عن معجزات الطبيعة

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: عن معجزات الطبيعة
اللغة: أيغوري
ترجمة: محمد يوسف
نبذة مختصرة: انتشرت في الآونة الأخيرة عبر المواقع والمنتديات مواضيع تحتوي على صور وملفات صوت وفيديو تعبر عن معجزات .. كخروج نافورة من الرمال في الصحراء ، وظهور لفظ الجلالة على جلود الماعز .. وسحابة ترسم لفظ الجلالة ، والفتاة التي تحولت إلى حيوان .. ومعظم هذه الأشياء تكون غير صحيحة وملفقة .. وهذه الأشياء منتشرة جدا . فما هو الحكم في مثل هذه الأشياء ؟
تأريخ الإضافة: 2008-07-03
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/156579
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
تەبىئىي مۆجىزىلەر ھەققىدە
1.1 MB
فتح: تەبىئىي مۆجىزىلەر ھەققىدە.doc
2.
تەبىئىي مۆجىزىلەر ھەققىدە
167 KB
فتح: تەبىئىي مۆجىزىلەر ھەققىدە.pdf
نبذة موسعة

 

تەبىئىي مۆجىزىلەر ھەققىدە

 

 102056-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مۇشۇ كۈنلەردە ئېنتېرنېت بېكەتلىرىدە سەھرالاردىن فۇنتاننىڭ ئېتىلىپ چىققانلىقى، «ئاللاھ» ئىسمىنىڭ ئۆچكىنىڭ تېرىسىگە يېزىلىپ قالغانلىقى، بۇلۇتنىڭ «ئاللاھ»ئىسمىنى سىزغان شەكىلدە كۆرۈنگەنلىكى، بىر قىزنىڭ ھايۋانغا ئۆزگىرىپ قالغانلىقى قاتارلىق ھەر خىل تەبىئەت مۆجىزىلىرى دەپ ئاتالغان ئالامەتلەر تارقىتىلماقتا. بۇلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب:

ئاللاھنىڭ تەبىئەتتىكى مۆجىزىلىرى كۆپتۇر. ھەر بىر نەرسە ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا ۋە ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى لىسانى ھالى بىلەن سۆزلىمەكتە. « ھا، مىم. (بۇ) كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى اللە تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۆمىنلەر ئۈچۈن (اللەنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن دەلىللەر بار. سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە (اللە زېمىندا) تارقىتىۋەتكەن جانىۋارلاردا (اللەنىڭ قۇدرىتىگە) جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، اللەنىڭ بۇلۇتتىن (كۆكتىن) يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن رىزىقلەندۈرۈپ ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اللەنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار. ئەنە شۇلار اللەنىڭ ئايەتلىرىدۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا ھەقلىق بىلەن تىلاۋەت قىلىپ بېرىمىز. ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) اللەنى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى قويۇپ قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟»(جاسىيە سۈرىسى-6-1ئايەتلەر).

قۇرئاننىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرىدە كىشىلەرنى تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەقىل ئىشلىتىشكە چاقىرغان نىدالار ئىنتايىن كۆپ كەلگەن. بۇ ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە بولغان ئىماننى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىدى.  ئاسمان، زېمىن، تاغ، كۈن، ئاي، ھايۋانلار، يامغۇر ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنسانلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇرىدۇ. ھەر ئىنسان بۇلارنىڭ ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىغا، كامالىتىگە دالالەت قىلىدىغانلىقىنى ئىدراك قىلىدۇ. گەرچە بەزى مۆجىزىلەرنى، ھەقىقەتلەرنى ۋە سىر - ئەسرارلارنى بىلىش ئالىملارغا خاس بولسىمۇ، ئاۋام خەلققە نىسبەتەنمۇ مەلۇم مەسىلىلەردۇر. ھەركىم ئۆزىنىڭ قۇدرىتىگە لايىق ئىدراك قىلالايدۇ.

ئەمدى ھازىر ئېنتېر تورلىرىدا« تەبىئەت مۆجىزىلىرى» نامى بىلەن تارقىلىۋاتقانلارغا كەلسەك، ئاللاھ تائالا ھەممىگە قادىر بولغاچقا دۇنيادا ھەرخىل مۆجىزىلەر ئاشكارا بولۇپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىسمى ئۆچكىنىڭ تېرىسىگە يېزىلىپ قالغانلىقىمۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىش. سۈرىتى ھايۋانغا ئۆزگىرىپ قېلىشمۇ بولىدىغان ئىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى:« بۇ ئۇممەتتە ئاي تۇتۇلۇش، سۈرىتى مۇبەددەل بولۇش ۋە تۆھمەت قىلىش بولىدۇ»دېگەندە، بىرئادەم، يارەسۇلەللاھ! بۇ قاچان بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ھاراقكەشلىك، پىتنە - پاسات ۋە سازەندىلىك ئەۋج ئالغاندا»دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ھەممىگە يېتىدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. شۇنداقتىمۇ ھازىرقى تور بېكەتلىرىدە تارقىلىۋاتقان مۆجىزە دەپ ئىلان قىلىنىۋاتقان نەرسىلەرگە كۆپ ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ. تارقالغان بۇ خەۋەرلەرنىڭ كۆپلىرى كىشىلەر ئىشەنچلىك يەردىن ئالماستىن سورۇنلاردا ئاڭلىغانلىرىدىن سۆزلىگەنلىرىدۇر. مۇسۇلمان ئادەم ئۆزىنىڭ دىنىنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇشۇنداق نەرسىلەرگە مۇھتاجمۇ؟  يارىتىلىش ۋە كائىنات دەلىللىرى ساماندەك تۇرغان يەردە مۇسۇلمانلار بۇ راست يالغىنى بىلىنمىگەن خەۋەرلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق دىنىنى ئىسپاتلاشقا ھاجەت بولۇپ قالدىمۇ؟ ياق.  مۇنداق خەۋەرلەرگە قىلىدىغان مۇئامىلىمىز، تەستىقمۇ قىلماسلىق ئىنكارمۇ قىلماسلىقتۇر. بۇ ئەڭ ياخشى يولدۇر. بىزدە ئۇنىڭ راست ياكى يالغانلىقى ئۈچۈن كەسكىن دەلىل بولمىغان ئىكەن، بىز ئۇلارنى ئىنكارمۇ قىلمايمىز ۋە تەستىق قىلىپ ئىشىنىپمۇ كەتمەيمىز.

بەزى كىشىلەر بۇنداق خەۋەرلەرنى ۋە ئاجايىپ مۆجىزە دېيىلگەن سۈرەتلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، ھەتتا يانفونلىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ھاياجانلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە بولغان ئىمانى كۈچەيگەندەك بولىدۇ. ئەمما ئاز ۋاقىتتىن كېيىن بۇ سۈرەتلەر ۋە مۆجىزىلىك خەۋەرلەرنىڭ يالغانلىقى ئاشكارا بولغىنىدا ئۇنىڭغا بىر چۈشكۈنلەك يېتىدۇ ياكى باشقىلار تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنىدۇ. ھەر قانداق ئاجايىپ ئىشلارنى مۆجىزە ياكى دىنىمىزنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يۈز بەرگەن ئالامەت دەپ تېز ھۆكۈم قىلىۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر كېيىن ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ياسالما مۆجىزە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا بىزنىڭ ھالىمىز يامان بولىدۇ. مەسخىرىگە قالىمىز.

دىنىمىزنىڭ ھەقلىقىنى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ كاتتىلىقىنى ئىسپاتلىشىمىز ئۈچۈن كائىناتتا ھېسابسىز ئالامەتلەر، مۆجىزىلەر ۋە دەلىللار تۇرغان يەردە، بۇنداق راست يالغانلىقى بىلىنمىگەن نەرسىلەر بىلەن ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى قايىل قىلىشقا مۇھتاج ئەمەسمىز! مەلۇم بىر شەھەردە بىر دەرەخكە ئاللاھنىڭ ئىسمى يېزىلىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك كىشىلەر بۇ دەرەخنى ئۇلۇغلاپ سۆيىدىغان ۋە شاپائەت سورايدىغان بولغان. كېيىن ئۇنى بىرىنىڭ دەرەخكە ئويۇپ چىقىپ دەرەختە شۇنداق يېزىلغان دەپ دەۋا قىلغانلىقى ئاشكارا بولغان. مۇسۇلمان كىشى بۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ ئىزىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قالىدىغان سۆز -چۆچەكلەردىن يىراق تۇرىشى ئىنتايىن زۆرۈر. ئاللاھدىن دىنىمىزدا ساغلام چۈشەنچىگە مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەيمىز.ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچى زاتتۇر.



 

موضوعات متعلقة ( 1 )
Go to the Top