فضل القرآن الكريم وقراءته
قۇرئان كەرىمگە ئائىت مۇھىم بىلىملەر
جىمى ھەمدۇسانالار ئاللاھ قا خاستۇر. ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى، شۇنداقلا بىزنىڭ سەييىدىمىز، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە رەھمەت ۋە سالاملار بولسۇن!
قۇرئان ئاللاھ نىڭ سۆزىدۇر. ئۇنىڭ باشقا سۆزلەرگە بولغان پەزىلىتى ئاللاھ نىڭ مەخلۇقاتلىرىغا بولغان پەزىلىتىگە ئوخشاش ئارتۇقتۇر. تىلنى ئىشلىتىدىغان ئەڭ ئەۋزەل نەرسە قۇرئان ئوقۇشتىن ئىبارەتتۇر.
قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىش، ئۇنى ئۆگىتىش ۋە ئوقۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك كۆپ پەزىلەتلىرى بار:
قۇرئان ئۆگىتىشنىڭ ئەجرى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى ئۆگەتكەنلەردۇر.» [ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]
قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەجرى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھ نىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا، ئۇنىڭغا شۇ بىر ھەرپنىڭ ئەجرى ئۈچۈن بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ. بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ.» [ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان]
قۇرئان ئۆگىنىش، ياد ئېلىش ۋە ماھارەت بىلەن ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئاننى ياد ئالغان ۋە ئۇنى ئەڭ يۈكسەك ماھارەت بىلەن ئوقۇيدىغان ئادەم ھۆرمەتلىك ۋە ياخشى پەرىشتىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. قۇرئان ئوقۇش تەس تۇيۇلسىمۇ، ئۇنى قىينىلىپ ئوقۇغان ئادەمگە ئىككى ھەسسە ئەجىر بولىدۇ.» [ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان] «قۇرئان ئىگىسىگە: قۇرئاننى ئوقۇغىن، ئۆرلىگىن، خۇددى ئۇنى دۇنيادىكى چېغىڭدا تەجۋىد قائىدىلىرىگە سېلىپ ئوقۇغىنىڭدەك، تەجۋىد قائىدىلىرىگە سېلىپ ئوقۇغىن!- دېيىلىدۇ.» [ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان]
خەتتابى مۇنداق دەيدۇ: «ئەسەردە مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سانى جەننەت دەرىجىلىرىنىڭ سانىغا تەڭ كېلىدۇ. قارىيغا: جەننەتنىڭ دەرىجىلىرىگە قۇرئان ئايەتلىرىدىن ئۆزەڭ ئوقۇغان مىقداردا ئۆرلىگىن!- دېيىلىدۇ. كىمكى قۇرئاننىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئوقۇغان بولسا، ئاخىرەتتە جەننەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ. كىمكى ئۇنىڭدىن بىر پارە ئوقۇغان بولسا، ئۇ جەننەتتە شۇنچىلىك مىقداردا ئۆرلىيەلەيدۇ. دېمەك، ساۋاب ئوقۇپ توختىغان يەردە تۈگەيدۇ.»
بالىسى قۇرئان ئۆگەنگەن كىشىنىڭ ئەجرى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى قۇرئان ئوقۇسا، ئۇنى ئۆگەنسە ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا نۇردىن تاج كىيدۈرۈلىدۇ. تاجنىڭ نۇرى كۈننىڭ نۇرىغا ئوخشاش نۇرلۇقتۇر. ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا دۇنيانىڭ پۈتۈن بايلىقىدىن قىممەت ئىككى تون كىيدۈرۈلىدۇ. ئۇلار: بۇ تون بىزگە نېمە ئۈچۈن كىيدۈرۈلدى؟- دەيدۇ. جاۋابەن: پەرزەنتىڭلار قۇرئان ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن،- دېيىلىدۇ.» [ئىمام ھاكىم رىۋايەت قىلغان ]
قۇرئاننىڭ ئاخىرەتتە ئىگىسىگە شاپائەت قىلىدىغانلىقى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئان ئوقۇڭلار. شەك ـ شۈبھىسىزكى، قۇرئان قىيامەت كۈنى ئىگىلىرىگە شاپائەتچى بولۇپ كېلىدۇ.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان] «روزا بىلەن قۇرئان قىيامەت كۈنى بەندىگە شاپائەت قىلىدۇ...» [ئىمام ئەھمەد ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان]
قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىش ۋە ئۇنى دەرس قىلىپ ئوقۇش ئۈچۈن يىغىلغان كىشىلەرنىڭ ئەجرى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرىدىن بىرەر ئۆيدە يىغىلىپ، ئۇنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئۆزئارا دەرس قىلىپ ئوقۇيدىغان ھەرقانداق بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە خاتىرجەملىك چۈشىدۇ، ئۇلارنى رەھمەت ئورىۋالىدۇ، پەرىشتىلەر قورشىۋالىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز دەرگاھىدىكى مەخلۇقاتلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ.» [ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان]
قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەدەپ ـ ئەخلاقلىرى: ئىبنى كەسىر مۇنداق بىرقانچە ئەدەپ ـ ئەخلاقنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: قۇرئاننى پاك ھالەتتە تۇتۇشى ۋە پاك ھالەتتە ئوقۇشى، ئۇنى ئوقۇشتىن بۇرۇن مىسۋاك ئىشلىتىشى، ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىشى، قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈپ تۇرۇشى، ئەسنەك تۇتقاندا ئوقۇشتىن توختىشى، ھاجەت چۈشۈپ قالمىسا، گەپ قىلىمەن دەپ قىرائەتنى ئۈزۈپ قويماسلىقى، زېھنىنى ھازىر تۇتۇشى، ۋەدە قىلىنغان ئايەتلەر ئۈستىدە توختاپ، ئاللاھ تىن ئۇنى تىلىشى، ئاگاھلاندۇرۇش قىلىنغان ئايەتلەر ئۈستىدە توختاپ، ئاللاھ قا سىغىنىپ ئۇنىڭدىن پاناھ تىلىشى لازىم. شۇنداقلا قۇرئاننى ئوچۇق تاشلاپ قويماسلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسە قويماسلىقى لازىم. قارىيلار قىرائەت قىلىشتا بىر ـ بىرى بىلەن بەس ـ بەستە ئۈنلۈك ئوقۇماسلىقى، كوچا ـ كويلاردا ۋە بىھۇدە سورۇنلاردا ئوقۇماسلىقى كېرەك.
قۇرئاننى قانداق ئوقۇش كېرەك؟ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىرائىتى ھەققىدە سورالغاندا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سوزۇپ ئوقۇيتتى. مەسىلەن، ”بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم“نى ئوقۇسا، «بىسمىللاھ»نى بىر سوزاتتى، «ئەررەھمان»نى بىر سوزاتتى، «ئەررەھىم»نىمۇ سوزاتتى،- دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. [ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]
قۇرئان ئوقۇش ئەجرىنىڭ ھەسسىلەپ بېرىلىدىغانلىقى: قۇرئاننى ئاللاھ نىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ خالىس ھالدا ئوقۇغان ھەرقانداق ئادەمگە ئەجىر بېرىلىدۇ. لېكىن ئۇنى قەلب ھۇزۇرى بىلەن، ئوقۇلغان ئايەتلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ ۋە چۈشىنىپ ئوقۇغان چاغدا بۇ ئەجىر ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ ۋە چوڭىيىدۇ. شۇنداق بولغاندا، بىر ھەرپكە ئون ھەسسىدىن 700 ھەسسىگىچە، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياخشىلىق يېزىلىدۇ.
بىر كېچە ـ كۈندۈزدە ئوقۇيدىغان مىقدار: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ھەر كۈنى قۇرئاندىن مەلۇم مىقداردا ئوقۇشنى ئۆزلىرىگە ۋەزىپە قىلىۋالغان ئىدى. ئۇلاردىن ھېچكىم قۇرئاننى يەتتە كۈندىن ئاز ۋاقىتتا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالمىغان ئىدى. ئۇنى ئۈچ كۈندىن ئاز ۋاقىتتا تۈگىتىشنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! ۋاقتىڭنى قۇرئان ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ھېرىسمەن بولغىن! قانداق ئىش بولۇشتىن قەتئىينەزەر، تاشلىماي ئوقۇش ئۈچۈن ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردا ئوقۇشنى ئۆزەڭگە ۋەزىپە قىلىۋالغىن! ئاز بولسىمۇ ھەمىشە ئوقۇش، كۆپ ئوقۇشنى ۋەزىپە قىلىپ، كېيىن ئۇنى تاشلىۋېتىشتىن ياخشىدۇر. ئەگەر غەپلەتتە قېلىپ ياكى ئۇخلاپ قېلىپ ۋەزىپەڭنى ئوقۇيالمىغان بولساڭ، ئەتىسى ئوقۇۋالغىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئوقۇيدىغان ۋەزىپىسىنى ئوقۇيالماي ياكى ئۇنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئوقۇيالماي ئۇخلاپ قالغان بولۇپ، ئۇنى ئەتىسى بامدات نامىزى بىلەن پېشىن نامىزىنىڭ ئارىلىقىدا ئوقۇۋالسا، ئۇنىڭغا خۇددى ئۇنى كېچىدە ئوقۇغاننىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان] قۇرئاننى ئوقۇش، تەجۋىد قائىدىسىگە سېلىپ قىرائەت قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش، ئەمەل قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن شىپالىق تىلەش تۈرلىرىدىن قايسى بىر تۈرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى تاشلىۋەتكەن ۋە ئۇنتۇپ قالغان كىشىلەردىن بولۇپ قالمىغىن!
ئاللاھ ھەممىمىزنى قۇرئان كەرىمنى ئۆگەنگىلى ۋە تىلاۋەت قىلغىلى نەسىپ قىلسۇن. ئامىن...