الاستفادة من وصية القرآن الكريم
قۇرئان كەرىم ۋەسىيەتلىرىدىن پايدىلىنىش توغرىسىدا
1/7/1429ھـ - /2008-يىلى 7-ئاينڭ 4-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدەك جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:
"قۇرئان كەرىم ۋەسىيەتلىرىگە ئەگىشىش، قۇرئاندىكى قىسسىلەردىن ئىبرەت ئېلىش ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئىشى" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
بەسىرەت نۇرى بىرىلگەن ئەقىل ئىگىلىرى قۇرئان كەرىم تەلىماتلىرى، نەسىھەتلىرىنى قۇلاقلىرىدا مەھكەم ساقلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ. ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىش، قۇرئان كەرىم نەسىھەتلىرىنى ھاياتىدا ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە قىلغان ۋەسىيىتى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئەڭ مۇھىم بولغىنى توغرا يولدىن ئاداشماسلىق ھەققىدىكى ۋەسىيتىدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
« مانا بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، بۇ يولغا ئەگىشىڭلار، باشقا خاتا يوللارغا ئەگەشمەڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ توغرا يولىدىن ئازدۇرۇپ قويىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ۋەسىيتىدۇر، ئۈمىتكى، سىلەر تەقۋا قىلغايسىلەر ».
ئاللاھنىڭ يولى سىراتەلمۇستەقىمدىن ئىبارەت توغرا يول بولۇپ، ئۇ ئىسلام دىنىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇندىن باشقا كۆپلىگەن يوللار بولۇپ ئۇلار ھەقىقەتتىن يىراق شەيتاننىڭ يوللىرىدىن ئىبارەتتۇر.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسىدە « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قولىدا بىر سىزىقنى سىزىپ كۆرسىتىپ، بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، ئۇ سىزىقنىڭ ئوڭ سول تەرىپىدىن بىرقانچە سىزىقلارنى سىزىپ كۆرسىتىپ دېدىكى، بۇ يوللارنىڭ ھەممىسىدە شەيتانلار باردۇر، ئۇلار باشقىلارنى ئۆزىنىڭ يولىغا چاقىرىپ تۇرىدۇ. دېگەندىن كېيىن :« ۋەئەننە ھازا سىراتىي مۇستەقىيمەن فەتتەبىئۇھ» دېگەن ئايەتنى تىلاۋەت قىلغان. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ يولىمىز ئەنە شۇ سىراتەلمۇستەقىمدىن ئىبارەت داغدام يول بولۇپ ئۇنىڭدىن ئاداشقاندىن كېيىنلا ئېزىپ كېتىمىز. سىراتەلمۇستەقىمدىن ئىبارەت يول جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان يولدۇر. بۇنىڭدىن شۇ ھەقىقەت ئاشكارا بولىدۇكى، جەننەتنىڭ يولى بىرلا يولدۇر. ئەمما جەھەننەمنىڭ يولى كۆپ ۋە تارماق يوللار بولۇپ، جەھەننەم يولىغا چاقىرغۇچىلارمۇ كۆپ بولىدۇ. يۇقىرىقى ئايەت ھەدىسلەرنىڭ روھىغا قارايدىغان بولساق ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى مۇسۇلمانلارنى ئېزىپ كېتىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.
ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازىدىغان يوللار كۆپ بولسىمۇ ئەڭ خەتەرلىك، يامانراقى ئازغۇن بىدئەتچىلەرنىڭ يوللىرىدۇر. فىتنەخور، بولگۇنچى، نىفاق يولىنى تۇتقانلار ھازىرقى زاماندىكى يىڭى ئازغۇنلار ئەمەس بەلكى ئۇنداق ئازغۇنلار ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىلىرىدىن تارتىپ داۋام قىلىپ كەلگەن.
ئىسلامدا تۈنجى بىدئەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ يولغا قويغانلار خاۋارىجلاردۇر. ئۇلارنى شەيتان ئازدۇرۇپ، خەتەرلىك ھالدا توغرا يولدىن ئاداشقان ۋە تېيىلغانلاردۇر. ئۇلار ئەھلى قىبلىنى كافىرلىققا ھۆكۈم قىلىش فىتنىسىگە مۇپتىلا بولغان. ئۇلار بۇ يول ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىغا تۈگىمەس-پۈتمەس بالايۇ ئاپەت كەلتۈرگەن. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇھەقتە ئاشكارا ۋە ئوچۇق ئاگاھلاندۇرۇشى باركى، ئۇ مۇنداق دېگەن: « ھېچكىم ھېچكىمنى كافىر، پاسىق دەپ تىللىمىسۇن، ئەگەردە ئۇ ئادەم ئۇنداق بولماي قالسا، تىللىغۇچىنىڭ ئۆزىگە قايتىپ قالىدۇ ».
يەنە كېلىپ ئەھلى قىبلىنى كافىرلىققا ھۆكۈم قىلىش ھەققىنى كىم بەردى. بۇ خەتەرلىك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان يامان ئىللەتتۇر. ئەگەردە بىر ئادەمنى كافىر دەيدىكەنمىز، كافىرلىققا ھۆكۈم قىلىنغان كىشى ھەقىقىي كافىر بولىدىغان بولسا، ھالال خوتۇنى تالاق بولىدۇ. ئۆلسە مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىدا يەرلىكىدە قويۇلمايدۇ. يۇيۇپ تارالمايدۇ. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى قانداقمۇ بىر كىشىنى ئاسانلا كافىرلىققا ھۆكۈم قىلىشقا پىتىنىسىلەر!.
بۇنداق خاۋارىجلار ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىگە شەك كەلتۈرۈپ، ھەممە كىشىنى ئازغۇنلۇق، كۇپۇر، پاسىققا ھۆكۈم قىلىپ ھەقتىن يۈز ئۆرىگەن ھالدا ئۆزىدىن باشقىنى ئازغۇنغا چىقىرىپ ھەقنى ئاڭلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئالىملارغا خالىغانچە تىل ئۇزارتىپ، ئۆزىدىن باشقىنى ئالىم ھېسابلىمايدۇ. ئۆزىنىڭ خاتا، ئازغۇن پىكرىدىن مەغرۇرلانغان ھالدا باشقىلارنىڭ پىكرى توغرا بولسىمۇ ئۇنىڭغا قۇلاق سالمايدۇ. ئاخىرىدا ئىسلام دۈشمەنلىرى بۇ بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ ئىسلام ئۈممىتىگە قارشى تېخىمۇ خىرىس قىلىدۇ.
ئەقىللىق بىر مۇسۇلمان قانداقمۇ دىنى، ۋەتىنى، مىللىتىنىڭ دۈشمەنلىرى قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ قېلىشقا رازى بولسۇن. بۇ تۈردىكى ئازغۇن پىكىرلىك ياشلار ئۆزىنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىنىڭ يوقلىقى بىلەن بىرگە نىيىتىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. بۇنداق كىشىلەر خاتا يولغا ماڭغانلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا قالايمىقان باھا بېرىپ ئۇلارنى خالىغانچە دىندىن چىقارماسلىقى كېرەك. بۇ خاۋارىجلارغا تارىختىن بىرى غەلىبە، ياخشىلىق بولمىغان بۇندىن كېيىنمۇ بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا فىتنە پەيدا قىلىپ، كۈچىنى بۆلۈشتىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ.
توغرا يول قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۆزىنىڭ دەستۇر مىزانى قىلغان كىشىگە ھەمراھتۇر. قۇرئان ھەدىسكە ئەگەشكەن كىشى ھېچقاچان ئازمايدۇ، بەزىلەر بىزگە قۇرئان كۇپايە، ھەدىستە گۇمان بار دەپ ئوتتۇرىغا چىققان بولسا ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا ئازغانلاردۇر. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: كىتاب ۋە سۈننەتكە تەڭ ئەگەشمىگەن كىشى يولدىن ئاداشقان بولىدۇ. زۇھرى مۇنداق دېگەن: ئالىملىرىمىز مۇنداق دەيتتى: سۈننەتكە ئەمەل قىلىش قۇتۇلۇشتۇر.
ئىمامى مالىك مۇنداق دېگەن: سۈننەت نۇھنىڭ كىمىسىدۇر، كىمكى ئۇنىڭغا چىقىدىكەن قۇتۇلىدۇ.كىمكى ئۇنىڭدىن قېلىپ قالسا غەرق بولىدۇ.
شۇڭا دەيمىزكى، سۈننەت، شەرىئەت، سىراتەلمۇستەقىمدىن ئىبارەت توغرا يول بەندىلەرنى ئاللاھ تەرەپكە ئېلىپ بارىدىغان يولدۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ دەلىلىمىزدۇر.
ئاللاھ بۇھەقتە كۆپلىگەن ئايەتلەرنىڭ نازىل قىلغان:
« ئى پەيغەمبەر بىز سىزنى گۇۋاھچى، بىشارەت بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ يولىغا چاقىرغۇچى، ئۇنىڭ ئىزنى بىلەن نۇرلۇق چىراق قىلىپ قىلىپ ئەۋەتتۇق »
ئاللاھ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ:
« سىز كىشىلەرنى ئاسمان، زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ يولىغا باشلىغۇچىدۇرسىز. بارلىق ئىشلار ئاللاھ تەرەپكە قايتقۇچىدۇر ».
قەدىرلىك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ماڭا بارلىق ئىلىمنى يېزىپ ئەۋەتسىڭىز دەپ خەت يازغان بىر كىشىگە جاۋابەن يازغان خېتىدە مۇنداق يازغانىكەن: « ئىلىم بەك كۆپ لېكىن قۇدرىتىڭىز يەتسە ئاللاھنىڭ ئالدىغا بوينىڭىز كىشىلەرنىڭ قېنىغا قەرزدار بولماستىن، قورسىقىڭىزدا باشقىلارنىڭ ھەققىنى كۆتۈرمەستىن، كىشىلەرنىڭ شەرىپىدىن تىلىڭىزنى ساقلىغان ھالدا، مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن ئايرىلمىغان ھالدا بېرىشقا تىرىشىڭ ».
ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشى مەنپەئەتلىك سۆزلەردىن پايدىلىنىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.