يا من باع دينه بدنيا فانية

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: يا من باع دينه بدنيا فانية
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: خطبة جمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ صلاح بن محمد البدير 17/ 4/ 1431هجري، تحدث فضيلته عن ضوابط التعاملات المالية، وحذر فيها بنصائح لمن اختار الطريق الحرام بكل أنواعه في الحصول على الأموال، وأنه يجب على المسلم أن يحرص أن يكون مطعمه ومشربه وملبسه من كسب الحلال، وأن يتقي الله بجميع شؤون حياته، وغيرها من الأمور التي تتعلق بالمعاملات المالية والاجتماعية.
تأريخ الإضافة: 2010-04-14
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/290802
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئاخىرەتنى دۇنيالىققا ساتقان كىشىلەر توغرىسىدا
906 KB
فتح: ئاخىرەتنى دۇنيالىققا ساتقان كىشىلەر توغرىسىدا.doc
2.
ئاخىرەتنى دۇنيالىققا ساتقان كىشىلەر توغرىسىدا
119.9 KB
فتح: ئاخىرەتنى دۇنيالىققا ساتقان كىشىلەر توغرىسىدا.pdf
نبذة موسعة

ئاخىرەتنى دۇنيالىققا ساتقان كىشىلەر توغرىسىدا

 

2010 -يىلى 04- ئاينىڭ 02- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "مۇئامىلە ئىشلىرىدا شەرىئەت پرىنسىپىنى لازىم تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى" توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئىسلام دىنىدا مۇئامىلە قائىدىلىرى، ۋاكالەت ئاساسلىرى، سودا-سېتىق ۋە ئالماشتۇرۇش، سودىدا راستچىل ۋە ئامانەتدار بولۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى، ئاللاھ تائالانىڭ :«ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا.» دېگەن بۇ سۆزىگە تايىنىدۇ.

مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ مېلىنى شەرىئەت چەكلىگەن ياكى ناھەق يوللار بىلەن يەۋېلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى دىنى قېرىنداشلىق  دېگەن ئىنسانىي مېھرى-شەپقەتنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر بىر مۇسۇلمانغا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ قېنى ۋە يۈز ئابرۇيىنى تۆكۈش، مېلىنى يەۋېلىش ھارام بولىدۇ».

ئىنسانىي قېلىپتىن چىققان تاماخورلار دائىم باشقىلارنى ئالداش يولىدا ھەركەت قىلىدۇ، ئاجىز-بىچارىلەرنىڭ مۇھتاجلىقىدىن  پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىگە ئىگىدارچىلىق قېلىۋېلىش، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئىگەللىۋىلىش، مەنسەپ-ئابرۇيىغا تايىنىپ باشقىلارنى قاقتى سوقتى قېلىش، ساختا مېھرى-شەپقەت كۆرسىتىپ باشقىلارنى تۇزاققا دەسسىتىشكە ئۇرىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆز بويامچىلىقى مەلۇم بولۇپ، ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارا بولغاندىمۇ ھايا قىلماستىن ياكى خىجىل بولماستىن تىجارەت ساھەسىدە كېلىشىملەرنى تۈزۈپ، ۋەدىلەرنى بېرىپ، ھىلى-مىكىر يوللىرى بىلەن تىجارەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

يۇقىرىقىدەك كىشىلەر مەبلەغ سېلىش، پاي قوشۇش ۋە ھەمكارلىشىش نامىدىكى ساختا يوللار بىلەن كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارغا بىر زامان كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كىشى مالنى ھالالدىن تاپتىمۇ ياكى ھارامدىنمۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ».

ئۆز دىنىنى، پاك ئەقىدىسىنى، ۋەتىنى ۋە مىللىتىنى ئازغىنە دۇنياغا تېگىشكەنلەر ۋە تىگىشىۋاتقانلار، ئىنسانلارنىڭ مال-مۈلكىنى ھىلى-مىكىر بىلەن ئالداپ يېگەنلەر ۋە يەۋاتقانلار! قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتىنى، ھەممىدىن ئۇلۇغ بولغان ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىشنى، مال-دۇنيانىڭ مەنپەئەت قىلمايدىغانلىقىنى ئەسلەڭلار. جىنايەتچىلەرنىڭ زەنجىر-كىشەنلەر بىلەن باغلىنىپ، ھەر بىر خىيانەتچى ئۈچۈن بىردىن بايراق تىكلىنىپ، بۇ پالانى خىيانەتچى دەپ ئېلان قىلىنىدىغان كۈننى ئەسلەڭلار. بۇ نېمىدېگەن سەتچىلىك ھە!. جەھەننەمنى ئازغىنە پۇلغا سېتىۋالغان، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يوقالغۇچى، ئەرزىمەس نەرسىلەر بىلەن يۈزلەنگەن كىشىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!.

ئىسلام شەرىئىتى قىمار ئويناش، رامباللىق قىلىش، سېھرىگەرلىك قىلىش، تۇمار پۈتۈش، تاماكا، نەشە، ھاراق، زەھەرلىك چېكىملىك، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان دىندا چەكلەنگەن نەرسىلەرنى سېتىش،  ئوغۇرلۇق قىلىش، پەسكەشلىك، بۇلاڭچىلىق، كىشىلەرنىڭ ھەققىگە تېنىۋېلىش، مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇش، خالىغانچە مال باھاسىنى ئاشۇرۇش، ھىلى ئىشلىتىش، بۇلاش، جىڭ-تورۇزىلاردا كام بېرىش، جازانىخورلۇق بىلەن مۇئامىلە قېلىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش، ۋەخپە ئورۇنلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى تالان-تاراج قىلىش، ۋەسىيەت قىلىنغان ماللارنى جايىغا ئىشلەتمەسلىك قاتارلىق ھارام يوللار بىلەن ھاياتلىقتا ئۆزىگە چىقىش يولى تاللىغانلارنى ئۇلار دۇچ كېلىدىغان خەتەرلىك ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇردى. كەئەب ئىبنى ئۇجرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھارامدىن ئۆسكەن گۆشكە دوزاخ ئوتى بەك لايىق».

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنىڭ كەمبەغەل بولۇپ قېلىشىڭلاردىن قورقمايمەن لېكىن ئىلگىرىكىلەرگە دۇنيا يۈزلەنگەندەك سىلەرگىمۇ دۇنيا يۈزلىنىپ، ئۇلار ھالاك بولغاندەك سىلەرنىڭمۇ ھالاك بولۇپ كېتىشىڭلاردىن قورقىمەن».

ھارام يېگەن كىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قېلىنىدۇ، ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنمايدۇ. ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈستى-بېشى چاڭ-توزانغا مىلەنگەن مۇساپىر، قولىنى ئاسمانغا سوزۇپ: ئى پەرۋەردىگارىم! ئى پەرۋەردىگارىم! دەپ دۇئا قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەكلىرى ھارامدىن، ئۆزىمۇ ھارامدىن غىزالانغان تۇرسا، ئۇنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت قىلىنسۇن؟!».

ئى ئاخىرەتتىكى ھېساب-ئازابقا ئىشەنگەن مۇسۇلمانلار! ھەقىقەتەن سىلەر ئىنچىكە تەكشۈرۈلۈپ، سۇئال-سوراق قىلىنىپ قىساس ئېلىنىپ، بولغاندىن كېيىن جازالاش ياكى مۇكاپاتلاش توغرىسىدا ھۆكۈم قىلىنىسىلەر.

ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر مۇپلىسنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟، دەپ سورىغاندا ساھابىلار: مۇپلىس دېگەن بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى پۇللىرى يوق ۋە ماللىرى  يوق كىشىلەر- دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەقىقەتتە مۇپلىس دېگەن مېنىڭ ئۈممەتلىرىمدىن  قىيامەت كۈنى ناماز ۋە روزا  ۋە زاكاتدىن ئىبارەت ياخشى ئەمەللەر بىلەن كەلگەن، كىشىلەرگە ئازار قىلغان، بىرىگە بۆھتان چاپلىغان ۋە بىرىنىڭ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن كىشىلەر بولۇپ، قىساسى ئۈچۈن ياخشىلىقلىرىدىن ئۇنىڭغا ئازراق، بۇنىڭغا ئازراق ئېلىپ بېرىلىپ ھەتتا ياخشىلىقلىرى تۈگەپ كەتكەندە باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆزىگە ئارتىۋالغان كىيىن دوزاخقا تاشلانغان كىشىدۇر».

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە ھالال زىرقلارنى ئاتا قىلىپ، ھارامدىن يىراق قىلسۇن.

 


 

 

Go to the Top