حول طائفة القرآنيين الضالة

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: حول طائفة القرآنيين الضالة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هناك جماعة تطلق على نفسها ( القرآنيين ) وتدعي أنها لن تتبع إلا القرآن ، فما رأيك بقولهم ؟ .
تأريخ الإضافة: 2009-09-07
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/232194
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
ئازغۇن قۇرئانچىلار گۇرۇھى توغرىسىدا
571.5 KB
فتح: ئازغۇن قۇرئانچىلار گۇرۇھى توغرىسىدا.doc
نبذة موسعة

 

ئازغۇن قۇرئانچىلار گۇرۇھى توغرىسىدا

 

3440- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

جەمئىيىتىمىزدە ئۆزلىرىنى« قۇرئانچىلار» دەپ ئاتايدىغان بىر گۇرۇھ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بىز قۇرئاندىن باشقا ھېچنەرسىگە ئەگەشمەيمىز دېگەن قاراشتا، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئالىملىرى قانداق قارايدۇ؟

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا بولسۇن.

بىر تۈرلۈك كىشىلەر سۈننەت دېگەن  شەرىئەتنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئەمەس دېگەن پىكىرنى پەيدا قىلىپ، ئۆزلىرىنى «قۇرئانچىلار» دەپ ئاتىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنۈشى ناھايىتى دەبدەبىلىك، ئەمەلىيەتتە قۇرئانغا ئۇيغۇن بولمىغان نەزىيەنى ئوتتۇرىغا ئىلىپ چىقىپ: "بىزنىڭ ئالدىمىزدا قۇرئان بار، قۇرئان ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھالال دەپ، قۇرئان ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىمىز دەيدۇ". ئۇلارنىڭ گۇمانىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىدىن يالغاندىن توقۇلغان نۇرغۇن توقۇلما ھەدىسلەر، سۈننەتكە ئارىلىشىپ كەتكەن دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ پىكرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 1400يىل ئىلگىرى خەۋەر بەرگەن. ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇت ۋە ھاكىملار توغرا ئىسنا بىلەن مىقداد (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يېقىنقى ۋاقىتتا بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئورۇندۇقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ مىنىڭ ھەدىسلىرىمنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:  بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بار، ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھالال دەپ بايان قىلغان نەرسىلەرنى ھالال دەپ قارايمىز، ھارام دەپ بايان قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ قارايمىز دەيدۇ، دىققەت قىلىڭلار!پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھارام قىلغان نەرسىلەرمۇ ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرگە ئوخشاش» پەتھۇل كەبىر 3-توم 438-بەت. تىرمىزىي ئوخشاش لەۋزى بىلەن رىۋايەت قىلىپ "ھەسەن بولغان سەھىھ ھەدىس دېگەن".

يۇقىرىقى ھەدىس سۈنەنۇل تىرمىزىينىڭ ئىبنى ئەرەبىي شەرھىلىگەن نۇسخىسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇلار ھەرگىزمۇ قۇرئانچىلار ئەمەس، چۈنكى قۇرئاندا يۈزگە يېقىن ئايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقى بايان قىلىنغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش ئاللاھ غا ئىتائەت قىلىشنىڭ جۈملىسىدىن دەپ ئېتىبارغا ئېلىنغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھغا  ئىتائەت قىلغان بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزۈدۇ. كىمكى ئى مۇھەممەد! سەندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىلگىنكى بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۈزۈتۈپ، ئەمەللىرىگە قاراپ ھېساب ئالغۇچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق» نىسا سۈرىسى 80- ئايەت. بەلكى قۇرئان كەرىم سۈننەتكە مۇستەھكەم ئېسىلىشقا چاقىرىدۇ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلغان ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلمىغان كىشىلەردە ئىماننىڭ بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد! پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار يەنى مۇناپىقلار، ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمۈڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ» نىسا سۈرىسى 65- ئايەت.

ئۇلارنىڭ سۈننەتكە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يالغاندىن توقۇلغان نۇرغۇن توقۇلما ھەدىسلەر ئارىلىشىپ كەتكەن دېگەن سۆزى رەت قىلىنىدۇ، قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئۈممەت ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ھەدىسشۇناس ئالىملار سۈننەتكە ئارىلىشىپ كەتكەن توقۇلما ھەدىسلەرنى ئايرىشقا ناھايىتى بەك كۆڭۈل بۆلدى. ئۇلار ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچى راۋىينىڭ راستچىللىق ۋە سەمىمىيىتىدە شەكلىنىپ قالسا ياكى بىرەر سەۋەنلىك ئېھتىماللىقى بايقالسا، بۇ راۋىي رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى رەت قىلدى. ھەقىقەتتە ئىسلام ئۇممىتىنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان شەرقشۇناس ئالىملار بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئىسنادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھەدىسنىڭ يەتكۇزۇلىشىنى تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرگە مۇشۇ ئۈممەت كۆڭۈل بۆلگەندەك دۇنيادا ھېچقانداق بىر مىللەت كۆڭۈل بۆلمىگەن دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن. بۇ ئاللاھنىڭ دىننى ئۆزى ساقلاشقا بىۋاستە كېپىللىك قىلغىنىنىڭ نامايەندىسىدۇر. يۇقىرىدا سۆزلىگەنلىرىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن توغرا، سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە كۇپايە قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بەزەن جايلارغا بىرلا ساھابىنى يالغۇز ئەۋەتكەنلىكىمۇ يالغۇز ئىشەنچلىك بىر كىشىنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسىگە ئەمەل قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەمدى بىز ئاشۇ قۇرئانچىلاردىن سوراپ باقايلى: قۇرئاندا، نامازنىڭ بەش ۋاقىت پەرز قىلىنغانلىقى، نامازنى قانداق شەكىللەردە ئوقۇش، زاكاتنىڭ ئۆلچىمى قانچىلىك، ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى قانداق؟ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەر قېنى؟  ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلماستىن بىلگىلى بولمايدۇ. مەۋسۇئەتۇل پىقھىييە 1-توم 44- بەت.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلەپ قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ نۇرى ئاستىدا ياشىغىلى مۇيەسسەر قىلسۇن ۋە ئىمانىمىز بىلەن ۋاپات قىلدۇرسۇن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

الترجمات ( 1 )
Go to the Top