الأمانة ووجوب حفظها

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: الأمانة ووجوب حفظها
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه خطبة الجمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ حسين بن عبدالعزيز آل الشيخ8/1/1431 هجري، وبين فضيلته عظم الأمانة ووجوب حفظها، وذكر توجيهات مهمة لأصحاب المناصب وكل من تولى مسؤلية الرعية، وما يجب على المسلمين من تقوى الله في العلاقات الإجتماعية فيما بينهم، ومراعاة ربهم وإخلاصهم لله رب العالمين في جميع شؤون حياتهم.
تأريخ الإضافة: 2010-01-04
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/263340
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىقنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا
324 KB
فتح: ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىقنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا.doc
2.
ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىقنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا
148.8 KB
فتح: ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىقنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا.pdf
نبذة موسعة

 

ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىقنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا

 

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت سالام  يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە سالام بېرىپ، "نەمۇنىچى جەمئىيەت خەير-ئېھسان بىلەن بارلىققا كەلسە، تەرەققىيات ئىلىم-پەن، بىلىم ئىلىش بىلەن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

قېرىنداشلار! بىز دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق، زىيان-زەخمەت، بالا-مۇسىبەت ۋە تەبىئىى ئاپەتلەر بىزنىڭ ئۆز نەپسىمىزدىن ھېساب ئېلىشىمىز ۋە ھەقىقەتكە قايتىشىمىزنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنىڭ ئاساسلىق ئۆلچىمى سەمىمىيەتلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسلاھات ئىلىپ بېرىش؛ كەمچىلىك ۋە خاتالىقلارنى بىلىش، تەجرىبىنى يەكۈنلەپ خاتالىقلارنى تۇزۇتۇشكە تۈرتكە بولالىشى لازىم.

مۇسۇلمانلارغا يەتكەن بارلىق بالا-مۇسىبەت ۋە ئاپەتلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ تەرىپىگە تەۋبە-ئىستىغپار بىلەن قايتىشقا يېتەكلىيەلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شەك- شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە (نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). ئۇلارنى (ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ) يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق-سىلاق بىلەن جازالىدۇق (٤٢) ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ لېكىن ئۇلارنىڭ دىللىرى قەساۋەتلەشتى (ئىمانغا يۇمشىمىدى)، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى» ئەنئام سۈرىسى 42-43-ئايەت.

دۇنيادا ئىنسانغا يېتىدىغان ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلىشى، بېكىتىشى، خالىشى ۋە ھېكمىتى بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزۈڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان، بۇ (ئىش)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئاساندۇر» سۈرە ھەدىد 22-ئايەت.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان، مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان، مىللەت رەسمىي ياكى غەيرى رەسمىي يوللار ئارقىلىق ئېتىراپ قىلغان، ھاياتىنى مىللەتنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىغان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن دەيدىغان ئالى مەنسەپلەركە ئېرىشكەن ھەر بىر ئىنسان مەزكۇر مىللەتنىڭ ھەققىدە ئاللاھدىن قورقۇشى، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ۋە ئومۇمى خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلىشى لازىم. ئىنساننىڭ ئاللاھدىن قورقماي پەقەت پۇل-مالغا ۋە مەنسەپكە ھېرىس بولىشى كىشىنىڭ دىنىنى ۋە ئەخلاقىنى بۇزىدۇ.

ئومۇمى خەلق مەنپەئەتى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پادىشاھتىن تارتىپ ئەدناسى ئاددى بىر پۇخراغىچە بولغان ھەربىر ئىنساننىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئادا قىلىدىغان زىممىسىدىكى دىنى ۋە مىللى بۇرچىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر» سۈرە نىسا 58-ئايەت. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى خىيانەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: « ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ قا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار ». تەۋبە سۈرىسى 27-ئايەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى ئامانەتكە خىيانەت قىلىشىدۇر» دېگەن. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. يەنە بىر ھەدىستە: «ئامانەتدار بولمىغان كىشىدە ئىمان بولمايدۇ، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىغان كىشىدە دىن بولمايدۇ» دېگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولىدىغان كىشىلەر ئامانەتدار، پاك، سەمىمى خىزمەتنى ئىخلاس  بىلەن قىلىدىغانلاردىن بولىشى كېرەك.

شەھەر تەرەققىيات ئىشلىرىنى كۆتۈرە ئالغان شىركەتلەر ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن قىلىشى، كۆتۈرە ئالغان ئىشلارنى كېچىكتۈرمەستىن ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشى، ئىشلىرىدا ھىلى-مىكىر ئىشلەتمەسلىك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى ئىسراپ قىلىپ بۇزۇپ چېچىۋەتمەسلىكى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «بىزگە ھىلى-مىكىر ئىشلەتكەنلەر بىزدىن ئەمەس» دېگەن. مۇسلىم رىۋايىتى. مىللەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىش جەريانىدا مۇسۇلمانلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى بۇزۇپ-چېچىپ، ئىسراپ قىلىش ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا جازاسى كاتتا بولغان چوڭ جىنايەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:«ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ماللىرىنى ھەقسىز ئىشلەتكۈچىلەر قىيامەت كۈنىدە دوزاخقا ھەقلىق بولىدۇ» دېگەن. بۇخارى رىۋايىتى.

پارىخورلۇق ئومۇمى خەلق ئىقتىسادىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان، ئىگىلىكنى ۋەيران قىلىدىغان، ھەقىقەتنى باتىلغا، باتىلنى ھەقىقەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئەڭ رەزىل جىنايى قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان-كەرىمدىمۇ بەنى ئىسرائىلنىڭ بۇ قىلمىشىنى سۆكۈپ نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلغان. بۇ ئىنساننى لەنەتكە گېرىپتار قىلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا پارا بەرگۈچى ۋە پارا ئالغۇچىلارغا لەنەت ئېيتتى». سەھىھ ھەدىس. ئىسلامدىكى چوڭ جىنايەتلەرنىڭ يەنە بىرى، ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنسىپىدىن پايدىلىنىپ شەخسلەرنىڭ ۋە ئومۇمنىڭ پۇل-ماللىرىنى قاقتى-سوقتى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«كىمكى غەنىيمەتكە خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن (يەنى خىيانەت قىلغان نەرسىسى گەجگىسىگە ئارتىلغان ھالدا) كېلىدۇ». سۈرە ئال-ئىمران 161-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:«بىز بىر كىشىنى بىرەر ئىشقا مەسئۇل قىلساق، ئۇ كىشى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىدىن يىڭنە چاغلىق نەرسىنى يوشۇرىدىكەن، ئۇ كىشى قىيامەت كۈنىدە ئامانەتكە خىيانەت قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ»دېگەن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە بۇنىڭدىنمۇ ئوچۇق ۋە كاتتا چۈشەندۈرۈشلەرنى قويۇپ كەتكەنمۇ؟!.

ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم! ئاللاھ سىزگە تاپشۇرغان دىنى ۋە مىللى ئامانەتنى ساغلام ئادا قىلىشىڭىز لازىم بولغىنىدەك، مىللەتنىڭ ئىشلىرى، ۋەتەن تەرەققىياتىغا مەسئۇل قىلىنغان كىشىلەرمۇ ئۆز نۆۋىتىدە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئاللاھ قىيامەت كۈنى بارلىق ئۈممەتلەرنى بىر جايغا توپلىغاندا، خىيانەتچىلەرنىڭ ھەر بىرى بىردىن بايراق كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن تونۇلىدۇ ۋە بۇ پالانى خىيانەتچىنىڭ بايرىقى دېيىلىدۇ» دېگەن. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! سىز قىيامەت كۈنى بۇ نامغا قىلىشتىن بۇرۇن دۇنيادىكى ھاياتىڭىزدا تەۋبە قىلىپ ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىڭ. قىيامەت كۈنىدە ئىنسانغا توپلىغان مال-دۇنيا ۋە ئەۋلادلارنىڭ قىلچىلىك پايدىسى بولمايدۇ، پەقەت ئاللاھقا ساغلام قەلب بىلەن قايتقانلار نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ.

ھەممىدىن توغرىسىنى جانابى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.    

 

 

Go to the Top