وقعت على ثيابها نجاسة وهي بالمدرسة فكيف تصلي؟

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: وقعت على ثيابها نجاسة وهي بالمدرسة فكيف تصلي؟
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: إذا وقع على ملابس المرأة نجاسة أثناء تواجدها في مكان عام مثل المدرسة أو المستشفى وحضرت صلاة العصر فصلت ولم تعد إلى منزلها إلا بعد صلاة المغرب ، فأعادت صلاة العصر بعد صلاة المغرب ، فما حكم ذلك؟
تأريخ الإضافة: 2009-05-31
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/208943
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
قىز-خانىملار كېيىم-كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقتۇرۇۋالغان بولسا، نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟
526 KB
فتح: قىز-خانىملار كېيىم-كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقتۇرۇۋالغان بولسا، نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟.doc
2.
قىز-خانىملار كېيىم-كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقتۇرۇۋالغان بولسا، نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟
114.3 KB
فتح: قىز-خانىملار كېيىم-كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقتۇرۇۋالغان بولسا، نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟.pdf
نبذة موسعة

 

قىز-خانىملار كېيىم-كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقتۇرۇۋالغان بولسا، نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟

 

134228-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەمۇرىي ئورۇنلاردا قىز-خانىملارنىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى بولۇپ قىلىپ، نامازنى نىجاسەت يۇقى كېيىم بىلەن ئادا قىلغان بولسا، (خىزمەت ياكى ئوقۇش سەۋەبلىك ئۆيگە ياكى ياتاققا كەچ يەنى ناماز شامدىن كېيىن قايتىدۇ) بۇ ھالەتتە ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئەسىر نامىزىنى قايتا ئادا قىلامدۇ؟ بۇنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئىنساننىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، ئۇنىڭ نىجاسەت ئىكەنلىكىنى كەسكىن بىلسە، سۇ بولغان شارائىتتا قادىر بولالىسا نىجاسەت ئورنىنى يۇيۇپ تازىلىۋىتىپ ناماز ئوقۇشى كېرەك. ئەمما نىجاسەت ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلالمايدىكەن، بۇنداق شارائىتتا كىيىمنىڭ ئەسلىدىكى پاكلىقىنى ئېتىبارغا ئېلىپ يۇماستىن ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.

قىز-خانىملارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىگە مەكتەپ ۋەياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ھۆل نەرسە يۇقۇپ قالسا ياكى تۆكۈلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ نىجىسلىقى تەكىتلەنمىگىچە كېيىم ئەسلىدىكى پاكلىقى بىلەن بولىدۇ(يەنى كېيىم پاك دەپ قارىلىدۇ). ئۇ نەرسىنىڭ نىجاسەتلىكى ئوچۇق بىلىنسە يۇيۇۋېتىش كېرەك. ئەگەر نىجاسەتنى تازىلاشقا سۇ تاپالمىسا ياكى بۇ ئورۇندىن مۇددەتتىن بۇرۇن چىقىپ كېتىش مۇمكىن بولمىسا ياكى نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە، بۇنداق زۆرۈرىيەت ئاستىدا نىجاسەت يۇقۇپ قالغان كېيىم بىلەن ناماز ئوقۇسا بولاۋېرىدۇ. (ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن ئۇشبۇ نامازنى قايتا ئادا قىلمايدۇ). ئاللاھ  خالىسا نامىزى دۇرۇس بولىدۇ.

ھەممىنىڭ  توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.

 

 

Go to the Top