سفر المرأة لطلب العلم بلا مَحرم

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: سفر المرأة لطلب العلم بلا مَحرم
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: ما حكم الإسلام في سفر المرأة لطلب العلم بغير محرم ؟.
تأريخ الإضافة: 2011-03-26
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/339089
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
قىز-خانىملارنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى
782 KB
فتح: قىز-خانىملارنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى.doc
2.
قىز-خانىملارنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى
350.9 KB
فتح: قىز-خانىملارنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى.pdf
نبذة موسعة

 

قىز-خانىملارنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى

82392- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئىسلامدا ئايال كىشىنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاب :

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

قىز-خانىملارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ئوچۇق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بۇ شەرىئەتنىڭ كامىللىقى ۋە كاتتىلىقى جۈملىسىدىن بولۇپ، ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاش، ھىمايە قىلىش، ھۆرمەت قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈش، ئۆزى سەۋەبلىك ياكى باشقىلار تەرىپىدىن كىلىدىغان بارلىق پىتنىلەردىن مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ساقلاشنى چىقىش قىلغان ئاساستا بۇ پرىنسىپنى يولغا قويغان .

      ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن، مەھرەمسىز ئاياللارنىڭ يېنىغا يات ئەرلەر كىرمىسۇن دېگەندە، ساھابىلاردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: يا رەسۇلۇللاھ! مەن ئەسكەرلەر بىلەن پالانى-پالانى ئۇرۇشقا چېقىشقا تىزىملاتقان ئىدىم، ئايالىم ھەجگە چىقماقچى ئىدى دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سەن ئايالىڭ بىلەن بىرگە ھەجگە بارغىن دەيدۇ». [بۇخارىيدا 1729- ھەدىستە، مۇسلىمدا2391-ھەدىستە رىۋايەت قىلىنغان].

شۇنىڭغا ئاساسەن ئايال كىشىنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا ئەمەس . ئىلىمنى ئاللاھ ئاسان قىلغان تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ئىگەللىشى لازىم. ھازىر بىلىم ئىگەللەيمەن دېگەن كىشى ھەرتۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن بىمالال پايدىلىنالىشى مۇمكىن. مىسالغا ئالساق: توردىن پايدىلىنىش، ياكى تور ئارقىلىق ئوقۇش سېستىملىرىدىن پايدىلىنىش، ئەتراپىدىكى ئىلىم ئىگىلىرىدىن تەلىم ئىلىش قاتارلىقلار ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ تۇرۇپ بىلىم ئالغاندىن ياخشى ئەلۋەتتە.

      سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىن: قىز-خانىملارنىڭ تىببى ئىلىم ئۆگىنىشكە چىقىشى ۋاجىپ ياكى جايىز بولغان تەقدىردىمۇ تۆۋەندىكىدەك ئىشلاردىن ساقلىنالمايدۇ:

ئا-ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىش: كېسەل ئەرلەر، ئوقۇتقۇچىلار ۋە قاتناش ۋاستىلىرىدىكى يات كىشىلەر.

ب- يېقىن دۆلەتلەرگە ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلىش، بۇنىڭغا ئۈچ كۈن ئەمەس پەقەت بىر قانچە سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.

ج- تىببى بىلىم ئىلىش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا مەھرەمسىز يالغۇز ئاياللار ئارىسىدا تۇرۇشقا ئوخشىغان ئىشلاردىن خالى بولالمايدۇ؟ قانداق قىلىشى كېرەك دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:

جاۋاب :

    1- تىببى ئىلىم ئىلىش ئۈچۈن چىققاندا تەلىم-تەربىيە ياكى باشقا تەرەپلەردە ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىش ئىشلىرى سادىر بولىدىكەن بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا جايىز بولمايدۇ، چۈنكى ئايالنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى ساقلاش پەرز ئەين، تىببى بىلىم ئىلىش پەرز كۇپايە ھېسابلىنىدۇ. ھەر ۋاقىت پەرز ئەيىن پەرز كۇپايىدىن يۇقىرى بولىدۇ . ئەمما ئەركەك كېسەللەر، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆزلىشىش چەكلەنمەيدۇ . لېكىن ئاياللار يات ئەركەكلەر بىلەن سۆزلەشكەندە غىلجىڭلىق ۋە ئەركىلەشتىن قەتئى ساقلىنىشى لازىم، چۈنكى ئۇنداق بولمىغاندا بەزى ئەخلاقسىز كىشىلەر تۈرلۈك يامان خىياللاردا بولىشى مۇمكىن. بۇ ھۆكۈم پەقەت تىببى ساھەدىكىلەرگە خاس بولماستىن بەلكى بارلىق ئاياللارغا ئورتاقتۇر.

     2-تىببى بىلىم ئىلىش ياكى تەلىم بېرىش، كېسەل داۋالىتىش جەريانىدا مەھرەم بىلەن بىرگە بولىدىكەن بۇ ياخشى، ئەمما مەھرەم بولمايدىكەن گەرچە ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلسىمۇ توغرا بولمايدۇ . چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن» دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. يۇقىرىدا ئاياللارنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى ساقلاش تىببى بىلىم ئىلىش ياكى ئۆگىتىشتىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

      3- قىز-خانىملارنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىنى ئىگەللەش ياكى ئۆگىتىش، ئاياللارنى داۋالاش ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز ئىشەنچىلىك ئاياللار بىلەن بىرگە تۇرسا جايىز بولىدۇ . ئەمما يولدىشى ياكى مەھرىمى يوق، يالغۇزلۇقتا پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرىسە يالغۇز تۇرۇشى جايىز ئەمەس. ئەمما ئەرلەرنى داۋالاش زۆرۈر بولۇپ قالسا (يەنى ئەر دوختۇرلار بولمىغان ھالدا) كىسەل بىلەن يالغۇز قالمىغان ئاساستا داۋالاش ئىلىپ بارسا بولىدۇ.

(سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى 12178-بەت).

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. شەيخنىڭ سۆزى بۇ يەردە تۈگىدى.

پەتىۋاغا ئىلاۋە:

      (دېمەك؛ قېرىنداشلار! بۇ شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى، بىز قوبۇل قىلايلى ياكى قىلمايلى ھەقىقەت ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ پەتىۋانى ئىلان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر قىزلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىلاردا ئوقۇمىسۇن دېگەنلىك ئەمەس، ئەمما ئۇيغۇر قىز-خانىملىرىمىزنى پەقەت دۇنيالىقنىلا كۆزلىمەستىن ئاخىرەتنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ ھايات كەچۈرۈشىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، جەمئىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرگە دىنىمىزنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. شەرىئەت ھۆكمىگە ئەمەل قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسى شۇ كىشىنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە دىنى چۈشەنچىسى، مىللەتنىڭ چىقىش يولىنى ساغلام يۆلىنىش بىلەن تاللىشى ياكى يۈزەكى قارىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

       قىز-خانىملىرىمىز قايسى كەسىپتە تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن قەتئى نەزەر، ھەممىسىنىڭ نىيىتى ئىگىلىك تىكلەش ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت گۈزەل نىشانلار بىلەن ئوقۇۋاتقانلىقىدا گەپ يوق، ئەمما بىلىم ئىلىش ۋە تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ئۆتەش جەريانىدا سەپەر ئۇستىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلار ۋە ناچار ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقسىزلىقلىرى، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا مەمۇرىي كادىرلار ياكى ئۇستازلارنىڭ خىزمەتداش ۋ ە ئۆز قىز ئوقۇغۇچىلىرىغا كەسپى ئەخلاقتىن يىراق ھالدا سالاھىيەتلىرىگە تايىنىپ بىچارە- ئەقىلسىز دىلى يۇمشاق، ناتاۋان قىزلارنىڭ ئىززەت - ئابرۇيى بىلەن ئوينىشىدىغان شەخسىيەتچى ئادىمى شەيتانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يەنىلا ئىسلامىي پرىنسىپ بىلەن ئەخلاقلىنىشى تەقەززا قىلىنىدۇ.

       بەزىلەر ئۇنداقتا قىزلىرىمىز تەلىم-تەربىيە كۆرمەمدۇ؟ بىلىمسىز قالامدۇ؟ دېيىشى مۇمكىن، ئەكسىچە ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئىسلام دىنىمىز بىرىنچى بولۇپ بىلىم ئىلىش ۋە بىلىپ ئەمەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. قىزلىرىمىز يۇقىرى سەۋىيىلىك بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيىلىنىشى كېرەك، لېكىن ئىمان-ئەقىدىسى، ئىززەت ئابرۇيى، مىللى ئۆرپ-ئادىتىگە ئوخشاش ساقلاپ قىلىشقا تىگىشلىك بولغان مۇھىم ئامىللارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم.

       دىنىمىزدا قىز-ئوغۇل ئارىلىشىپ بىلىم ئىلىشىنى چەكلىگەن بولسا، قىزلار ئايرىم تەربىيىلىنىدىغان بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بەزىلەر بۇنداق شارائىت بىزدە بولمىسا قانداق قىلىمىز دېيىشى مۇمكىن؟، شارائىت ئۆزلىكىدىن يېتىلمەيدۇ، ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش دەپ ئولتۇرۇش دىنىمىزدا چەكلىنىدۇ . باشقا دۆلەتلەردىكى شۇنىڭغا ئوخشىغان شارائىتلار ئۆزلىكىدىن بارلىققا كېلىپ قالغان ئەمەس، شۇ ئوقۇش شارائىتىنى سىلەرگە ئوخشاش بىلىم-مەرىپەتكە قىزىقىدىغان، مىللەتكە چىقىش يولى ئىزدەشنى نىشان قىلغان، قەلبىدە ئىمان نۇرى چاقنايدىغان، خاسلىققا ئىنتىلىدىغان، مىللەتنىڭ كېلىچىكى دەپ قارىلىدىغان قىز-خانىملار كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئاللاھنىڭ دىنىغا توغرىلاپ، ئاللاھ رازىلىقىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ، شەيتانى ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمەستىن ئۆز ئىززەت ئابرۇيى بىلەن ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغانلىق سەۋەبى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ياردەمچى بولدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ . ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ،» [سۈرە تالاق 2-ئايەت].

        ئاللاھ تائالا قىز-خانىملىرىمىزغا ھىدايەت ئاتا قىلىپ، قەلبلىرىدە ئىمان نۇرىنى پارلاتسۇن!. ئۇلارغا ئىپپەت-ھايا ئاتا قىلسۇن. ئامىن................-مۇھەررىر-).



 
Go to the Top