سفر المرأة مع المرأة بدون مَحرم

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: سفر المرأة مع المرأة بدون مَحرم
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هل تعد المرأة محرماً للمرأة الأجنبية في السفر ، ونحو ذلك أم لا ؟.
تأريخ الإضافة: 2011-04-12
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/339943
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئاياللارنىڭ ئاياللار بىلەن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى
583.5 KB
فتح: ئاياللارنىڭ ئاياللار بىلەن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى.doc
2.
ئاياللارنىڭ ئاياللار بىلەن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى
225.1 KB
فتح: ئاياللارنىڭ ئاياللار بىلەن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى.pdf
نبذة موسعة

ئاياللارنىڭ ئاياللار بىلەن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى

9370-نومۇرلۇق سوئال

سۇئال:

سەپەردە ئاياللارغا ئاياللار مەھرەم ھېسابلىنامدۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؟.

جاۋاپ:

بارلىق ھەمدۇ-سانالار جانابى ئاللاھقا خاستۇر.

ئاياللار باشقا ئاياللارغا مەھرەم بولالمايدۇ. مەھرەم دېگىنىمىز؛ ئاياللارغا نەسەبدىن ھارام قىلىنغان ئەرلەر، يەنى دادىسى ۋە ئاكىسىغا ئوخشاش. جايىز قىلىنغان ئەرلەردىن يولدىشى، يولدىشىنىڭ دادىسى ۋە يولدىشىنىڭ ئوغلىغا ئوخشاش ۋە ئېمىلداشلىق سەۋەبى بىلەن بولغان دادىسى ۋە ئاكىسى قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

ئەركەكلەرنىڭ يات ئاياللار بىلەن ئارىلىشىشى ۋە ياكى ھەمراھ بولۇپ سەپەر قىلىشى جايىز بولمايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللار مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

يەنە مۇنداق دەيدۇ: «يات ئەر بىلەن يات ئايال يالغۇز قالمىسۇن، شۈبھىسىزكى ئۇلارنىڭ ئۈچىنجىسى شەيتان بولىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەردىن].

ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

(پەزىلەتلىك شەيخ ئەللامە ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ تاللانغان پەتىۋا ۋە ماقالىلار توپلىمى ناملىق ئەسىرى 8-توم  336-بەتتىن ئىلىندى).


 

Go to the Top