لا حرج من الاستعانة بالأجهزة الحديثة لرؤية الهلال

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: لا حرج من الاستعانة بالأجهزة الحديثة لرؤية الهلال
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هل يجوز اعتماد حساب المراصد الفلكية في ثبوت الشهر وخروجه ؟ وهل يجوز للمسلم أن يستعمل الآلات الحديثة لرؤية الهلال ؟ أم يجب أن تكون الرؤية بالعين المجردة ؟
تأريخ الإضافة: 2010-06-15
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/311961
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئاينى كۆرۈش ئۈچۈن  زامانىۋى ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلانساق بولىدۇ
592.5 KB
فتح: ئاينى كۆرۈش ئۈچۈن  زامانىۋى ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلانساق بولىدۇ.doc
2.
ئاينى كۆرۈش ئۈچۈن زامانىۋى ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلانساق بولىدۇ
90.5 KB
فتح: ئاينى كۆرۈش ئۈچۈن  زامانىۋى ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلانساق بولىدۇ.pdf
نبذة موسعة

ئاينى كۆرۈش ئۈچۈن  زامانىۋى ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلانساق بولىدۇ

111873-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

يېڭى ئاينىڭ كىرگەن ياكى چىقىپ كەتكەنلىكىنى  مۇقىملاشتۇرۇشتا ئاسمان جىسىملىرىنى كۈزىتىش ئورۇنلىرىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىگە تايانساق بولامدۇ؟. مۇسۇلمانلار ئاينى كۆرۈش ئۈچۈن ئاسترونومىيىلىك كۈزىتىش ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟ ياكى پەقەت كۆز بىلەن كۆرۈش كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا بولسۇن.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ  ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: "شەرىئەت پرىنسىپىدا ئاينىڭ كىرگەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، كىشىلەرنىڭ ئاينى كۆرۈشى شەرت قىلىنىدۇ. بۇ ئىش دىنى جەھەتتىن ئىشەنچلىك، كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاينى كۆرۈشى بىلەن بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش كېرەك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرگىنى رامزاننىڭ ئېيى بولسا روزا تۇتۇش، شەۋۋالنىڭ ئېيى بولسا ئېغىز ئىچىش زۆرۈر بولىدۇ. ئاينى كۆرمەستىن ئاسمان جىسىملىرىنى كۈزىتىش ئورۇنلىرىنىڭ تۈزگەن جەدۋەللىرىگە تايىنىۋېلىش توغرا بولمايدۇ. ئاينى زامانىۋى كۈزىتىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن بولسىمۇ كۆرگەن بولسا بۇنىڭغا ئەمەل قىلسا بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ:«ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار ۋە ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئىچىڭلار» دېگەن سۆزى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەقەت جەدىۋەلگىلا تايىنىۋېلىش ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىش توغرا ئەمەس.

ئاينى يېقىنلاشتۇرۇپ كۆرسىتىدىغان دۇربۇن ئىشلەتسە بولىدۇ. لېكىن بۇنداق قىلىش زۆرۈر ئەمەس. چۈنكى سۈننەت ئادەتتە يېڭى ئاينى كۈزىتىش نورمال كۆرۈشكە تايىنىشتۇر. لېكىن ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ يىڭى ئۈسكىنىلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن بەرگەن خەۋىرىگە تايىنىشقا بولىدۇ. ئىلگىركى زاماندىمۇ كىشىلەر شەئباننىڭ 30- كۈنى ۋە رامزاننىڭ 30- كۈنى ئاينى دۇربۇن بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن كۈزىتىش مۇنارلىرىغا چىقاتتى.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا: ئاينى كۆرۈش قايسى ئۇسۇل بىلەن ئىسپاتلانسا بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش زۆرۈر بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار ۋە ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئىچىڭلار» دېگەن سۆزى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ". [ھەرەم دىيارىدىكى ئۆلىمالار پەتىۋاسى ناملىق ئەسەرنىڭ 192- 193- بەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

ئىلمى تەتقىقات ھەيئىتى پەتىۋا كومىتېتىنىڭ بۇ مەسىلىگە بەرگەن پەتىۋاسىدا: ئاينى كۆرۈش ئۈچۈن يىڭى ئۈسكىنىلەرگە تايانسا بولىدۇ، رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى ياكى چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا ئاسمان جىسىملىرىنى كۈزىتىش ئورۇنلىرىدىن ئالدىن ئەلا رامىزاننىڭ كىرىدىغان ياكى چىقىدىغان ۋاقىتلىرىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان جەدىۋەللەرگە تايىنىۋالسا بولمايدۇ دېيىلگەن. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالار توپلىمى 9-توم 99-بەت].

يۇقىرىقى دەلىل پاكىتلاردىن: ئىسلام ئۆلىمالىرى يىڭى ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئاي كۆرۈشنى ھارام دەپ چەكلەيدىكەن، پەقەت كۆز بىلەن كۆرۈش كېرەك دەيدىكەن دېگەن سۆزنىڭ ئاساسسىز ۋە يالغان ئىكەنلىكى ئاشكارا بولىدۇ.

ئاللاھدىن ھەقنى تونۇپ ئەگىشىشكە، باتىلدىن يىراق بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى، ھەق بىلەن باتىلنى ئارىلاشتۇرىۋىتىپ ئېزىپ كېتىشتىن ساقلىنىشىمىزنى ۋە تەقۋادارلاردىن قىلىشىنى سورايمىز.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى زاتتۇر.

 


 

 

موضوعات متعلقة ( 24 )
Go to the Top