الأخوة الدينية نعمة عظيمة للإنسان

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: الأخوة الدينية نعمة عظيمة للإنسان
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذا ملخص من خطبة الجمعة في المسجد الحرام بمكة المكرمة ألقاها فضيلة الشيخ الدكتور أسامة بن عبدالله خياط 23/11/1429 هجري، بين فيها أن من نعم الله وعظيم إحسانه على عباده المسلمين الأخوة الدينية، فبها يرتقي كيان الأمة الإسلامية، وقد يضعفها العلاقات القومية والعرقية ولكن كلما يقوى الإيمان في قلب المسلم تقوى الأخوة الإسلامية تجاه أخيه المسلم.
تأريخ الإضافة: 2008-12-19
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/189683
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئىنسانلار ئۈچۈن دىنى قېرىنداشلىق ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر
394 KB
فتح: ئىنسانلار ئۈچۈن دىنى قېرىنداشلىق ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر.doc
2.
ئىنسانلار ئۈچۈن دىنى قېرىنداشلىق ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر
159.3 KB
فتح: ئىنسانلار ئۈچۈن دىنى قېرىنداشلىق ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر.pdf
نبذة موسعة

 

 

 

ئىنسانلار ئۈچۈن دىنى قېرىنداشلىق ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر

 

2008- يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ئاللاھ بەندىلەرگە بەرگەن نېمەتلەر ئىچىدە دىنى قېرىنداشلىق ئەڭ چوڭ نېمەتتۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن نېمەتلىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، دىنى قېرىنداشلىق ھەقىقەتەن چوڭ نېمەتتۇر.  ئاللاھ بۇ ھەقىقەتنى قۇرئان كەرىمدە تۆۋەندىكى ئايەتتە ئوچۇق كۆرسەتكەن: «دۇنيادىكى بارلىق مۆمىنلەر بىر-بىرى بىلەن قېرىنداشدۇر» ئاللاھ قېرىنداشلىقنىڭ ئاساسى ساپ ئەقىدە، تۈۋرۈكى ئىمان ئىكەنلىكىنى يۇقىرىقى ئايەت بىزلەرگە بىلدۈردى. ئىمان شۇنداق بىر جازىبە كۈچكى، مۆمىنلەرنى بىر- بىرىگە يېقىنلىشىش، رەھىمدىللىك، مۇھەببەتكە چاقىرىدۇ. ئىمان ئۈستىگە  توپلاشقان دىللاردا بىر- بىرىگە  نەپرەت بولمايدۇ. ئىمان ئىگىلىرىنىڭ قەلبىدە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ مۇھەببىتى ئورۇنلاشقاندۇر. مۆمىنلەر جەمئىيىتىدە گەۋدىلەنگەن بىرلىك-باراۋەرلىكىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنۇ ھەدىس شەرىپتە گەۋدىلەندۈرۈپ: «ئۆزئارا ھەمكارلىق، رەھىمدىللىقتا مۆمىنلەرنىڭ مىسالى خۇددى ئىنساننىڭ بىر گەۋدە جىسمىغا ئوخشاش بولۇپ، جىسىمنىڭ قايسى بىر يېرىگە ئاغرىق تەگسە بارلىق جىسىمغا ئوخشاشلا ئاغرىق تېگىدۇ» دېگەن. ئاللاھ -ئەززەۋەجەللە- مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى رىشتىنى ئەقىدە رىشتىسى بىلەن باغلاپ قويغان. قارايدىغان بولساق قان، مىللەت رىشتىسى بەزى ۋاقىتلاردا سۇسلاپ قالىدۇ، ھەتتا بۇزۇلغاندىن سىرت ئاداۋەت، دۈشمەنلىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئەقىدە رىشتىسى بولسا، ھېچقاچان بوشاشمايدۇ، بۇزۇلمايدۇ، بەلكى مۇسۇلمانلار قەلبىدىكى ئىمان كۈچەيگەنسېرى ئەقىدە رىشتىسى كۈچىيىپ بارىدۇ. دىنى قېرىنداشلىقنى مۇسۇلمانلار كەلىمە شاھادەت ئېيتقانلىرىدا داۋاملىق ئەسلەپ تۇرىدۇ. نامازلىرى، روزىلىرى، زاكاتلىرى، ھەج قىلغانلىرىدا بۇ قېرىنداشلىقنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى نامايەن بولىدۇ. ھەج مەۋسۇمى جەريانىدا تېخىمۇ روشەنلىشىپ ئاللاھنىڭ بەيتىگە كەلگەن ھاجىلار ئارىسىدىكى ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ نەقەدەر گۈزەل، ئالاھىدىلىكىنى كۆرەلەيمىز.  قېرىنداشلىق نېمىتىنى ھېس قىلغىنىمىزدا ئۇنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەھمىيەت بېرىش، ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىش، دىنى قېرىنداشلىققا داغ يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلماسلىققا تىرىشىمىز. دىنى قېرىنداشلار ئوتتۇرىدا جېدەل-ماجىرا قىلىش، تىللىشىپ ئۇرۇشۇش دىگەندەك ئەخلاقسىزلىقلار يۈز بەرمەيدۇ. ئەگەردە شۇنداق ئەخلاقسىزلىقلار يۈز بېرىپ قالغان تەقدىردە بۇ ئىشلار قېرىنداشلىققا داغ تەگكۈزىدىغان قىلىقلاردۇر. ئاللاھنىڭ قېرىنداشلىق نېمىتىگە تۇزكورلۇق قىلغانلىقتۇر.

دىنى قېرىنداشلىقنىڭ شەرتلىرى، ھوقۇقلىرى بولۇپ، بۇنىڭغا  ھەربىر مۇسۇلمان رىئايە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دىنى قېرىنداشلىقنى بۇزىدىغان ھەرقانداق سۆز-ھەركەت، پىتنە-پاساتلاردىن ساقلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.ئاللاھ بىزلەرنىڭ فىتنە ئىختىلاپلىرىمىزنى، تەپرىقە بۆلۈنۈشلىرىمىزنى خالىمايدۇ. بۆلۈنۈش ئاجىزلىقنىڭ دەرۋازىسىدۇر. دۇنيادا ۋەيران بولۇشنى خالىغان مىللەت، دىن ئەھلى ئارىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىغا داغ تەگكۈزۈش ئارقىلىق ۋەيران بولىدۇ.

ئاللاھ بىز مۇسۇلمانلارنى ھەقىقىي دىنى قېرىنداشلاردىن قىلسۇن! فىتنە-پاساتقا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىسۇن!

 

موضوعات متعلقة ( 2 )
Go to the Top