەدىر ئۇرۇشىغا چىقىدىغان ۋاقىتتا يېشى كىچىك بولغاچقا ئۇنىڭ جىھادقا ئىشتىراك قىلىشى رەت قىلىنغان ئىدى، يىغلىدى ۋە  مەن ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ شېھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشىشنى ياخشى كۆرەتتىم دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۇرۇشقا چىقىشىغا ئىجازەت بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاللاھقا بولغان سەمىمىيلىكى بىلەن ئۇرۇشتا شەھىد بولۇپ جەننەتتە ئالى مەرتىۋىگە ئېرىشتى".

ساھابىلەرنىڭ سەمىمىيىتى توغرىسىدا مىساللار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارغا ئالى ئورۇن، يۇقىرى مەرتىۋە تەييارلىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرنى ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارىلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى. ئۇلارمۇ ئاللاھدىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر.» [سۈرە تەۋبە 100-ئايەت].

ھازىر جەمئىيەتتە مۇسۇلمانلار سۆز-ھەركەت، ئىچكى-تاشقى، مەقسەت-ئىرادىلەردە ئاللاھقا سەمىمىيەت بىلەن ئېتىقاد قىلىشقا بەك ئېھتىياجلىق. بىز ھايات يۆلىنىشىمىزنى مۇشۇ پرىنسىپ بويىچە ئىلىپ بارغاندا، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى، رازىلىقى ۋە دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتكە ئېرىشەلەيمىز.  

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن.


 

 

 

Go to the Top