حسن الخلق وآثاره الطيبة في المجتمع

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: حسن الخلق وآثاره الطيبة في المجتمع
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذا ملخص من خطبة الجمعة في المسجد الحرام بمكة المكرمة ألقاها فضيلة الشيخ صالح بن عبد الله بن حميد 19/3/1431 هجري، وتحدث-حفظه الله-في خطبته عن بيان أهمية حسن خلق وطبيعته وآثاره، وارتباطه الوثيق بالدين والتدين، وبعض الحقائق لحسن الخلق التي يغفل عنها أكثر الناس، وغيرها من الأمور التي تتعلق بالأخلاق الحسنة.
تأريخ الإضافة: 2010-03-15
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/286086
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
گۈزەل ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى
873 KB
فتح: گۈزەل ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى.doc
2.
گۈزەل ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى
113.9 KB
فتح: گۈزەل ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى.pdf
نبذة موسعة

 

گۈزەل ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى

 

2010- يىلى 03- ئاينىڭ 05- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، "پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى بولغان ئاللاھتىن قورقۇپ، ئۆز-ئۆزىمىزدىن داۋاملىق ھېساب ئېلىپ تۇرۇش كېرەك" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

مۇسۇلمانلار تەقۋادارلىق قىلىش، تەقۋادارلىقىدا مۇستەھكەم تۇرۇش، تەقۋادارلىق ئۈچۈن ئاللاھ ئالدىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلىش، ئۆزلىرى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە كەمتەر بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بىلىشىڭلار لازىمكى، مەخلۇقاتلارغا رەھىمدىل بولۇش رەھمان تائالانىڭ رەھمەت دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. رەھىمدىللارغا رەھمان تائالا رەھىم قىلغۇچىدۇر. ھەربىر ئەقىل ئىگىسى قىيامەت كۈنىدىكى ھېساب ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش كېرەك. بۇ دۇنيادا ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە ھېساب بېرىش ئاسان بولىدۇ.

ئەھلى ئىسلام ئوتتۇرىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسى ئالاھىدە رىشتە بولۇپ، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەردە گۈللەندۇرۇشكە تىگىشلىك رىشتە بولۇش بىلەن بىرگە ئىسلام رىسالىسىنىڭ ھەقىقەتلىرى بىلەن يېقىندىن ئالاقىسى باردۇر. ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائى ئالاقىلىرىدىكى رىشتە بولسا ھېسسىيات، پرىنسىپ، خۇشاللىق ۋە غەم- قايغۇلارغا ئورتاقلاشقاندۇر. قېرىنداشلىق ئىسلامنىڭ روھى بولۇپلا قالماستىن ئىسلامنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى، شەرىئەت نىزاملىرىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئىسلام تەلىماتىدىكى ھەقىقىي قېرىنداشلىق، ئىسلام ئەخلاقىنى ئاساس قىلغان قېرىنداشلىقتۇر.

ئىسلام دىنى، ئەقىدىسى، ئىبادەتلىرى ۋە يۈكسەك ئەخلاقى بىلەن ئىنسانىيەت ۋە ئىنسان روھىنى كەڭ مەيدانلارغا ئېلىپ چىقىش، ئەدەپ-ئەخلاق، پەزىلەت دۇنياسىغا ئېلىپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئىنسانلار ئەقلىنى ھاۋايى - ھەۋەس، خاتا يول، زۇلۇملار قاپلىۋالغاندا ئىسلام تەلىماتى، دىن بىلىملىرى ۋە ئەھكاملىرى ئىنسان قەلبىدە زەئىپلىشىشكە باشلايدۇ.

ئىنساننىڭ دىلى قاتتىق، ئەقلى ئازغۇن بولسا، ئۇنداق ئادەمنى ھېچقاچان دىندارلىق بىلەن سۈپەتلەشكە ئەرزىمەيدۇ. ھەقىقىي ساغلام ئېتىقادلىق قەلب، ئەقىل ۋە روھتىن ئىبارەت ئىنسان ئورگانىزمىنىڭ ساغلاملىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىبادەتنىڭ ئاساسىي غايىسى روھىي دۇنيانى تازىلاش ۋ ە ئىچكى دۇنيانىڭ ئىخلاسمەنلىكىنى سىناشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئىلاھى مەئبۇد بولغان ئاللاھقا بولغان سەمىمىيىتىمىزنى خالىس قىلماستىن، ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرى بىلەن بولغان مۇئامىلىمىزنى ياخشىلىماستىن دۇنيا-ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيمىز.

ئاللاھ ئۈچۈن قىلىدىغان ئىبادەتلىرىنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىپ تۇرۇپمۇ باشقىلارغا ئۇچۇق چىراي ئاچمايدىغان، باشقىلارغا يامانلىقنى ئويلايدىغان،زۇلۇمنى راۋا كۆرىدىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىبادەتلىرى ئۇ كىشىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ.

بىلىڭلاركى، نامازنى ئادا قىلىپ، زاكاتنى بېرىپ، روزىسىنى تولۇق تۇتۇپمۇ يەنىلا قەرزدار سانىلىدىغان ئادەم بىراۋنى تىللىغان ۋە تۆھمەت قىلغان، يەنە بىرسىگە قارا چاپلىغان، باشقىلارنىڭ مېلىنى ھارام يېگەن، يەنە كىملەرنىڭ ناھەق قېنىنى تۆككەن كىشى بولۇپ، قىيامەتتە بارلىق ياخشىلىقلىرىنى باشقىلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىلىپ ئۆزى ئاللاھنىڭ ئازابىغا ھەقلىق بولۇپ قالىدىغان ئادەمدۇر. ئۇنداق ئادەمنىڭ ياخشىلىقلىرى قالمىغان تەقدىردە باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرى ئۇنىڭغا يۈكلىنىدۇ ئاخىرى ئوتقا تاشلىنىدۇ. بىز ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق دەۋاسىنى قىلىدىكەنمىز دىنى پرىنسىپلارغا ئىچكى دۇنيارىمىزدا ھاياتلىق بېرىشىمىز كېرەك. يەنە شۇ دىننى ئەخلاقىمىزدا ئۆزلەشتۈرۈپ، يوليورۇقىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىسلام نەزىرىدە ئەخلاق باياشات تۇرمۇشنىڭ ئاساسىدۇر.

دىن پۈتۈنلەي ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. كىمكى سىزدىن ئەخلاقتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىسە دىندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولىدۇ. ئەخلاقنىڭ خەرىتىسىنى دىن سىزىدۇ، ئۇنىڭغا مۇئەييەن بەلگىمىلەرنىمۇ دىن قويىدۇ. ئۇنداقتا دىن ئاساسىغا قۇرۇلمىغان ئەخلاق ساغلام ئەخلاق ھېسابلانمايدۇ. دىن بىلەن ئەخلاق بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان قوشكېزەكلەردۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە كېلىشىچە: ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بەندىلەر ئەخلاقى ئەڭ ياخشى كىشىلەردۇر. مۆمىنلەرنىڭمۇ ئەۋزىلى ئەخلاقى ياخشىلاردۇر. ئىنسان دۇنيادا ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى بايلىق ئەخلاق بايلىقىدۇر. قىيامەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئورون جەھەتتىن ئەڭ يېقىن ئىنسان ئەخلاقى ياخشى بولغان ئىنساندۇر. قىيامەتتە تارازا - مىزانغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان نەرسە ياخشى ئەخلاقتۇر.

جەمئىيەت ئىنتىزامىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەرتۈرلۈك قانۇن-تۈزۈملەرنى يولغا قويۇش مۇمكىن، بىراق ئەخلاق بولمىسا، يولغا قويۇلغان تۈزۈملەر قانچە مۇستەھكەم ۋە چىڭ بولىشىغا قارىماي نەتىجە بەرمەيدۇ. ياخشى ئەخلاق ئىگىسى كەچۈرۈمچان كېلىدۇ، ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپ كەچۈرۈم قىلىدۇ.

خۇلاسە كالام شۇكى، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئەخلاقىغا باغلىقتۇر. ئەخلاقنى يوقاتقان مىللەت زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ، نەتىجىدە ئىنسانىيلىقىنى يوقىتىدۇ ۋە ئىنساندەك ياشاش ئىستىكىدىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن ۋاز كېچىدۇ.  

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى گۈزەل ئەخلاققا ئىگە قىلسۇن. ئامىن ...........

 

Go to the Top