مۇسۇلماننىڭ جازانە قىلىشى دىنىمىزدا توغرا بولامدۇ؟
تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: مۇسۇلماننىڭ جازانە قىلىشى دىنىمىزدا توغرا بولامدۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
تەرجىمە قىلغۈچى: مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: جازانە قىلىش ئومۇملاشقان غەيرىي ئىسلامىي مەملىكەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىشى توغرا بولامدۇ؟ دىگەن سۇئالغا سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمىي تەتقىقات ۋە پەتىۋا دائىمىي كومىتېتى جاۋاپ بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-04-10
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/105421
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
تەپسىلى چۈشەنچە
1120- نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
جازانە قىلىش ئومۇملاشقان غەيرىي ئىسلامىي مەملىكەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىشى توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب:
جازانىنىڭ ھاراملىقىنى جاكارلىغان شەرىئەت دەلىللىرىنىڭ ئومۇملىقنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ قانداقلا بىر ۋەزىيەتتە بولمىسۇن، ھەتتا جازانە ئۇستىگە قۇرۇلغان بىر جەمئىيەتتە بولسىمۇ جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىشى قەتئىي جائىز ئەمەس. بەلكى كۈچىنىڭ يېتىشىچە بۇ خىل ھارام مۇئامىلىنى يوق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم. ئەگەر ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە، جازانىنىڭ تۇمانلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنداق جەمئىيەتتىن يۆتكىلىپ كېتىشى لازىم.
- سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىلمىي تەتقىقات ۋە پەتىۋا دائىمىي كومىتېتىنىڭ پەتىۋالار توپلىمى 13-توم 194- بەت