يالغانچىلىقنىڭ شەخس ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: يالغانچىلىقنىڭ شەخس ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 28/4/1430ھـ 2009-يىلى04-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. خۇتبىدا يالغانچىلىقنىڭ شەخس ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى، يالغانچىلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانلار، مۇسۇلمان ھەرقانداق ۋەزىيەت ئاستىدا كاززاپلىقتىن يىراق بولۇشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2009-04-30
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/206044
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
يالغانچىلىقنىڭ شەخس ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى
319 KB
: يالغانچىلىقنىڭ شەخس ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

يالغانچىلىقنىڭ شەخس ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى

 

2009-يىلى 04-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، "يالغان سۆزلەش، باشقىلارغا يالغاندىن تۆھمەت قىلىش، گۇمان بىلەن قارا چاپلاش ئېغىر جىنايەت، خەتەرلىك قىلمىشتۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

شەرىئەت كۆرسەتمىلىرى ئوچۇق- ئاشكارا، ھېچقانداق مۇجمەللىك يوق، شۇنچە داغدام يول بولسىمۇ ئەپسۇسكى، ئىنسانلار ئىچىدە جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، فىتنە پەيدا قىلىدىغان، دوست-بۇرادەرلەر ئارىلىقىنى بۇزىدىغان، دىننىڭ گۈزەللىكىنى خۇنۇكلاشتۇرىدىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ساپاسىنى چۈشۈرىدىغان قەبىھ ئىللەتلەر مەۋجۇت بولۇپ، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە بىراز ئېغىر بولۇۋاتقىنى يالغانچىلىق، باشقىلار ھەققىدە ئاساسسىز سۆز-چۆچەكلەرنى تارقىتىش، يالغاندىن بۆھتان-تۆھمەت قىلىشتۇر. بۇنداق ئىشلارغا مۇپتىلا بولغانلارنى ھەرقانداق جەمئىيەتتە ئۇچرىتىش مۇمكىندۇر. بۇنداق ئىنسانلار ناھەقچىلىق ۋە باتىل قىلمىشلارنى ھەقىقەتكە ئايلاندۇرالايدۇ. بىگۇناھ ئىنسانلارغا ماددى ۋە مەنىۋى زىيان يەتكۈزەلەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پەقەت ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارلا (ئاللاھغا) يالغان چاپلايدۇ، (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يالغانچى ئەمەس) دەل ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يالغانچىدۇر» سۈرە نەھلە 105-ئايەت.

يەنە بىر ھەدىستە: ساھابىلاردىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «ئى رەسۇلۇللاھ! مۆمىن ئۇغۇرلۇق قىلامدۇ؟ دەپ سورىغاندا: قىلىپ سالىدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن. مۆمىن زىنا قىلامدۇ؟ دېگەندە: قىلىپ سالىدۇ، دېگەن. مۆمىن يالغان سۆزلەمدۇ؟ دېگەندە: ياق، مۆمىن يالغان سۆزلىمەيدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن».

يالغانچىلىق قەبىھ، يامان ئىللەت بولۇپ، ئۇ مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى، كۇفىرنىڭ بىر قىسمىدۇر. يالغانچىلىق روھىي مەينەتلىك، تېگى پەسلىك، ئۆزىگە- ئۆزى ئىشەنمەسلىك، ئۆزىنى ئۆزى تۆۋەن كۆرگەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. يالغانچىدا بارلىق يامانلىق ۋە ھىلە-مىكىرلەر تېپىلىدۇ. يالغانچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى يامان، يالغانچىلىق ئىنسانلارغا ھەرخىل بالا مۇسىبەتلەرنى كەلتۈرىدۇ. ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلىگۈسىز كۆڭۈلسىزلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. يالغانچىلىقنىڭ ئەكسى بولسا، راستچىللىق، سەمىمىيلىك بولۇپ، راس سۆزلىگەن ئىنسان قەلبى يورۇق، باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولىدۇ. مېھرىبانلىق ۋە كۆيۈنۈشنى ئۆزىگە شەرەپ دەپ بىلىدۇ. سەمىمى ۋە راستچىل كىشى خەلقنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەندىن سىرت ئاللاھنىڭ ياخشى مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.

يېقىنقى زامانلاردا يالغانچىلارنىڭ بازىرى جەمئىيەت كىشىلىرى ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى تەپەككۇر مەيدانلىرى، ئەقىل دۇنياسىدا بولۇپ، ئىدىلوگىيە تىرورلىقىدىن ئىبارەت قورقۇنۇچلۇق ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتىدۇ. مۇسۇلمان ئاڭلىغان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىگە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى، ھەقىقەتنىڭ دۈشمىنى بولغان يالغانچىلارنىڭ يالغانلىرىغا ئالدىنىپ كەتمەسلىكى لازىم. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئاڭلىغان خەۋەر، باياناتلارنىڭ راس يالغانلىقىنى تەكشۈرۈش ھەربىر كىشىنىڭ مەجبۇرىيىتى. تارقىتىلغان ھەممە نەرسە راست بولمايدۇ. "ھەقىقەت بىر، ناھەق مىڭ دىگەندەك" ھازىرقى زاماندىكى ئويدۇرما يالغانلارنىڭ كۆپلىكىدە سۆزلەرنىڭ قايسى راس قايسى يالغانلىقىنى ئايرىماستىن ئىشىنىپ كېتىش تولىمۇ ئەخمىقانىلىقتۇر.

مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان يالغان، ئويدۇرمىلارنىڭ قۇربانى بولماقتا، ئىسلام ئۈممىتى ھەقىقىي بىر ئىمتىھانغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئىنسانلار ماددىغا بېرىلىپ، روھىي ئۈستۈنلۈكتىن يىراق، ئىسلاھاتتىن مەھرۇم، باشقىلارنىڭ ھەقىقەتنى بۇرمىلاشتىن ئىبارەت ھىلە-مىكىرلىرىگە ئالدىنىپ، يەم بولۇپ كېتىپ بارماقتا.

كىمنىڭ ئاۋازى يۇقىرى چىقسا شۇنىڭ گېپى توغرا ئوخشايدۇ دەپ قالغانلار بىلىۋېلىشى كېرەككى، جار سېلىش، ئاۋازنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق باتىلنى ھەقىقەتكە ئايلاندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ھەرقانداق بىر مىللەتتە ئاڭلىغان نەرسىنىڭ راس يالغانلىقىنى پەرقلەندۇرەلىگۇدەك سەۋىيە، مەدەنىيەت ساپاسى بولۇش كېرەك.

ئىسلام ئۈممىتى ئۆزىنىڭ روھىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي پاكلىقىنى ساقلىشى مۇھىمدۇر. بۇ ھەقتە ئاخبارات، تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ رولى بەكمۇ مۇھىم .بارلىق ئاخبارات، تەشۋىقات ساھەلىرى ئىسلامىي ئاڭ سەۋىيسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، باشقىلارنىڭ يامان خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرغۇدەك روھ پەيدا قىلىشى ۋە مېدىيا ۋاستىلىرى ئارقىلىق مىللەتكە ھەقىقەتنى بىلدۈرۈشى ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئىمانى ۋە ئىنسانى بۇرچىدۇر.

ھازىرقى پەيتتە ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تولىمۇ مۇھىم، ئىسلام ئۈممىتى بۇ ساھەگە ئەھمىيەت بېرىشى، بۇ ساھەلەر ئارقىلىق دۈشمەنلەرنىڭ ھەرساھە ھۇجۇملىرىدىن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشى ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ يالغانچىلارنىڭ، تۆھمەتخورلارنىڭ ئويدۇرمىلىرىغا، مىللەتنى قايمۇقتۇرۇشلىرىغا رەددىيە قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ئاللاھ بارچىمىزنى ھەقىقەتكە ئەمەل قىلىدىغان، دىنى ۋە مىللىتى، ۋەتىنى قاتارلىقلارغا چاپلانغان ئويدۇرما يالغانلاردىن ھىمايە قىلىدىغانلار قاتارىدا قىلسۇن ئامىن.

 

 

Go to the Top