فضل الصلاة على النبي صلى الله عليه وسلم

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: فضل الصلاة على النبي صلى الله عليه وسلم
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه الخطبة الجمعة في المسجد النبوي في المدينة المنورة التي ألقاها فضيلة الشيخ عبد الباري الثبيتي 15/7/1429 هجري، فبين فضيلته في هذه الخطبة ضرورة أن يعرف المسلم منزلة النبي صلى الله عليه وسلم وفضله، وفضل الصلاة على النبي صلى الله عليه وسلم وأثارها، و الإكثار من الصلاة على النبي صلى الله عليه وسلم دليل محبته، وليس المقصود بالصلاة ترديد ألفاظ الصلاة والسلام على النبي وإنما الأمر الواجب على كل مسلم ومسلمة المتابعة له في كل أعماله وأقواله وعدم الابتداع فيه.
تأريخ الإضافة: 2008-07-23
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/167490
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالام يوللاشنىڭ پەزىلىتى
482.5 KB
فتح: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالام يوللاشنىڭ پەزىلىتى.doc
2.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالام يوللاشنىڭ پەزىلىتى
151.9 KB
فتح: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالام يوللاشنىڭ پەزىلىتى.pdf
نبذة موسعة

 

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالام يوللاشنىڭ پەزىلىتى

 

 

15/7/1429هـ 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى

 

بىرىنچى خۇتبە

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر، بىزنى بارلىق ئۇممەتلەرنىڭ ياخشىسى قىلغان ئاللاھنى ماختايمەن. ھەرقانداق خاپىلىق ۋە خۇرسەنلىككە يولۇققاندا ئاللاھنى ياد ئېتىمەن، ئۇنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن ۋە كۆپ شۈكرى ئېيتىمەن. ھىممەت ئىرادىمىزنى ئاشۇرۇپ، مۇھىم ئىشلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ياخشى ياردەمچى بولغان ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن. ئىنسانىيەتكە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن يول باشچىمىز ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلەرگە ئاللاھدىن دائىم رەھمەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمەن.                           

مەن ئۆزۈمنى ۋە سىلەرنى ئاللاھغا تەقۋالىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھغا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار». بىزنىڭ ئېسىل پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (ئىبنى ئابدۇللاھ) ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىلىك ئامانىتىنى تولۇق ئادا قىلدى. ئۇممەتكە تەۋھىدتە مۇستەھكەم تۇرۇپ  شېرىكتىن ۋە كۇفىردىن ساقلىنىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى، ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش يولىدا ھەقىقى كۆرەش قىلدى. ئاللاھ بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەۋەبى بىلەن شېرىك ۋە كۇفىرنىڭ جاھالەت زۇلمىتىدىن ئىمان نۇرىغا ئىلىپ چىقتى، توغرا يولغا ھىدايەت قىلدى. ئەبى تەلھە ئەلئەنسارىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: بىر كۈنى سەھەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆڭلى خوش، ئوچۇق يورۇق چىقتى، ساھابىلار:«ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!بۈگۈن كۆڭۈللىرى خوش، ئوچۇق يورۇق چىقىپلا؟ دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە! شۇنداق، ھازىر پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىسى يېنىمغا كېلىپ: سىنىڭ ئۈممىتىڭدىن كىمىكى ساڭا بىرقېتىم دۇرۇت سالام يوللىسا ئاللاھ ئۇ كىشىگە شۇ دۇرۇت سالامنىڭ سەۋەبى بىلەن ئون ياخشىلىق يازىدۇ، ئون خاتالىقىنى ئۆچۈرىدۇ، ئون دەرىجە ئۈستۈن قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىگە يەنە ئون رەھمەت سالام يوللايدۇ  دېدى».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىپ، سۈننەتلىرىگە چىڭ ئېسىلىپ، كۆپ دۇرۇت -سالام يوللىغان كىشىلەر قىيامەت كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتىگە لايىق، تەقدىرلىشىگە ھەقلىق، ۋە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىدىغان كىشىلەردۇر.  ئىبنى مەسئۇد ( ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) رىۋايەت قىلغان ھەدىستە:« قىيامەت كۈنى مىنىڭ شاپائىتمگە ئەڭ لايىق بولىدىغان كىشىلەر دۇنيادا ماڭا كۆپ دۇرۇت -سالام يوللىغان كىشىلەردۇر» دېگەن.

پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز بۈيۈكلۈكى، كاتتىلىقى بىلەن، ئاسمان زېمىندىكى ھەممە پەرىشتىلىرى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلۇغلاش، ھۆرمەتلەش، قەدىر قىممىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت، سالام يوللايدۇ. بىز مۆمىن مۇسۇلمانلارمۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللايمىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر!سىلەر پەيغەمبەرگە  دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار». ئامىر ئىبنى رەبىيئە ( ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇتبە سۆزلەۋېتىپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم «كىمىكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت- سالام يوللايدىكەن پەرىشتىلەر ئۇ كىشىگە ھەمىشە رەھمەت سالام يوللايدۇ( ئۇ كىشى ماڭا دۇرۇت سالام يوللاۋاتقان ۋاقىتتا) دۇرۇت سالامنى ئاز ياكى كۆپ  يوللاشنى تاللىسۇن »دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت سالام يوللاشنىڭ سەۋەبىدىن ئىنساننىڭ خاتالىقلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ، يامانلىقلىرى ئۆچۈرۈلىدۇ، قىلغان دۇئالىرى ئىجابەت بولىدۇ، ھاجەتلىرى ئادا قىلىنىدۇ، قىيىنچىلىقلىرى ئاسان بولىدۇ، ياخشىلىق ۋە بەركەتلەر ھاسىل بولىدۇ، ھەر خىل ئاپەت ۋە يامانلىقلاردىن ساقلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئۇستىدىكى بىر قىسىم ھەققى ئورۇندىلىدۇ، كىشىلەر قەلبىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببەت زىيادە بولىدۇ. ھەمدە توغرا يولغا ھىدايەت تېپىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت سالام يوللاشنىڭ سەۋەبىدىن ئاللاھ تائالا بىزگە ئۆزىنىڭ رەھمەت مەغپىرەت ئىشىكىنى ئىچىۋېتىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت سالام يوللاش بىلەن ئىنساننىڭ دىلى ئىچىلىدۇ، غەم قايغۇلىرى تۈگەيدۇ، دەرىجىسى ئۈستۈن بولۇپ ماختالغۇچى ئالى ئورۇنغا ئېرىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ تائالانىڭ بىر تۈركۈم خاس پەرىشتىلىرى بولۇپ ئاللاھ ئۇلارغا خالايىقلارنىڭ تىزىملىكىنى بەرگەن بولۇپ ئۇ پەرىشتە مەن ۋاپات بولغاندا مىنىڭ قەبرەمنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ، كىمىكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت سالام يوللايدىكەن، ئۇ پەرىشتە ماڭا: ئى مۇھەممەد! پالانچىنىڭ ئوغلى پالانى ساڭا دۇرۇت سالام يوللىدى، دەيدۇ، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشىنىڭ ھەر بىر يوللىغان دۇرۇت سالاملىرىغا ئون قېتىمدىن رەھمەت مەغپىرەت يوللايدۇ».

 ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ( ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« دۇئالارنىڭ ھەممىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇلمايدىكەن، ئۇ دۇئالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇلمىغۇچە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا ئۆرلەشتىن چەكلىنىدۇ».

 پۇزالەتە ئىبنى ئۇبەيىد( ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز بىلەن بىللە ئولتۇراتتى، بىر ئادەم كىرىپ ناماز ئوقۇپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھ! مىنى كەچۈرگىن، رەھمەت قىلغىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئى ناماز ئوقۇغۇچى! سەن ئەجىرگە ئېرىشتىڭ، سەن ناماز ئوقۇپ تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ ئاللاھنى ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ماختاپ، ماڭا دۇرۇت يوللاپ ئۇنىڭدىن كىيىن دۇئا قىلغىن». ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە كىشى كىرىپ ناماز ئوقۇپ ئاللاھنى ماختاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت يوللىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە مۇنداق دېدى:« ئى ناماز ئوقۇغۇچى!ئاللاھغا دۇئا قىلغىن، دۇئايىڭ ئىجابەت قىلىنىدۇ».

ئۇبەي ئىبنى كەئەب( ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى:« ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن سىلىگە كۆپ دۇرۇت سالام ئېيتىمەن، شۇنىڭدىن قانچىلىكنى سىلى ئۈچۈن قىلىمەن دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە:« خالىغىنىڭنى قىلغىن» دېدى. ئۇ كىشى: تۆتنىڭ بىرىچۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« خالىغىنىڭنى قىلغىن، ئەگەر كۆپ قىلساڭ سەن ئۈچۈن ياخشى» دېدى، ئۇ كىشى: يىرىمىچۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« خالىغىنىڭنى قىلغىن، ئەگەر كۆپ قىلساڭ سەن ئۈچۈن ياخشى» دېدى، ئۇ كىشى: ئۈچتىن ئىككىسىچۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« خالىغىنىڭنى قىلغىن، ئەگەر كۆپ قىلساڭ سەن ئۈچۈن ياخشى» دېدى. ئۇ كىشى: ھەممىنى سىلى ئۈچۈن قىلىمەن؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئۇ ۋاقىتتا سىنىڭ غەم قايغۇلىرىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېدى. بۇ ھەدىستە سۆزلەنگەن ئىككى خىسلەت (يەنى غەم قايغۇنىڭ يوقىلىشى، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى) دۇنيا ـ ئاخىرەتتىكى ياخشىلىقنىڭ جۇغلانمىسى، ئاللاھ غەم قايغۇلىرىغا كۇپايە قىلغان كىشى دېگەن دۇنيانىڭ قىيىنچىلىق، جاپا مۇشەققەتلىرىدىن سالامەت قالىدۇ، چۈنكى دۇنيادا ئاددى قىيىنچىلىقمۇ كىشىنى غەمگە سالىدۇ، ئاللاھ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلغان كىشى ئاخىرەتنىڭ دىشۋارچىلىقىدىن ساقلىنىدۇ، چۈنكى ئىنسان ئاخىرەتتە پەقەت گۇناھنىڭ سەۋەبىدىن ئازابلىنىدۇ.

كىمكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىمايدىكەن ئۇ ئەڭ بېخىل كىشى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ھىچ قانداق ماددى كۈچ تەلەپ قىلىنمايدىغان بىر ئىشنىمۇ قىلمىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە:«بېخىل دېگەن مېنىڭ نامىم تىلغا ئېلىنغاندا ماڭا دۇرۇت ئېيتمىغان كىشىدۇر»دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە:« مېنىڭ نامىم تىلغا ئېلىنغاندا ماڭا دۇرۇت ئېيتمىغان كىشىنىڭ بۇرنى توپىغا مىلەنسۇن(خار بولسۇن)»دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتنى قانداق ئېيتىش ۋە سالام يوللاشنى بولسا نۇرغۇن ھەدىسلەردە بايان قىلىپ چۈشەندۈرگەن. ھەدىستە: ساھابىلاردىن بىرى  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ بىزنى ساڭا دۇرۇت ئېيتىشقا بۇيرىدى، ساڭا قانداق دۇرۇت ئېيتىمىز؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھۇممە سەللى ئەلە مۇھەممەدىن، ۋە ئەلە ئالى مۇھەممەدىن كەما سەللەيتە ئەلە ئالى ئىبراھيمە، ۋەبارىك ئەلە مۇھەممەدىن، ۋە ئەلە ئالى مۇھەممەدىن، كەما بارەكتە ئەلە ئالى ئىبراھيمە، ئىننەكە ھەمىدۇن مەجىيد(ئى ئاللاھ ئىبراھىمغا رەھمەت قىلغىنىڭدەك مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئەھلىگە رەھمەت قىلغىن، ئىبراھىمنىڭ ئەھلىگە بەرىكەت بەرگىنىڭدەك مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئەھلىگە بەرىكەت بەرگىن، سەن ھەقىقەتەنمۇ بەك ماختالغۇچى ۋە ئۇلۇغلانغۇچى زاتتۇرسەن) دەڭلار» دېدى.

دۇرۇت دېگەن ئەرەبچە(سالات) دېگەن سۆزنىڭ بىر مەنىسى بولۇپ بۇ سۆز ئاللاھ تەرەپتىن بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ماختاش ۋە مەدھىيىلەش، ھۆرمىتىنى ئۈستۈن قىلىش، پەزىلىتىنى ئاشكارا قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ سۆز بىز تەرەپتىن بولغاندا بىزنىڭ ئاللاھدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بۇنىڭدىنمۇ بەك مەدھىيىلەش، ماختاشنى تەلەپ قىلىشىمىزدىن ئىبارەت، (تەسلىم) دېگەن سالام(تىنىچ ئامانلىق) دېگەن مەنادا  بولۇپ (ئەسسالام ) دېگەن ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن بىرى، يەنى: ئى مۇھەممەد! ياخشىلىق ۋە بەرىكەت سەن بىلەن داۋاملىق بولىدۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، بالا مۇسىبەت ۋە قىيىنچىلىقلاردىن سالامەت بولىسەن، دېگەندىن ئىبارەت. بىزنىڭ «ئاللاھۇممە سەللى ئەلە مۇھەممەدىن» دېگەن سۆزىمىزنىڭ مەنىسى: ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن دەۋەت ئىشلىرىدا، ئۈممىتى توغرىسىدا ۋە نامى تىلغا ئېلىنغاندا:« ھەممە يىتەرسىزلىكتىن سالامەت بولغۇچى» دەپ يېزىپ قويغىن دېگەندىن ئىبارەت.

كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆرمىتى ئېشىۋاتىدۇ، قەدرى ئۈستۈن بولىۋاتىدۇ، ئۈممەتلىرى كۆپىيىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زىكرى زىيادە بولاۋاتىدۇ، ئىمام نەسائىي ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد(ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن)دىن بايان قىلغان ھەدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاللاھنىڭ زېمىندا ئايلىنىپ يۇرىيدىغان خاس پەرىشتىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۈممەتلىرىمنىڭ سالاملىرىنى ماڭا يەتكۈزىدۇ».

ئاللاھ بۈيۈك قۇرئان كەرىم بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەرىكەت بەرسۇن، ئۇنىڭدىكى ۋەز نەسىھەتلەردىن ھەممەيلەنگە مەنپەئەت بەرسۇن، سىلەر تىڭشاۋاتقان سۆزنى ئېيتىمەن، مەن ۋە سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن، ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ غالىبتۇر، كەچۈرۈم تەلەپ قىلغۇچىلارنى كەچۈرگۈچىدۇر.

ئىككىنچى خۇتبە                                                                  

ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان خەيرى ئېھسانلىرىگە ئۇنى چەكسىز ماختايمىز، بەرگەن نېمەتلىرىگە ۋە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا ھېسابسىز شۈكرى ئېيتىمىز، ئاللاھنىڭ شەنىنى كاتتىلاپ ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز ئاللاھتىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە، ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت  تەلەپ قىلىمىز.

ئۆزۈمنى ۋە سىلەرنى ئاللاھغا تەقۋادارلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن، مۇسۇلمان كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت يوللىغاندا سالامنى بىللە يوللاش كېرەك، دۇرۇتلا يوللاپ سالام يوللىماسلىق ياكى سالام يوللاپ دۇرۇت يوللىماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك، شۇنداقلا خەت يازغاندىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى يېزىلغاندا«سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» دېگەن سۆزنى قىسقارتىپ ( سىن ياكى سات) دەپ يازماستىن بەلكى تولۇق يېزىش كېرەك.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەردەك يوللاردا ياكى باشقا ئورۇنلاردا ئازادە مېڭىش ياكى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغاندا دەيدىغان(سەللى ئەلە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياكى سەللى ئەلەننەبىي) دېگەندەك سۆزلەرنى قوللانماسلىق كېرەك، ئالىملار(ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللاش پەقەت ئىبادەت ۋە يېقىنلىشىش ئۈچۈن بولىدۇ دەيدۇ. ئالىملارنىڭ قارىشىدا: كىشىلەرنىڭ ئەجەبلەنگۈدەك بىرەر ئىشنىى كۆرگەندە (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) دېگەن سۆزنى دېيىشى، تىجارەتچىلەرنىڭ مېلىنى باشقىلارغا ساتقاندا(سەللى ئەلەننەبى ياكى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم) دېيىشى توغرا ئەمەس، بۇ ئەسلىدە ئېسىل سۆز بولسىمۇ لىكىن بۇسۆزنى دېيىش بىلەن ساتقۇچى ئۆزىنىڭ سۆزىنى كۈچلاندۇرىدۇ، سېتىۋالغۇچى بولسا مەنپەئەتنى دەپ مالنى ئالىدۇ(سەللى ئەلەننەبى ياكى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم) دېگەن سۆزنىڭ ھىچ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر كىچە ئۇخلىماي ياكى كېچىنىڭ ۋە كۈندۈزنىڭ كۆپ قىسمىدا دۇرۇت ئېيتىش شەرت ئەمەس، بەلكى چىن ئىخلاس بىلەن ئاللاھغا ئىلتىجا قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ( ماڭا دۇرۇتنى كۆپ يوللىساڭ دۇنيالىق غەم قايغۇلىرىڭغا كۇپايە، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم بولىدۇ) دېگەن سۆزىگە ھەقىقى ئېشىنىپ ھەر ۋاقىت دۇرۇت سالام يوللاپ تۇرۇش كېرەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەممە ۋاقىتتا دۇرۇت سالام يوللاش توغرا بولسىمۇ لېكىن جۈمە كۈنلۈكتە دۇرۇت سالام يوللاش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئەۋس ئىبنى ئەۋس(ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن)دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«سىلەرنىڭ كۈنۈڭلارنىڭ ئەۋزىلى جۈمە كۈنىدۇر، بۇ كۈندە ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان، بۇ كۈندە ۋاپات بولغان، بۇ كۈندە سۈر چىلىنىدۇ، بۇ كۈندە ھوشسىزلىق بولىدۇ، جۈمە كۈنى ماڭا دۇرۇتنى كۆپ ئېيتىڭلار، جەزمەنكى سىلەرنىڭ ئېيتقان دۇرۇتىڭلار ماڭا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ».

ئى ئاللاھ !ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلغىنىڭدەك مۇھەممەدئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەھلىگە رەھمەت قىلغىن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھلىگە بەرىكەت بەرگىنىڭدەك مۇھەممەدئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەھلىگە بەرىكەت بەرگىن. سەن ھەقىقەتەنمۇ بەك ماختالغۇچى ۋە ئۇلۇغلانغۇچى زاتتۇرسەن.

ئى ئاللاھ !توغرا يول تۇتقۇچى، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ھەقىقەتنى دۇنياغا تاراتقۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولغان ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلىدىن، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ۋە باشقا بارلىق ساھابىلاردىن رازى بولغىن. سىنىڭ سىخىلىقىڭ ۋە خەيرى ئېھسانىڭ بىلەن بىزدىنمۇ رازى بولغىن.  

ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خارقىلغىن، دىن دۇشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن، بۇ شەھەرنى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرىنى  تىنىچ، خاتىرجەم، پاراۋان قىلغىن.

ئى ئاللاھ! بىز سەندىن ھىدايەت، تەقۋالىق، ئىپپەت ۋە بىھاجەتلىكنى سورايمىز.

ئى ئاللاھ! بىز سەندىن سىنىڭ رازىلىقىڭ بىلەن جەننەتنى سورايمىز، بىز سەن بىلەن سىنىڭ غەزىپىڭدىن ۋە دوزاختىن پاناھلىنىمىز.

ئى ئاللاھ! بىزنىڭ دىنىمىزنى ياخشى قىلغىن، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئېسىلىدىغان تۇتقىمىزدۇر، دۇنيالىقىمىزنى ياخشىلاپ بەرگىنكى ئۇ بىزنىڭ ياشاش ئاساسىمىزدۇر، ئاخىرتىمىزنى ياخشىلاپ بەرگىنكى ئۇ بىزنىڭ قايتىدىغان جايىمىزدۇر.بارلىق ياخشىلىققا نىسبەتەن بىزگە ھاياتلىقىمىزنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، بارلىق يامانلىقلارغا نىسبەتەن ئۆلۈمنى راھەت قىلىپ بەرگىن.

ئى ئاللاھ!بۇ شەھەرنى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرىنى  تىنىچ، خاتىرجەم، پاراۋان قىلغىن.

ئى ئاللاھ!بىزگە، شەھەرلىرىمىزگە ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرىگە خاتىرجەمسىزلىك ۋە پىتنە پەيدا قىلغۇچىلارنى ئۆز ھالاكىتى بىلەن مەشغۇل قىلغىن، ئۇلارنىڭ قىلغان ھىيلە مىكىر چارىسىنى ئۆزىنىڭ زىيىنىغا قىلغىن.

ئى دۇئالارنى تىڭشاپ تۇرغۇچى ئاللاھ! ئى ئاللاھ! مۇسۇلمانلاردىن غەم قايغۇدا قالغان كىشىلەرنى بۇنىڭدىن خالاس قىلغىن، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلغىن، قەرزدار كىشىلەرنىڭ قەرزنى ئادا قىلىشقا ياردەم بەرگىن. بىزنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى كېسەللەرگە شىپالىق ئاتا قىلغىن. مۇسۇلمانلاردىن ۋاپات بولغان بارلىق كىشىلەرنى كەچۈرۈم قىلغىن.

ئى ئاللاھ!بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە ياردەم بەرگىن، زىيىنىمىزغا ياردەم بەرمىگىن، بىزگە غەلبە نۇسرەت ئاتا قىلغىن، دۈشمەنلەرگە غەلبە ئاتا قىلمىغىن. بىزنىڭ پايدىمىزغا چارە تەدبىر قىلغىن، زىيىنىمىزغا چارە تەدبىر قىلمىغىن. بىزنى ھىدايەت قىلغىن، بىزگە ھىدايەتنىڭ يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن. بىزگە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئۈستىدىن بىزگە غەلبە نۇسرەت ئاتا قىلغىن.

ئى ئاللاھ! بىزنى ساڭا زىكىر ئېيتقۇچى، شۈكۈر ئېيتقۇچى، سەن بىلەن پاناھلانغۇچى، ساڭا تايانغۇچى ۋە سەن تەرەپكە قايتقۇچى كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلغىن.

ئى ئاللاھ! بىزنىڭ تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلغىن، دەلىل ئىسپاتلىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، تىلىمىزنى توغرا قىلغىن، دىلىمىزنى پاك قىلغىن. پەرۋەردىگارىمىز!بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزنى مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز.

ئى ئاللاھ!بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزنى سىنىڭ توغرا يولۇڭغا مۇۋەپپەق قىلغىن، ياردىمىڭ بىلەن كۈچلاندۇرغىن، ئۇلارنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلغىن، قىلغان ئىشلىرىنى سەن رازى بولىدىغان ئىشلاردىن قىلغىن. بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى سىنىڭ كىتابىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان قىلغىن.

ئى ئاللاھ!بىزگە دۇنيا ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا، خەيرى ئېھسان قىلىشقا، ئۇرۇق تۇغقانلارغا ئېھسان قىلىشقا بۇيرىدى، پاھىشە ئىشلاردىن، ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ، سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ، ناھايىتى كاتتا بولغان ئاللاھنى يادىتىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، سىلەرگە زىيادە قىلىپ بېرىدۇ، ئاللاھنى يادىتىش كاتتا ئىشتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.    

 

 

Go to the Top