كيف تصل الى أن يحبك الله عز وجل؟

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: كيف تصل الى أن يحبك الله عز وجل؟
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه المقالة مقتبسة من رسالة "ألف سنة في اليوم والليلة" توضح للقارئ عن أهمية السنة وفوائدها ، والعمل بها في حياتنا اليومية سبب جلب محبة الله عز وجل لعبده المؤمن ، واتباع السنة الرسول عليه السلام دليل محبة كاملة للنبي وعلامة المتابعة الصادقة له صلى الله عليه و سلم .
تأريخ الإضافة: 2011-01-08
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/331223
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
بەندە ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە قانداق ئېرىشىدۇ؟
1.2 MB
فتح: بەندە ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە قانداق ئېرىشىدۇ؟.doc
2.
بەندە ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە قانداق ئېرىشىدۇ؟
356.4 KB
فتح: بەندە ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە قانداق ئېرىشىدۇ؟.pdf
نبذة موسعة

 

بەندە ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە قانداق ئېرىشىدۇ؟

 

بارلىق مىننەتدارلىقلار مېھرىبان، كەچۈرۈمچان، سېخى، كونترول قىلغۇچى، كۆز ۋە قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى، يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا بارلىق نەرسىلەرنى بىلگۈچى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق ھېچ ئىلاھ بەرھەق يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، يەككە - يېگانە دەپ گۇۋاھلىق ئېيتقۇچىنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغۇچى زاتتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ تاللىغان سەرخىل پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن بىرگە ئۇ زاتقا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، ئاياللىرىغا ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ساھابىلىرىغا كىچە كۈندۇز ئۈزۈلمەس مەڭگۈلۈك دۇئا-سالاملار بولسۇن.

مۇسۇلمان كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدا كۆڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىك بولغان ئەڭ مۇھىم نەرسىلەرنىڭ بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننىتىگە بارلىق سۆز-ھەركەت ۋە پائالىيەتلىرىدە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، مۇسۇلماننىڭ كۈندۈلۈك ھاياتى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن بولىشى تەقەززا قىلىنىدۇ.

مىسىرلىق زىننۇن دېگەن كىشى مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلۇغ، بۈيۈك ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامىتىنىڭ بىرى ئاللاھنىڭ دوستى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئەخلاقى، ئىش -ھەرىكەتلىرى ۋە بۇيرۇقلىرى شۇنداقلا سۈننەتلىرىگە مۇقىم ئەگىشىشتىن ئىبارەتتۇر".

بۇ ھەقتە ئاللاھ ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد ! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەرئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر.» [ئال ئىمران سۈرىسى 31-ئايەت].

ھەسەن بەسرى مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھقا بولغان سۆيگۈسىنىڭ ئىپادىسى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشتىن ئىبارەتتۇر".

شۈبھىسىزكى مۆمىننىڭ دەرىجىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى ئۆز ھاياتىغا قانچىكى تەتبىقلىسا ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇ مۆمىن شۇنچە ئۈستۈن ۋە ھۆرمەتلىك بولىدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك رېئال تۇرمۇشىدىكى ئىبادەتلىرى، يېمەك - ئىچمىكى ۋە يۈرۈش-تۇرۇش، كېيىم-كىچەكلىرى شۇنداقلا ئۇخلاش، پاكلىنىش ۋە كىشىلىك تۇرمۇش، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە باشقا بارلىق ھەركەت- سۈكۈناتلىرىنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن بولىشى لازىم.

ئويلاپ بېقىڭ قېرىندىشىم..! ئەگەر بىرەرىمىزنىڭ يېنىدىن پۇل ياكى قىممەتلىك ماددى بويۇمدىن بىرەر نەرسە چۈشۈپ قالسا ئۇنىڭ غېمىدە پۈتۈن دىققىتىمىزنى يىغىپ ئىزدەپ ھەتتا ئۇنى تاپقۇچە بارلىق تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز، لېكىن ھاياتىمىزدىن قانچىلىغان سۈننەتلەر چۈشۈپ قالماقتا ئۇنىڭ غېمىنى يىدۇقمۇ ؟ ئۇنى رېئال ھاياتىمىزغا تەدبىقلاش ئۈچۈن تىرىشتۇقمۇ؟؟!!...

بىز ھەدىگەندە پۇل-پۇچەك، مال-دۇنيانى سۈننەتتىنمۇ بەكراق چوڭ بىلىدىغان بولۇپ كەتتۇق، ئەگەر كىشىلەرگە "كىمكى بىرەر سۈننەتنى تەدبىقلايدىكەن مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ" دەپ ئېلان قىلىنىدىغان بولسا چوقۇم كىشىلەرنىڭ ئۆزھاياتىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئەتتىگەندىن كەچكىچە سۈننەتنى تەدبىقلاشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولاتتۇق، چۈنكى ئۇلار ھەربىر سۈننەتنى تەدبىقلىغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتقا ئېرىشىپ مال-مۈلۈككە ئېرىشىدۇ. قەبرىگە كىرىپ ئۈستىڭىزگە توپا- تۇپراق تاشلانغاندا مال - مۈلۈك نېمىگە ئەسقاتار..؟! بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ : «سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ياخشى كۆرىسىلەر. ئاخىرەت  ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر.» [سۈرە ئەئلا16 -17-ئايەتلەر].

بۇ ماقالىدا كۆزدە تۇتۇلغان سۈننەت "قىلغۇچى ساۋابقا ئېرىشىدىغان، قىلمىغان كىشى گۇناھكار بولمايدىغان" كىچە كۈندۈزدە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان ھەربىرىمىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشچە ئىجرا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان سۈننەتلەردىن ئىبارەتتۇر.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ھەربىر شەخىس كۈندىلىك تۇرمۇشىدا بۇ سۈننەتلەرگە ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدىغان بولسا، كىشىلىك تۇرمۇش، ئىجتىمائىي ئالاقىلەرنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان نۇرغۇن سۈننەتنى تەتبىقلىيالايدۇ.

ئەگەر بىر مۇسۇلمان بىر كىچە-كۈندۈزدە بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدە كۈچىنىڭ يېتىشىچە سۈننەتنى تەتبىقلىسا بىر ئايدا نەچچە يۈزلىگەن سۈننەتنى ئىجرا قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن ھاسىل قىلىدىغان مەنىۋى روھنى سۈننەتكە ئەمەل قىلىدىغان كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ سۈننەتلەرنى بىلمىگەن كىشى ياكى بىلىپ ئەمەل قىلمىغان كىشى ئۆزىگە تىگىشلىك قانچىلىك ياخشىلىقنى قانچىلىك دەرىجىلەرنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ ھە..! ئۇنداق كىشى ھەقىقەتەن ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالغان كىشىدۇر.

سۈننەتنى مۇستەھكەم بەرپا قىلىشنىڭ پايدىلىرى كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە ئۇلاردىن بىرنەچچىنى زىكىر قىلىپ ئۆتىمىز:

1- مۆمىن بەندىنىڭ ئۆز پەرۋەردىگارى ئۇلۇغ، بۈيۈك ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشى بىلەن "مۇھەببەت" دەرىجىسىگە يېتىشىدۇر.

2-پەرز ئەمەللەردىكى كەمچىلىكلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش.

3-بىدئەتكە كىرىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇپ قېلىش.

4-(تەقۋالىق جۈملىسىدىن بولغان) ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلۇغلىغان بولىدۇ.

ئى ئىسلام ئۈممىتى! پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە نىسبەتەن ئاللاھتىن قورقايلى!..ئاللاھتىن قورقايلى..! سۈننەتلەرنى رېئال ھاياتىمىزدا جانلاندۇرايلى! ئۇ سۈننەتلەرنى بىزدىن باشقا كىم ئىجرا قىلىدۇ، ئۇ بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا بولغان مۇكەممەل دوستلۇقىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئىزىدىن سادىق ماڭغانلىقىمىزنىڭ بەلگىسىدۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى جانابى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.

بۇ ماقالە شەيخ خالىد ئەلھۈسەيناننىڭ "بىر كىچە-كۈندۈزدە مىڭ سۈننەت" ناملىق ئەسىرىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى.

 

       

Go to the Top