هل أخت الزوجة تعتبر من المَحارم؟

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: هل أخت الزوجة تعتبر من المَحارم؟
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هل أخت الزوجة تعتبر من المحارم؟
تأريخ الإضافة: 2010-01-27
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/267524
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
مەن ئايالىمنىڭ سىڭلىسىغا مەھرەم بولالامدىم؟
497.5 KB
فتح: مەن ئايالىمنىڭ سىڭلىسىغا مەھرەم بولالامدىم؟.doc
2.
مەن ئايالىمنىڭ سىڭلىسىغا مەھرەم بولالامدىم؟
98.4 KB
فتح: مەن ئايالىمنىڭ سىڭلىسىغا مەھرەم بولالامدىم؟.pdf
نبذة موسعة

 

مەن ئايالىمنىڭ سىڭلىسىغا مەھرەم بولالامدىم؟

 

32689- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئايالىمنىڭ سىڭلىسى مەن ئۈچۈن مەھرەم ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.

ئەر كىشىگە نىسبەتەن ئايالىنىڭ سىڭلىسى يات ھېسابلىنىدۇ، ئۇ قىز بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈش، ئايرىم جايدا بىرگە تۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا باشقىچە قاراش توغرا بولمايدۇ.

بەزىلەر ئۇ قىز ھەدىسىنىڭ يولدىشى بىلەن توي قىلىشى دۇرۇس بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ھەدىسىنىڭ يولدىشى ئۇ قىز بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈشى، بىرگە تۇرۇشى ۋە قاراشلىرى دۇرۇس بولىدۇ دەيدۇ، بۇ خاتا چۈشەنچىدۇر. بۇ يەردىكى چەكلىمە ئەرنىڭ ئىككى ھەمشىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئەمرىگە ئېلىشى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، خۇددى ئەركىشى ئايالىنىڭ ھاممىلىرى بىلەن نىكاھلىنىشىنىڭ جايىز ئەمەسلىكىنىڭ ئوخشىشىدۇر. قۇرئان-كەرىمدە ئىككى ھەمشىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بىر كىشىنىڭ نىكاھىدا بولىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان، ئاللاھ تائالا نىكاھلىنىش چەكلەنگەن ئاياللارنى بايان قىلىپ: «ئىككى ھەمشىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى» دېگەن. [سۈرە نىسا 23-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ (دادىسىنىڭ ھەمشىرىسى ياكى ئانىسىنىڭ ھەمشىرىسى) بىلەن بىرگە بىرلا ۋاقىتتا بىر ئەرنىڭ ئەمرىدە بولىشىنى چەكلىگەن». [بۇخارىيدا 4821-نومۇرلۇق ۋە مۇسلىمدا 1408- نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلىنغان].

بۇ يەردىكى چەكلىمە ئىككى ھەمشىرىنى بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىغا ئىلىش بولۇپ، سىڭلىسى ھەدىسىنىڭ يولدىشىغا ئەبەدىي ھارام قىلىنمىغان.

پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىندىن: بىر قىز، تۇرمۇشلۇق بولغان ھەدىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ، ھەدىسىنىڭ يولدىشىدىن قاچمايدۇ. ھەدىسى يولدىشىم سىڭلىمغا نىسبەتەن ۋاقىتلىق ھارام قىلىنغان؟ دەيدۇ. بۇ توغرىمۇ؟  دەپ سورىغاندا، شەيخ: بۇ ئايالنىڭ مەن يولدۇشۇمنىڭ نىكاھىدا بولغان ۋاقىتتا يولدۇشۇمنىڭ سىڭلىم بىلەن توي قىلىشى توغرا ئەمەس. سىڭلىم يولدۇشۇمغا  ئەبەدىي ئەمەس بەلكى مەلۇم ۋاقىتقىچە ھارام قىلىنغان دېگەن چۈشەنچىسى توغرا چۈشەنچە ئەمەس. ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى مەلۇم ۋاقىتقىچىلىك توي قىلىشى چەكلەنگەن ئاياللارغا مەھرەم بولالمايدۇ.

مەھرەم دېگەن:  نەسەب تەرەپتىن(ئۇرۇغ-تۇغقان) ياكى دۇرۇس بولغان باشقا يوللار(كۈيئوغۇللۇق ۋە ئېمىلداشلىق) بىلەن توي قىلىشى ئەبەدىي دۇرۇس بولمايدىغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئاتىلىرىڭلار ئالغان ئاياللارنى ئالماڭلار، لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالغان بولساڭلار (ئەپۇ قىلىنىدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن يامان ئىشتۇر، ئۆچ كۆرۈلىدىغان قىلىقتۇر، بۇ نېمىدېگەن يامان ئادەت!. سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، سۈت ئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلداش ھەمشىرەڭلارنى، قېيىن ئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) ئۆيۈڭلاردا تەربىيىلەنگەن قىزلىرىنى (بۇ شەرت ئەمەس، ئۆيدە تەربىيىلەنمىگەن بولسىمۇ) ئېلىش ھارام قىلىندى. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولساڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنى ئالساڭلار ھېچ گۇناھ يوقتۇر، يەنە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان بالىلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلار ۋە ئىككى ھەمشىرىنى بىر ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى. لېكىن ئۆتكەنكىلەر (يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلار) ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە نىسا 22-23- ئايەتلەر]. ئاللاھ بۇ ئايەتتە ئاياللىرىڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرى دېمىدى، پەقەت ئىككى ھەمشىرىنى بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىغا ئىلىشنى چەكلىدى.

شۇنىڭغا ئاساسەن بىزنىڭ سىڭلىم بىلەن يولدۇشۇمنىڭ ئارىسىدا ۋاقىتلىق چەكلىمە بار دېگەن ئايالغا قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: بۇ سۆز توغرا ئەمەس، بۇ يەردىكى چەكلىمە ۋاقىتلىق چەكلىمە ئەمەس بەلكى ئىككى ھەمشىرىنى بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىغا ئىلىشتىن توسقان چەكلىمىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالامۇ قۇرئاندا:« ئىككى ھەمشىرىنى  بىرلا ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى»دېگەن.

ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار توپلىمى  2-توم 877-بەتكە قارالسۇن.


 

 

موضوعات متعلقة ( 1 )
Go to the Top