رامىزاندا ئۇنتۇغان ھالدا بىر نەرسە يەپ سالسا روزىغا تەسىر يەتكۇزمەيدۇ

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: رامىزاندا ئۇنتۇغان ھالدا بىر نەرسە يەپ سالسا روزىغا تەسىر يەتكۇزمەيدۇ
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: روزىدار رامىزاندا ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يەپ ياكى ئېچىپ قالغاننىڭ ھۆكمى نېمە ۋە قانداق قىلىشى كېرەك؟
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-09-03
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/174642
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
رامىزاندا ئۇنتۇغان ھالدا بىر نەرسە يەپ سالسا روزىغا تەسىر يەتكۇزمەيدۇ
1.1 MB
: رامىزاندا ئۇنتۇغان ھالدا بىر نەرسە يەپ سالسا روزىغا تەسىر يەتكۇزمەيدۇ.doc
2.
رامىزاندا ئۇنتۇغان ھالدا بىر نەرسە يەپ سالسا روزىغا تەسىر يەتكۇزمەيدۇ
126.5 KB
: رامىزاندا ئۇنتۇغان ھالدا بىر نەرسە يەپ سالسا روزىغا تەسىر يەتكۇزمەيدۇ.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

رامىزاندا ئۇنتۇغان ھالدا بىر نەرسە يەپ سالسا روزىغا تەسىر يەتكۇزمەيدۇ

 

22833- نومۇرلۇق سوئال

 

سوئال:

رامىزاندا ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يەپ ياكى ئېچىپ قالسا قانداق بولىدۇ؟

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر

كىمىكى روزىدا ئۇنۇتقان ھالدا يەپ -ئىچىپ سالسا روزىسىغا تەسىر يەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىردا مۇنداق دېگەن:« پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق( يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن».پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە، بۇ ئايەت ئوقۇلغاندا ئاللاھ تائالا « مەن شۇنداق قىلىمەن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى ئۇنتۇپ قېلىپ بىرەر نەرسە يەپ قويغان ياكى ئىچىپ قويغان بولسا روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇق بەرگەنلىكىدۇر».بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

شۇنىڭدەك ئۇنتۇپ قىلىپ رامىزاندا كۈندۈزدە ئايالى بىلەن بىرگە بولۇپ قالسىمۇ مۇشۇ ئايەتنىڭ ۋە ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويۇنچە ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا ئۇ كىشىنىڭ روزىسى دۇرۇس بولىدۇ، بۇنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« كىمكى ئۇنتۇپ قېلىپ بىر نەرسە يەپ سالغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن بۇ كۈننىڭ روزىسىنى قايتا تۇتۇش ۋە كاپارەت بېرىش يوق» دېگەن، بۇ ھەدىسنى ھاكىم سەھىھ دېگەن. ھەدىستىكى" ئۇنتۇپ قېلىپ بىر نەرسە يەپ سالغان بولسا" دېگەن سۆز روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئۇنتۇپ قىلىپ قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بولغان رەھمەت، پەزلى ۋە ئېھسانىدىن ئىبارەت، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھغا كۆپ ھەمدۇ-سەنا ۋە تەشەككۇرلەر ئېيتىمىز

شەيخ بىن بازنىڭ پەتىۋا توپلاملىرى4-توم 193-بەت. تۇگىدى

 

( ئەمما رامىزاندا ئىنسان روزىدار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئايالى بىرگە بولۇش كۆرەلمەيدىغان ياكى كۆرەلسىمۇ نىسبەتنى ئىگەللىمەيدىغان ئەھۋالدۇر،چۈنكى ئەر ئۇنتۇسا ئايالى ئىسىگە سىلىشى ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىشى ئەقىلگە ئەڭ مۇۋاپىقتۇر. -مۇھەررىر-)

 

 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 8 )
Go to the Top