ماهية القلم ودوره

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: ماهية القلم ودوره
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذا ملخص من خطبة الجمعة في المسجد الحرام بمكة المكرمة ألقاها فضيلة الشيخ الدكتور سعود بن إبراهيم الشريم 2/11/1429 هجري، وبين فضيلته ماهية القلم ودوره في حياة البشرية، وأن القلم أول ما خلق الله في الكون، ولا بد من استعماله فيما يحبه الله ويرضاه، وبالقلم تصل العلوم من جيل إلى جيل، وهو آلة حادة للرد على الأقوال الباطلة.
تأريخ الإضافة: 2008-11-05
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/184223
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
قەلەمنىڭ رولى ۋە ماھىيىتى
981 KB
فتح: قەلەمنىڭ رولى ۋە ماھىيىتى.doc
2.
قەلەمنىڭ رولى ۋە ماھىيىتى
121.6 KB
فتح: قەلەمنىڭ رولى ۋە ماھىيىتى.pdf
نبذة موسعة

 

قەلەمنىڭ رولى ۋە ماھىيىتى

 

 

2008-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى

 

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمەنامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ھاياتىدا مەكتەپ كۆرمىگەن پەيغەمبەرگە، ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئان كەرىمنىڭ تۈنجى ئايىتىدە ئوقۇشقا تەشەببۇس قىلغان ۋە  ئىلىم ئۆگىنىشتە قەلەمنىڭ رولىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت ھاياتىدا مەكتەپ كۆرمىگەن، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ كىتابىغا ئىمان كەلتۈرگەن بىر پەيغەمبەرنى نېمەت قىلىپ ئەۋەتتى. بۇ ئۇممىي پەيغەمبەرنىڭ ئۇممىيلىقى ھېچقاچان ئۇنىڭ ھەقىقىي پەيغەمبەرلىكىگە توسالغۇ بولمىدى. بەلكى ئاللاھ ئەنە شۇ ئۇممىي پەيغەمبەرگە ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ دېگەن ئايەتنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنى ئوقۇشقا تەشەببۇس قىلدى. ئاللاھتىن تۈنجى نازىل بولغان «ئەلەق» سۈرىسى بولۇپ «ئوقۇ» دېگەن بۇيرۇق بىلەن باشلىدى. ئاللاھ ئەلەق سۈرىسىنىڭ بېشىدا مۇنداق دېدى:

«ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن [1]. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى [2]. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر [3]. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى [4]. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى [5].» ئەلەق سۈرىسىنىڭ 5-ئايىتىگىچە.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ پەيغەمبەر ئوقۇمىغان ئۇممىي پەيغەمبەر بولۇشىغا قارىماي بارلىق ئىنسانىيەتنى ئوقۇش، يېزىشقا بۇيرىدى. نېمىشقا ئۇنداق بۇيرىمىسۇن! ئەنە شۇ پەيغەمبەر قەلەمنىڭ قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان تۇرسا. ئاللاھ قۇر ئان كەرىمدە قولىمىزدىكى ئەنە شۇ ئاددى قەلەم بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دېگەن:

 «نۇن. قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى [1]، (ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن [2].» سۈرە نۇن 1-2- ئايەت.

ئاللاھ ھېچقاچان ئاددىي نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلمايدۇ. قەلەممۇ ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقلاردىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە كېلىشىچە: ئاللاھ دۇنيادا تۈنجى ياراتقان نەرسە قەلەم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىىدۇ. قەلەم ئىنساننىڭ ھاياتىدىلا ئەمەس دۇنيانىڭ بۇرۇلۇشىدا ھەل قىلغۇچ ئامىل بولمىغان بولسا ئىدى قەلەم بىلەن قەسەم قىلمىغان بولاتتى .

قەلەم ئىنسانلارنىڭ نۇتۇقچىسى، پاساھەتلىك سۆزچىسى، نەسىھەتچىسى ھەمدە تەسەللىچىسىدۇر. قەلەم ئارقىلىق دۆلەتلەر باشقۇرۇلىدۇ. مەملىكەتلەر ئىدارە قىلىنىدۇ، قەلەم بولسا مەقسەتنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ۋاستسىز قورالى، تىلنىڭ تەرجىمانىدۇر. قەلەم بىلەن خەت يېزىشنىڭ ئۆزى ئىنسان ئۈچۈن شەرەپتۇر. پايدا يەتكۈزىدىغان مالدۇر. ئىلىم ئىگىسى پادىشاھلار ماقامىغا يېتەلەيدۇ، قەلەم ئارقىلىق ئىلىم مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھۇقۇقى ساقلىنىپ قالىدۇ. قەلەم بولمىغان بولسا ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرى بىزلەرگە يەتمىگەن بولاتتى. ھازىرقىلار ئىلگىرىكىلەرنىڭ يولىنى بىلمىگەن بولاتتى، ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇدھىش تەرەققىياتلارمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى. سەئىد ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: خەت يازالمايدىغان ئادەمنىڭ ئوڭ قولى بىلەن چەپ قولىنىڭ پەرقى يوق. مەئىن ئىبنى زايىدە مۇنداق دېگەنىدى: خەت يېزىشنى بىلمەيدىغان قولنىڭ پۇت بىلەن ھېچ پەرقى يوقتۇر. مۇسۇلمانلار قەلەم بىلەن پەخىرلىنىدۇ، كۆپلىگەن كىشىلەر قەلەمنىڭ رولىنى قىلىچتىنمۇ ئەۋزەل كۆرگەن، قەلەمنى كۈيلەپ ئالىملار، شائىرلار ماقالە شېئىرلارنى ئىلان قىلىشقان. ئالىملارنىڭ قەلەملىرى يىراقتىن يېقىندىن قىلىچ قورقىتالمىغان دۈشمەننى قورقۇتقان. ھەقىقى ئالىملارنىڭ قەلەملىرى ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ياخشىلىق ئېلىپ كەلگەن، نەسىھەت قىلغان، ھۆكۈم بايان قىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقان، ئەدەبىيات، شېئىرىيەتتە ئىنسانىيەتنى يوقاتمىغان، ئالىملارنىڭ قەلەملىرى سېتىلمىلىقنى بىلمىگەن، ھاياسىزلىققا يول ئاچمىغان، ئالتۇن تىللا ئالدىدا باش ئەگمىگەن. قەلەمنىڭ راستچىل-سەمىمىيلىكى يازغۇچىنىڭ ئەقلى ۋە نەقەدەر ساپلىقىنى بەلگىلەيدۇ. قەلەم ئىنسان ئۈچۈن غېرىبلىقتا ھەمرا بولىدۇ، ئەقىلگە ئەقىل قوشىدۇ. كىمكى قەلىمى ئارقىلىق ئۇرۇق تېرىسا ئۇنىڭ مېۋىسىنى ئۈزۈپ يەيدۇ. مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يازغان قەلەم بىلەن غايە نىشانسىز يازغان قەلەمنىڭ ئەلۋەتتە پەرقى باردۇر. قەلەم ئىگىسى ئاللاھنىڭ ئالدىدا يازغان ھەربىر ھەرپى ئۈچۈن ھېساب بېرىشكە مەجبۇردۇر. قەلەم ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن نەسىھەتتۇر، مەيدان مەنبەسى بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ، ئەگەر قەلەم ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىغان بولۇپ قالغاندا يېزىشتىن توختىشى كېرەك. قەلەمدەك ئۆزىدە زىتلىقنى ساقلايدىغان يەنە بىر نەرسە بولمىسا كېرەك. ھىدايەت تاپقان ئاقىلنىڭ قولىدا بولسا ياخشىلىققا سەۋەپ بولىدۇ، ناچار قولغا ئۆتكەندە 7باشلىق چايانغا ئۆزگىرىدۇ.  بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار ھەقىقەتنى يازىدىغان، ساغلام، سەمىمىي قەلەمگە ئاجايىپ مۇھتاجدۇر. قەلەم ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئامانەتتۇر. ئەمما ئىنسان ئۇنى ئۆز جايىغا ئىشلەتمەستىن ئامانەتكە خىيانەت قىلسا ئۆزىگە-ئۆزى زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. قەلەم تۇتقۇچى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇش بىلەن ئادالەت، ھەققانىيەتنى ئۆزىگە مىيزان قىلىشى، زۇلۇم، تەڭسىزلىك، مۇستەبىتلىققا قارشى تۇرۇشى كېرەك. قەلەم ئىگىسى ئۆز كەسپىدىن ھالقىماسلىقى كېرەك، مۇخبىر، يازغۇچى مۇفتى بولۇۋالماسلىقى، ئەدەبىياتچى دوختۇر بولۇۋالماسلىقى كېرەك. ئىنساننى يۈزى بىلەن ئوتقا تاشلايدىغان نەرسىلەردىن بىرى ئۇنىڭ تىلى بولسا، قەلىمى نېمە بولماقچىدى!؟

ئاللاھ بىزلەرنى ھەقىقەت ئۈچۈن قەلەم تۇتقانلاردىن قىلسۇن! قەلەم ئارقىلىق توغرا يولغا مەشئەل تۇتقانلار قاتارىدا قىلسۇن! ئامىن!.

دېمەككى؛ قەلەم بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئۈممەت ئالدىدا مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، قايسى جەمئىيەتتە بولىشىدىن قەتئى نەزەر ھەقىقەتنى ياقىلاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئىنسان قەلىمى ئارقىلىقمۇ دىنىگە، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە چەكسىز پايدىلىق خىزمەتلەرنى قىلالىشىنى بىلىپ يېتەلەيمىز.

 

Go to the Top