لا يجوز أخذ الأجرة على قراءة القرآن

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: لا يجوز أخذ الأجرة على قراءة القرآن
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: كنت أقرأ القرآن بأجرة على أرواح الأموات، فهل يحل لي هذا المال وأن أذهب به لأداء فريضة الحج؟ مع أنه لا يوجد لدي نقود إلا ما أخذته مقابل قراءة القرآن .
تأريخ الإضافة: 2008-08-15
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/173017
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
قۇرئان ئوقۇپ بېرىپ ھەق ئالسا توغرا بولامدۇ؟
548.5 KB
فتح: قۇرئان ئوقۇپ بېرىپ  ھەق ئالسا توغرا بولامدۇ؟.doc
2.
قۇرئان ئوقۇپ بېرىپ ھەق ئالسا توغرا بولامدۇ؟
152.8 KB
فتح: قۇرئان ئوقۇپ بېرىپ  ھەق ئالسا توغرا بولامدۇ؟.pdf
نبذة موسعة

 

قۇرئان ئوقۇپ بېرىپ  ھەق ئالسا توغرا بولامدۇ؟

 

97500- نومۇرلۇق سوئال

 

سوئال:

مەن ئۆلۈكلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇپ بېرىپ تۇل تاپىمەن، قۇرئان ئوقۇپ بېرىپ پۇل تېپىش مېنىڭ تۇرمۇشتىكى بىردىن بىر چىقىش يولۇم، مەن بۇ پۇل بىلەن پەرز ھەج ئادا قىلسام بولامدۇ؟ .

جاۋاپ:

 بارلىق گۈزەل ماختاشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھغا مەنسۇپتۇر.

قۇرئان ئوقۇش ئەڭ ياخشى ئىبادەتلەردىن بولۇپ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار، كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى( ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەرگە ئاللاھ ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ».

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قۇرئاندىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشىگە بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بىر ياخشىلىققا شۇ ياخشىلىقنىڭ ئون ھەسسىسىگە باراۋەر ئەجىر بېرىلىدۇ، مەن " ا   ل م "(ئەلىف، لام، مىم) نى بىر ھەرپ ھېسابلىمايمەن، ئەلىف بىر ھەرپتۇر، لام بىر ھەرپتۇر، مىم بىر ھەرپتۇر».

قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىپ، ئويلىنىپ ئوقۇش ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە كاتتا ئىبادەت بولۇپ، بۇنى پۇل ئېلىپ ئوقۇش توغرا ئەمەس، ئىنسان قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىدۇ. دېمەك؛ قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ئىبادەت بولۇپ،   پۇل ئۈچۈن ئىبادەت قىلىش توغرا ئەمەس . ئۆلۈكلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇش دېگەن دىندا ئەسلى بولمىغان بىدئەت ئىشلاردىن، قۇرئان ئوقۇشنى پۇل تاپىدىغان كەسىپ قىلىۋېلىش توغرا ئەمەس . قۇرئاننى پۇل ئۈچۈن ئوقۇسا ئۇ كىشىگە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ھېچقانداق ساۋاپ بولمايدۇ . ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت ھاياتى دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇ - زىننىتىنى( يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بىرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ، بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ».

ئاخىرەتلىك ئەمەللەر بىلەن دۇنيا ھاياتىنى مەقسەت قىلغۇچى كىشىلەر ۋە ئىبادەتنى مال-دۇنيا يېغىش ئۈچۈن قىلىدىغان كىشىلەرگە ئازاپ ۋەدە قىلىنغان، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ باتىل ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان، سۇئال سورىغۇچىنىڭ بۇندىن كىيىن بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇشى توغرا ئەمەس، بۇرۇن قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن ئاللاھغا تەۋبە قىلىشى كېرەك، قۇرئان ئوقۇپ تاپقان پۇل بىلەن ھەج قىلىشى توغرا ئەمەس.

ئەپسۇس! مۇشۇ ئەسىردە كۆپلىگەن كىشىلەر قۇرئان ئوقۇشنى پۇل تاپىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇۋالدى، ئۇلار ماتەم مۇراسىمىدا، قەبرىستانلىقتا ئۆلۈكلەرنىڭ ھەققىدە قۇرئان ئوقۇپ ئۇنىڭ بەدىلىگە كۆپلەپ پۇل توپلاشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ خاتا ئىش بولۇپ، پۇلنى دەپ ئۆلۈكلەر ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇپ بېرىشنى كەسىپ قىلىۋېلىش توغرا ئەمەس .

1ـ پۇل ئالمىغاندىمۇ قەبرىستانلىقتا ئۆلۈكلەرنىڭ ھەققىدە قۇرئان ئوقۇش توغرا ئەمەس.

2ـ قۇرئان ئوقۇغانغا پۇل ئىلىش توغرا ئەمەس، بۇ مالنى ھارام يېگەنلىكتۇر.

بىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ۋە قۇرئان ئوقۇغۇچى قارىلىرىمىز ئۈچۈن بۇنداق قىلماسلىق ۋە بۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشنى، ئۇلار رىزقىنى ياخشى پاكىزە كەسىپلەرنى قىلىش ئارقىلىق ھالال بولغان يوللار بىلەن تېپىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز . ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئاننى يول باشچى قىلىپ قۇرئاننى دۇنيا مەنپەتىنى تاما قىلىپ ئوقۇماستىن، بەلكى خالىس نىيەت بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھ ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن!.

( دېمەك؛ قۇرئان كەرىمنى پۇل ئىلىش نىيىتى بىلەن ( بەزى ئاتالمىش قارىلار مۇسىبەت ساھىبى بىلەن سودىلىشىپ بىرتامام قىلسام يۈز يۈئەن دېگەن ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس) خەتمە قۇرئان قىلىش، مېيىتنى يەرلىكتە قويۇپ بولغاندىن كېيىن قۇرئان كەرىمنى، ئۈچ كۈن ياكى يەتتە كۈنگە قەدەر قەبرە بېشىدا تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئۇيغۇر دىيارىمىزنىڭ بەزى يۇرتلىرىدا خىلىلام ئېغىر بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇپ، پېشقەدەم دىنى ئۇستازلىرىمىزدىن بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىپلاس نەپسىنى يىغالماستىن، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتا باشقا چىقىش يولى يوقلىقى، ئاللاھنىڭ بۇ ئارقىلىق رىزق ئاتا قىلىشى تەقدىرگە پۇتىلىپ كەتكەنلىكى، تىجارەت ياكى بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا، دىنى خىزمەتكە كۆرۈنەرلىك تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى قاتارلىق ئورۇنسىز باھانىلارنى توقۇپ چىقتىيۇ ئەمما نەزىر چىراقلاردىكى توخۇ پاچىقىدىن كىچەلمىدى . سەلەپ ئالىملىرىنىڭ دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىرگە ئىلىپ بارغانلىقىنى ئۆرنەك قىلمىدى. دىنى خىزمەتنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ئۇلاردىن كۈتۈلىدىغان تەقەززانى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، مۇسۇلمان جامائىتىنى بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردىن توسۇشقا يېتەكچى بولماستىن، بەلكى باشلامچى بولۇپ، ئاخىرەتلىك نېسى پايدىنى دۇنيادىكى نەخ پايدىغا تىگىشىۋاتقانلارمۇ جەمئىيىتىمىزدە ئانچە ئاز ساننى ئىگەللىمىسە كېرەك. ئاللاھنىڭ كالامىنى پۇل ئۈچۈن تىلاۋەت قىلىپ مال-دۇنيا توپلاۋاتقانلارغا ئاللاھ مۇنداق دېگەنلىكىنى يادلىتىپ ئۆتىمىز: « ئاللاھ كىتابتا ( يەنى تەۋراتتا ) نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلارنىڭ قارنىغا يېگىنى ئوتتىن ئىبارەت بولۇپ، چۈنكى ئۇلارنىڭ يېگەن شۇ ھارام مىلى ئۇلارنى دوزاخقا ئىلىپ بارىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇلار خوشال بولىدىغان سۆزلەرنى قىلمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، مەغپىرەتنى ئازابقا، جەننەتنى دوزاخقا تېگىشتى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدېگەن چىداملىق!». سۈرە بەقەرە 174-175- ئايەتلەر.

ئەمما بىچارە مۇسىبەت ئىگىسى بولسا، ئاتالمىش موللىلارنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ يوق بولسا قەرز قىلىپ يۇرۇپ، ئۇ ئاخۇنۇمنىڭ ئالدىغا لىپاپا قويۇشنىڭ غېمىدە، ئاللاھنىڭ نارازى بولۇشىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، يەنە ئائىلىسىدە مۇسىبەت بولۇپ قالسا موللىلارنىڭ كەلمەي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، موللىنىڭ نازۇك كۆڭلىنى ئىلىشنىڭ ئەپچىل چارىسىنى ئىزدەپ تۇرۇۋاتقان پەيتنىڭ ئۆزىدە، ئۇ ئاتالمىش ئالىمنىڭ يېتەرسىزلىكىگە ھەمكارلاشقانلىق بولۇپ، ئاللاھ تەرىپىدىن تېگىشلىك نېسىۋىسىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى سەزمەيۋاتقان بولسا كېرەك. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: « ...ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق» سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭ بىر قىسمى .

ئۇلار بۇ ھەقتە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە ياكى دىنى مەسىلىلەردە ئىزدىنىش پۇرسىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزرىلىك ھېسابلىنىپ ئاللاھنىڭ ئۇلارنى كەچۈرۈم  قىلىشى ئۈمىت قىلىنىدۇ. ئەمما بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ھەقىقەتتە مۇستەھكەم قىلسۇن ۋە ھەقىقەتچىلەر بىلەن بىرگە قىلسۇن.- مۇھەررىر-)

Go to the Top