قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: بىر قىز مەلۇم سەۋەبلەر  تۈپەيلى قىزلىق پەردىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئۇ قىز  قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرسە توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلگەن بولسا.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-10-31
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/184056
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى
992.5 KB
: قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى.doc
2.
قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى
116.2 KB
: قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى.

 

844-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

بىر قىز مەلۇم سەۋەبلەر  تۈپەيلى قىزلىق پەردىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئۇ قىز  قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرسە توغرا بولامدۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

بۇ مۇشۇ ئەسىردە يۈزبەرگەن يىڭى مەسىلىلەردىن بولۇپ، ئالىملارنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى ھەممە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇنىڭدىن دەلىل-ئىسپاتى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنىنى بايان قىلىپ بىرىمىز:

ئالىملارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى كۆز قاراشلىرى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ تۆۋەندە بايان قىلىمىز:

بىرىنچى كۆز قاراش: قىزلىق پەردىسى ھەرقانداق سەۋەپ تۈپەيلى بۇزۇلغان بولسۇن،  ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەتئى توغرا بولمايدۇ.

ئىككىنچى كۆز قاراش: بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىدەك:

1- قىزلىق پەردىسىنى توي قىلماستىن شەرىئەتتە  گۇناھ ھېسابلانمايدىغان بىرەر ھادىسە سەۋەپلىك يوقۇتۇپ قويغان بولسا، ئۆرپ- ئادەت ياكى ئائىلىدە بۇ سەۋەبلىك ھەرخىل كەمسىتىلىش ۋە ھاقارەتكە ئۇچراش خەۋپى بولسا قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش زۆرۈر دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى ۋە ئۆزىنىڭ ئىختىيارى بىلەن بولىدۇ.

2- توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن ياكى  ئويۇن - تاماشانى كۆپ قىلىپ (يەنى ھالال نىكاھلانمىغان، شەيتاننىڭ كەينىگە كېرىپ شەھۋەتنىڭ قۇلى بولغان قىزلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ-م-) قىزلىق پەردىسىنى يوقۇتۇپ قويغان قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشى قەتئى بولمايدۇ (ھارام دەپ قارىلىدۇ).

3- ئالدىنىش ۋە باشقا سەۋەبلەردىن قىزلىق پەردىسىنى يوقۇتۇپ قويغان لېكىن بۇنى باشقىلار بىلمىگەن بولسا بۇ دوختۇرنىڭ ئىختىيارلىقىغا بولىدۇ، (يەنى دوختۇر قىزلىق پەردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش زۆرۈر دەپ قارىسا) ئوپېراتسىيە قىلىپ تىكتۈرۈش ياخشى.

شەرىئەت ئۆلىمالىرى 2- تۈردىكى قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئەسلىگە كەلتۇرۇشىنىڭ ھاراملىقىغا بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن، ئەمما 1- ۋە 3- تۈردىكى قىزلارنىڭ مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ.

ئۇلارنىڭ دەلىللىرى:

(1) بىرىنچى كۆز قاراشتىكى قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تىكتۈرۈش قەتئى توغرا بولمايدۇ، دېگەن ئالىملارنىڭ دەلىللىرى:

بىرىنچى:  قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىش  كىشىلەرنىڭ نەسەبلىرىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. ئاتالمىش قىزچاق باشقىلار بىلەن بىرگە بولۇپ بويىدا قالغاندىن كىيىن (بۇنى سەزمەستىن)  قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ يەنە بىر كىشى بىلەن توي قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھارامدىن تۆرەلگەن بوۋاق قانۇنلۇق توي قىلغان بىر ئادەمگە نىسبەت بېرىلىدۇ، شۇنداقلا ھالال بىلەن ھارام ئارىلىشىپ كېتىدۇ.

ئىككىنچى: قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش بىلەن ئاياللارنىڭ باشقىلارنىڭ كۆرۈشى قەتئى چەكلەنگەن ئەزالىرىغا قاراش يۈزبېرىدۇ.

ئۈچىنچى: قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش قىزلار ئۈچۈن كۆڭۈل ئىچىش پۇرسىتى بولۇپ ئۇلار قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرنى يوقۇتۇپ قويسىمۇ يالغان ئەڭگۈشتەر بىلەن باشقىلارنىڭ كۆزىنى بوياش ئىمكانىيىتى بارلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھەر تۈرلۈك ئەيشى - ئىشرەت ئۆيۈن تاماشالارنى قىلىپ، قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ئاتالمىش قىز نامى بىلەن ياشايدۇ.

تۆتىنچى: ئىسلام پىقھى تەتقىقات ئالىملىرى بىكىتكىنىدەك، بىر مەسىلىدە بۇزۇلۇش ۋە مەنپەئەت تەڭ كۆرۈلسە مۇمكىن بولسا بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز، بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىسا، بۇزۇلۇشى كۈچلۈك بولسا بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز،مەنپەئەتنىڭ يوقىلىشىغا پەرۋا قىلمايمىز.

مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن: قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق يۈزبېرىدىغان بۇزۇقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن بۇنداق قىلىشنى(قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشنى)توغرا ئەمەس دەپ قارايمىز.

بەشىنچى: ئىسلام شەرىئەت قائىدىلىرىدىن:  "ھەقىقەتەن زىيان ھەمىشە زىيان كەلتۈرىدۇ"، مۇشۇ قائىدىنىڭ تۈرلىرىدىن: "بىر كىشىنىڭ ئۆز يىرىنى سۇ بىسىۋىلىشتىن  ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يىرىنى سۇغا باستۇرۋىتىشى توغرا ئەمەس"، شۇنىڭدەك قىز ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ قىزىنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق تويلانغان  يىگىتنىڭ بەختىگە زىيان يەتكۈزۈشى توغرا ئەمەس.

ئالتىنچى:  قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش بۇ ئىسلام پرىنسىپلىرىدىن ئەمەس، بەلكى باشقىلارنى ئالداشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئالدامچىلىق ئىسلام شەرىئىتىمىزدە چەكلەنگەن ئىشلاردىندۇر( ھارامدۇر).

يەتتىنچى:  قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش بولسا قىزلار ئۈچۈن يالغانچىلىق ۋە ساختىلىقنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەرگەنلىك ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن ھەقىقى سەۋەبنى يوشۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكتۇر، شەرىئەتتە يالغانچىلىق قاتتىق چەكلەنگەن ئىشلاردىندۇر (ھارامدۇر).

سەككىزىنچى: قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش دوختۇرلار ئۈچۈن  قىزلارنىڭ ئەيىبىنى ياپتۇق دېگەن باھانە بىلەن، زىنا قىلىپ ھامىلدار بولغان ئاتالمىش قىزلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشتىن ئىبارەت.

(2) ئىككىنچى كۆز قاراشتىكى ئالىملارنىڭ دەلىللىرى:

بىرىنچى: ھەقىقەتەن شەرىئەت پرىنسىپى ئەيىبنى يېپىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش بولسا  بىز دۇرۇس بولىدۇ دەپ قارىغان دائىرىدە بولسا بۇ شەرىئەتنىڭ ئەيىبنى يېپىش كېرەك دېگەن قارىشىنى ئەمەلىي ئىپادىلەشتۇر.

ئىككىنچى: بىز زىنا - پاھىشىلەردىن پاك بولغان ئاياللار ئۈچۈن قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشنى توغرا دەپ قاراش بىلەن ئۇلارنى ھەرخىل يامان گۇمان قىلىش، كەمسىتىلىش ۋە زۇلۇملاردىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، شەرىئەت تىكىستلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئەر- ئاياللاردىن يامان گۇمان قىلماسلىق ياخشى گۇمان قىلىش كېرەك دېگەن  مەقسىتىنى ئەمەلىلەشتۈرگەنلىك بولىدۇ دەپ قارايمىز.

ئۈچىنچى: قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش بىلەن  قىزلارنى دۈچ كېلىش ئالدىدىكى زىياندىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا توي قىلغان يىگىت ئۇنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلسە، قىزغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ھاقارەت قىلىدۇ، ئەگەر بۇ ئىش كىشىلەر ئارىسىغا تارالسا كىشىلەر بۇ ئائىلە بىلەن تويلۇشۇشتىن چەكلىنىدۇ، ئۇلار دۈچ كىلىدىغان زىياندىن  قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق ساقلانغىلى بولىدۇ.

تۆتىنچى: قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلغان مۇسۇلمان دوختۇر  بۇ  ئېنىق بولمىغان سەۋەبلەر بىلەن بولغان ئىش دەپ قاراپ، بۇنى باشقىلاردىن يوشۇرسا بۇنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور، بولۇپمۇ ھىلىقى قىزغا نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ ۋە ئاللاھقا ھەقىقى تەۋبە قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

بەشىنچى: بىز قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش توغرا دەپ قارىغان ئەھۋاللاردا بۇ يالغانچىلىق ۋە ساختىپەزلىك دەپ قارالمايدۇ.

ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللىرىگە قاراپ ئەڭ كۈچلۈكىنى ئايرىش:

ھەممىنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، مىنىڭ قارىشىمدا بىرىنچى قاراشتىكى قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تىكتۈرۈش قەتئى توغرا بولمايدۇ، دېگەن ئالىملارنىڭ دەلىللىرى بىرقانچە جەھەتتىن كۈچلۈك ۋە ھەقىقەتكە ئەڭ يېقىن:

بىرىنچى: ئۇلارنىڭ سۆزلىگەن دەلىللىرى سەھىھ ۋە كۈچلۈك.

ئىككىنچى: ئەمما  ئىككىنچى قاراشتىكى ئالىملارنىڭ دەلىللىرىگە بىرقانچە جەھەتتىن جاۋاپ بېرىلىدۇ:

بىرىنچى جاۋاپ: ھەقىقەتەن شەرىئەت تېكىستلىرى ئەيىبنى يېپىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، لېكىن قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش بولسا بۇنىڭ سىرتىدا، بەلكى ئەسلىدە ئاياللارنىڭ ئەۋرەت ئەزالىرىنى ئېچىشى چەكلەنگەن (ھارام) بولۇپ بۇزۇقچىلىققا يول ئېچىپ بەرگەنلىكتىن ئىبارەت.

ئىككىنچى جاۋاپ: مۇسۇلمانلاردىن يامان گۇمان قىلماسلىق ئۈچۈن توي قىلىشتىن ئىلگىرى توي قىلىدىغان يىگىتكە ھەقىقى ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىش كېرەك، ئەگەر رازى بولۇپ توي قىلسا مەيلى، بولمىسا ئاللاھ ئۇ قىزغا باشقا بىر يىگىتنى نېسىپ قىلىدۇ.

ئۈچىنچى جاۋاپ:  قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش بىلەن ئىشنىڭ بۇزۇلۇش تەرىپى پۈتۈنلەي تۈگىمەيدۇ، چۈنكى توي قىلغان يىگىتنىڭ بۇنى بىلىپ قىلىشى ياكى باشقىلارنىڭ خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشى ئېھتىماللىقى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال توي قىلىشتىن ئىلگىرى توي قىلىدىغان كىشىگە خەۋەر بېرىشى كېرەك، بۇنى قوبۇل قىلسا بۇزۇلۇشنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ. ئەگەر يوشۇرسا تويدىن تويدىن كىيىن يىگىت بىلىپ قالسا تەبىئى ھالدا تۇرمۇشى داۋاملاشمايدۇ. تەبىئىي قىزلىق پەردىسى بىلەن ياماق سالدۇرغان قىزلىق پەردىسىنىڭ پەرقى بولىدۇ - ئەلۋەتتە.

تۆتىنچى جاۋاپ:  قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق  ئىشنى يوشۇرۇش ياخشىدەك كۆرۈلگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇزۇلۇش چوڭ بولىدۇ، بولۇپمۇ زىنا- پاھىشە قىلغۇچىلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەنلىك بولۇپ،  شەرىئەت قائىدىسىدە: "بۇزۇقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ".

بەشىنچى جاۋاپ:  قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېگەن ئەسلىدىكى قىزلىق ھالىتىگە ئوخشاش بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن يالغانچىلىق ۋە ساختىپەزلىك  تۈگىمەيدۇ، ئەگەر قىزلار ئېگىزدىن سەكرەش ياكى باشقا تەبىئىي سەۋەبلەردىن قىزلىقىنى يوقۇتۇپ قويسا بۇنى يوشۇرۇش توي قىلغان يىگىتكە نىسبەتەن ئالدانغانلىق بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن باشقىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بېرىپ قويغان بولسا ياكى ئوغۇل دوستىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بىلىپ -بىلمەي ئالدانغان بولسا، ئوغۇل دوستىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بىر قېتىملىققا ھېچنېمە بولمايدۇ دەپ بېرىۋېتىش قاتارلىقلارنى يوشۇرۇش ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىك بولىدۇ.

ئىككىنچى: بىرىنچى قاراشتىكى قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تىكتۈرۈش قەتئى توغرا بولمايدۇ، دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشى  شەرىئەتتە بۇزۇقچىلىققا سەۋەپ بولىدىغان ھەممە ۋاسىتىلەرنى چەكلەش دېگەن قائىدىنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇنى دۇرۇس دەپ قارىغانلارنىڭ كۆز قارىشىچە بولغاندا  ئاياللارنىڭ ئەۋرەت ئەزالىرىنىڭ ھۆرمىتى ئاياق- ئاستى قىلىنىدۇ  بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇزۇقچىلىقنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

ئۈچىنچى:  ئەسلى قائىدىدە ئاياللارنىڭ ئەۋرەت ئەزالىرىنى ئېچىش، قاراش ۋە قول بىلەن تۇتۇش چەكلىنىدۇ (ھارام بولىدۇ)، ئىككىنچى قاراشتىكى ئالىملارنىڭ دەلىلى قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تىكتۈرۈش دېگەن زۆرۈرىيەت ئىشلىرىدىن بولۇپ بۇ ئەسلى قائىدىدىن مۇستەسنا دەيدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھارام دېگەن ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

تۆتىنچى:  پاك قىزلارغا چاپلانغان تۆھمەتنى  ئىشەنچىلىك دوختۇرنىڭ بۇ مەلۇم ھادىسىنىڭ سەۋەبىدىن  بولغان دېگەن ئىسپاتى بىلەن يوق قىلىش مۇمكىن بولىدۇ، بۇ ئەڭ ياخشى ئىشەنچىلىك  يول بولۇپ بۇنىڭ بىلەن قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تىكتۈرۈشكە ھاجەت بولمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇرنىڭ ۋە قىز-خانىملارنىڭمۇ بۇ تۈردىكى ئوپېراتسىيىنى قىلدۇرۇشى ۋە قىلىشى توغرا بولمايدۇ، ئىشنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

دوكتۇر مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەل مۇختار شەنقىيتىنىڭ( ئەھكام ئەل جىراھەتىت تىبىييەتى ۋەل ئاسارۇل مۇتەرەتتىبەتى ئەلەيھا) دېگەن كىتابنىڭ 403- بەتلىرىدىن پايدىلاندى.

مۇشۇ ئەسىردىكى بىر قىسىم ئالىملار باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە قىلغان ئىشلىرىغا ھەقىقى تەۋبە قىلغان قىزلار قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ دەپ پەتىۋا بەردى، ئەمما گۇناھتىن ھەقىقى تەۋبە قىلمىغانلارنىڭ بۇنداق قىلىشى توغرا ئەمەس، بۇ ئۇلارنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ، شۇنىڭدەك نىكاھلانغان ئاياللارنىڭ بۇنداق قىلىشى ھەم توغرا ئەمەس، چۈنكى بۇ ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىككە ياردەملەشكەنلىك، بۇنداق ئاياللار بىلەن توي قىلغانلار ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەستىن ئۇلارنى قىز دەپ ئالىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىش ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. يالغانچىلىق ئۇستىگە قۇرۇلغان تۇرمۇشقا ئاللاھ مۇھەببەت ۋە بەرىكەت ئاتا قىلمايدۇ. ئىشنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 12 )
Go to the Top