islamhouse.com يحقق المركز الأول في الثقافة الإلكترونية في الدول العربية والشرق الأوسط

أخبار البطاقة التعريفية
العنوان: islamhouse.com يحقق المركز الأول في الثقافة الإلكترونية في الدول العربية والشرق الأوسط
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: حصلت مجموعة مواقع islamhouse.com على المركز الأول في الثقافة الإلكترونية على مستوى الدول العربية والشرق الأوسط لعام 2007 في مسابقة نظمتها القمة العالمية للجوائز WSA والتي أطلقت كجزء من قمة الأمم المتحدة لمجتمع المعلومات
تأريخ الإضافة: 2007-11-08
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/60572
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري - بنغالي - مليالم - تايلندي - بوسني
نبذة موسعة

 سەئۇدى ئەرەبىستان رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزىگە قاراشلىق دارۇل ئىسلام تور بېكىتى گورۇپپىسى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئەرەپ دولەتلىرى ئارا ئۇيۇشتۇرۇلغان 2007-يىللىق خەلىقئارالىق ئىلىكترونلۇق مەدەنىيتەت تارقىتىش ساھەسىدىكى ئەڭ ئىلغار ئورۇنلارنى باھالاش مۇسابىقىدا بىرىنجىلىككە ئېرىشتى.

خەلىقئارالىق مۇكاپاتنىڭ ئاساسلىق نىشانى، ئىلمى مەلۇماتلاردىكى كاملىقنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، 2006-يىلدىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر 167دولەتتىن ئىشتىراكچىلار قاتناشقان.

بۇ مۇسابىقە ئۈچۈن   دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 36ئىختىساسلىق بىتەرەپ باھالىغۇچى ئەزالار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ 2007 -8-31-كۇنىدىن2007-9-7-كۈنىگە قەدەر كورۋاتىينىڭ بىريونى ئارىلىدا يىغىلىپ ئىشتىراك قىلغان  160دولەتتىن 650 ئىشتىراكچىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن.

خەلىقئارالىق مۇكاپاتلار ئالى ئورگىنى wsa 2007-9-ئاينىڭ 3،4- كۈنلىرى ئىتالىيەنىڭ بۇندۇقىييە  شەھىرىدە جىددى كومپىراس چاقىرىپ 2007-يىللىق ئىلىكتىرونلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش ساھەسىدە رەقەملەر بويۇنچە دارۇل ئىسلام تور بېكىتى گورۇپپىسىنىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى رەسمى ئېلان قىلدى.

خەلىقئارالىق مۇكاپاتلار ئالى ئورگىنىنىڭ رەئىسى wsa فىروپىسور بىيتر بىروك ئەپەندىم islamhouse.com  نىڭ  ئوتتۇرا شەرق ۋە ئەرەپ دولەتلىرى ئارا ئۇيۇشتۇرۇلغان 2007-يىللىق خەلىقئارالىق ئىلىكترونلۇق مەدەنىيتەت تارقىتىش ساھەسىدىكى ئەڭ ئىلغار ئورۇنلارنى باھالاش مۇسابىقىدا بىرىنجىلىككە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەپ تەبرىك خىتى ئېۋەتتى .

بۇ نەتىجىنىڭ قولغا كىلىشى ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھىمىتىدۇر.دارۇل ئىسلام تور بېكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ماددى، مەنىۋى ۋە ئەمەلى ياردەمدە بولغان قىرىنداشلىرىمىزغا ئاللادىن چەكسىز ئەجىر تىلەيمىز.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

* تېخىمۇ كوپ مەلۇمات  ئۈچۈن خەلقئارالىق مۇكاپاتلار ئالى ئورگىنى بېكىتىنى زىيارەت قىلىڭ WSA   //www.wsis-award.org


 

Go to the Top