ما الأفضل للمرأة الجماعة مع النساء أم تصلي بمفردها

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: ما الأفضل للمرأة الجماعة مع النساء أم تصلي بمفردها
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هل من الأفضل أن تصلي المرأة وحدها أو تصلي في جماعة النساء؟
تأريخ الإضافة: 2011-05-20
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/344696
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئاياللار نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇيامدۇ ياكى يالغۇزمۇ؟
266.1 KB
فتح: ئاياللار نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇيامدۇ ياكى يالغۇزمۇ؟.pdf
2.
ئاياللار نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇيامدۇ ياكى يالغۇزمۇ؟
2 MB
فتح: ئاياللار نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇيامدۇ ياكى يالغۇزمۇ؟.doc
نبذة موسعة

ئاياللار نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇيامدۇ ياكى يالغۇزمۇ؟

سوئال:

قىز-خانىملار نامازنى ئاياللار بىلەن جامائەت بولۇپ ئوقۇغىنى ئەۋزەلمۇ ياكى يالغۇز ئوقىغىنىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشلىرىنى سورايمىز.

جاۋاب:

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر.

قىز-خانىملارنىڭ نامازنى يالغۇز ئوقۇش ياكى ئۆز-ئارا جامائەت بولۇپ ئوقۇش ئىختىيارى بار. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىسىدا ئاياللار نامازنى يالغۇز ئادا قىلاتتى. بەزىدە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش ئىمكانىيىتى تېپىلغاندا ئۆيگە يىغىلىپ ئۆزلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسىنى ئىمام قىلىپ بىرلىكتە ناماز قىلاتتى.

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلىمە ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھالارنىڭ گاھىدا بەزى ئاياللارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئادا قىلغانلىقلىرى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

ئاياللار شارائىت ھازىرلانغاندا جامائەت بولۇپ بىرگە ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. ئىمام بولغۇچى ئوتتۇرىدا تۇرىدۇ، باشقا ئاياللار ئىمام بولغۇچى ئايالنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرىدۇ. ئاۋازلىق ئوقۇلىدىغان نامازلارنىڭ (يەنى بامدات، شام، خۇپتەن)، تەكبىر ۋە تىلاۋەتلىرىنى ئاۋازىنى تېشىغا چىقىرىپ، ئەرلەر نامازنى قانداق ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغان بولسا، ئاياللارمۇ شۇنداق ئادا قىلىدۇ. تەكبىر ئېيتىپ (يەنى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ) قولىنى مۆرىسىگىچە ياكى قۇلاقنىڭ باراۋېرىدە كۆتۈرىدۇ، تەكبىردىن كىيىن «سبحانك الله وبحمدك، وتبارك اسمك، وتعالى جدك، ولا إله غيرك» دېگەن دۇئانى ۋە ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دېگەنلىكى مۇقىملاشتۇرۇلغان ئاچقۇچ دۇئاسى ئوقۇلىدۇ. كىيىن «أعوذ بالله من الشيطان الرجيم» دەپ سۈرە پاتىھەنى ئوقۇيدۇ ۋە پاتىھەگە قوشۇپ باشقا سۈرە ئوقۇيدۇ. شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ ئىككىنچى رەكئىتىمۇ يۇقىرىقىدەك ئادا قىلىنىدۇ. ئەمما شامنىڭ ئۈچىنچى رەكئىتىدە پەقەت پاتىھە سۈرىسى ئوقۇلىدۇ. خۇپتەننىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتلىرىدىمۇ پەقەت پاتىھە سۈرىسى ئوقۇلىدۇ. بامدات نامىزىدا بولسا سۈرە پاتىھەگە قوشۇپ يادا بىلگەن سۈرە ئوقۇلىدۇ، لېكىن خۇپتەن ۋە شام نامازلاردىكىدىن ئۇزۇنراق سۈرە ئوقۇلىدۇ. شۇنىڭدەك پېشىن، ئەسىر نامازلىرىنىڭ قىرائەتلىرى ئىچىدە ئوقۇلىدۇ.

خۇلاسە: ئاياللار جامائەت بولۇپ ناماز قىلغاندا ئەرلەر قانداق ناماز قىلسا شۇنداق ناماز قىلىدۇ. پەقەت ئاياللار ئەرلەردەك ئالدىغا چىقماستىن ئوتتۇرىدا تۇرۇپ ئىمام بولىدۇ.

ئاياللارغا ئىمام بولغۇچى ئايال ئەگەردە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىدىن بىلسە جامائەت ئاياللارغا تەلىم بېرىشكە ھېرىسمەن بولىشى ۋە بىلگىنىنى ئۆگىتىشى ئەجرى كاتتا ئىشلاردىندۇر.

ئەگەر شەرىئەتنى چۈشەنگەن ئاياللاردىن بىرى، ئاياللارغا ئۆز ئۆيىدە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش شارائىتىنى ھازىرلاش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا دىنى تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ئىلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارغا مەنپەئەت بېرەلىسە بۈيۈك ئەجىر ۋە چەكسىز پەزىلەتكە ئېرىشكەن بولىدۇ. ئەمما ئۇنداق قىلىشى ۋاجىپ ئەمەس. بەلكى ئاياللار نامىزىنى ئۆزى يالغۇز ئادا قىلسىمۇ جايىز بولىدۇ ئىنشائاللاھ.

ئاللاھ ھەممىمىزگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.


 
Go to the Top