الحكمة من جعل عدة المتوفى عنها زوجها أربعة أشهر وعشرا

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: الحكمة من جعل عدة المتوفى عنها زوجها أربعة أشهر وعشرا
اللغة: أيغوري
ترجمة: محمد يوسف
نبذة مختصرة: ما الحكمة من كون عدة المرأة أربعة أشهر وعشرا ً عند وفاة زوجها ؟
تأريخ الإضافة: 2008-04-30
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/133014
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري - بنغالي - تايلندي
المرفقات ( 2 )
1.
ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشىنىڭ ھېكمىتى توغرىسىدا
1.1 MB
فتح: ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشىنىڭ ھېكمىتى توغرىسىدا.doc
2.
ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشىنىڭ ھېكمىتى توغرىسىدا
138.5 KB
فتح: ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشىنىڭ ھېكمىتى توغرىسىدا.pdf
نبذة موسعة

 

 

ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشىنىڭ ھېكمىتى توغرىسىدا

 

81139- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشىنىڭ ھېكمىتى نېمە؟

جاۋاب:

ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھۆكۇملىرىنىڭ ھېكمىتىنى بىلىشنىڭ ئىككى يولى بار.

بىرىنجىسى:

1-  بۇنىڭ ھېكمىتى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە كەلگەندەك بولىشى مۇمكىن.« سەن يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان تەرەپنى، (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسنى) قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئاسىيلىق قىلغانلاردىن (يەنى مۇرتەد بولۇپ كەتكەنلەردىن) ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى.»(بەقەر 143). « ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن اﷲ نىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»( نىسا 165). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قەبىرلەرنى زىيارەت قىلىڭلار. چۈنكى ئاخىرەتنى يادلاندۇرىدۇ»(مۇسلىم رىۋايىتى176). بۇنداق ھېكمەتلىرى بايان قىلىنىپ كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلار ئىنتايىن كۆپتۇر.

2-  ئۆلىمالار ئىجتىھاد ۋە ئىستىنبات ئارقىلىق شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ھېكمەتلىرىنى چىقارغان. بۇلارنىڭ بەزىسى توغرا، بەزىسى خاتا بولىشى مۇمكىن. ئەمما مۆمىن ئادەم ئىشلارنىڭ ھېكمىتىنى ئاللاھنىڭ بىلىدىغانلىقىغا ئىقرار قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ ھېكمەتسىز ئىش قىلمايدۇ ۋە ھېكمەتسىز، پايدىسىز ئىشلارغا بەندىلىرنى بۇيرىمايدۇ. ئۇ ناھايىتى ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى زاتتۇر.

ئىككىنچىسى:

ئاللاھ ئېرى ئۆلگەن ئايالنىڭ 4ئاي 10 كۈن ئىددەت تۇتۇشىنى بۇيرىدى.« ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى قېلىپ قالغان كىشىلەر بولسا، ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم، ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزلىرى توغرۇلۇق قائىدە بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە (يەنى شۇ ئاياللارغا ئېگىدارچىلىق قىلغۇچىلارغا) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. اﷲ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر»(بەقەرە 234- ئايەت). ئاللاھ بۇ ئىشنىڭ ھېكمىتىنى ئوچۇق بايان قىلمىغان. ئەمما ئۆلىمالار ئىجتىھاد ئارقىلىق بۇنىڭ ھېكمەتلىرىنى چىقارغان.

ئىبنى كەسىر تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:« سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، ئەبۇل ئالىيە ۋە باشقىلار ، ئېرى ئۆلگەن ئايالنى 4ئاي 10 كۈن ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرۇشتىكى ھېكمەت بالا ياتقۇدا بالا بارمۇ يوقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئىدى. مۇشۇنچىلىك مۇددەت كۈتكەندىن كېيىن ئايالنىڭ ئېغىر ئاياق ياكى ئەمەسلىكى بىلىنىدۇ. ئىبنى مەسئۇد رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دگەن:« ئىنسان ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قىرىق كۈن  سپېرم ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئالدىن لەختە قان ھالىتىدە يەنە قىرىق كۈن تۇرىدۇ، ئاندىن گۆش ھالىتىدە قىرىق كۈن تۇرىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ جان كىرگۈزىدۇ»  بۇ ئۈچ قىرىق 4 ئايدۇر. ئېھتىيات ئۈچۈن يەنە 10 قوشۇپ قويۇلغان. ئەگەر ئايال ئېغىر ئاياق بولۇپ قالغان بولسا مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئېغىر ئاياقلىقى چوقۇم مەلۇم بولىدۇ.

سەئىد ئىبنى ئەبۇ ئۇرۇبە قەتادىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دگەن، مەن سەئىد ئىبنى مۇسەييەبتىن بۇ ئون كۈننىڭ ھېكمىتى نېمە؟ دەپ سورىۋىدىم. ئۇ ” بۇ ئون كۈندە بالىغا جان كىرىدۇ“دېگەن ئىدى. رەبى ئىبنى ئەنەس دەيدۇ: مەن ئەبۇل ئالىيەدىن نېمە ئۈچۈن 4 ئايغا بۇ ئون قوشۇۋېتىلگەن؟ دەپ سورىۋىدىم. ئۇ ” بۇ ئون كۈندە بالىغا جان كىرىدۇ“دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. بۇلارنى ئىبنى جەرىر بايان قىلغان.

شەۋكانى مۇنداق دېگەن:« ئېرى ئۆلگەن  ئايالنىڭ ئىددىتىنى 4 ئاي 10 كۈن قىلىپ بەلگىلەشنىڭ ھېكمىتى شۇكى، بۇۋاق كۆپىنچە ئۈچىنچى ئايدا مىدىرلايدۇ. قىز 4 ئايدا مىدىرلايدۇ. ئاللاھ شۇڭا 10 كۈننى قوشۇپ قويغان. چۈنكى بەزى بۇۋاقلار 4ئايدىن سەل كىچىكىپرەك مىدىرلايدۇ. لېكىن 4ئاي 10 كۈندىن قەتئىي كىچىكىپ كەتمەيدۇ.».

ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە قارشى چىقىشقا بولمايدۇ. مۇسۇلمان ئادەم ئاللاھنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرىدۇ. بەزىلەر ئېيتىشى مۇمكىن، ھازىرقى زامان مېدىتسىناسى قورساقتا بالىنىڭ بار ياكى يوقلىقىنى 4ئاي 10 كۈندىن بۇرۇنلا بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇغۇ شۇنداق. لېكىن ئېرى ئۆلگەن ئايالنىڭ 4ئاي 10 كۈن ئىددەت تۇتۇشىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ ئېغىر ئاياق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن دېگەن سۆز قۇرئاننىڭ ياكى پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى ئۆلىمالارنىڭ ئىجتىھادى. بەلكى توغرىدۇ، بەلكى خاتادۇر. بەلكى ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتلىرى ئۇنىڭدىكى ھېكمەتنىڭ بىر قىسمى بولىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن ئاللاھ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بۇيرىغانلىقىنىڭ ھېكمىتىنى، سەۋەبىنى ئۆزى ئۇبدان بىلىدۇ. شۇڭا قۇرئاندا كەسكىن بۇيرۇلغان ئىشلارنى ھەر قانداق سەۋەبلەر بىلەن تەرك ئېتىشكە بولمايدۇ.

Go to the Top