رمضان فرصة للتوبة

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: رمضان فرصة للتوبة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: خطبة ألقاها فضيلة الشيخ صلاح بن محمد البدير في المسجد النبوي 10/9/ 1421هجري، والتي تحدث فيها عن فضائل شهر رمضان وخصائصه، وأن رمضان فرصة لمن أراد التوبة والإنابة إلى الله تعالى، ومن أراد الفوز والنجاح في الدنيا والآخرة فعليه الامتثال بأوامر الله تعالى واتباع سنة رسوله صلى الله عليه وسلم.
تأريخ الإضافة: 2010-08-28
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/320692
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
رامىزان تەۋبە قىلىشقا ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر
879 KB
فتح: رامىزان تەۋبە قىلىشقا ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر.doc
2.
رامىزان تەۋبە قىلىشقا ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر
117 KB
فتح: رامىزان تەۋبە قىلىشقا ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر.pdf
نبذة موسعة

رامىزان تەۋبە قىلىشقا ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر

 

2010-يىلى 08-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە «رامىزان ئېيى چىقىپ كىتىشتىن بۇرۇن ئاللاھقا تەۋبە قىلىۋىلىشنىڭ ئەھمىيىتى» توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

دۇنيا تەبىئىيلىكى بىلەن، گۈزەل ۋە يېقىملىق ۋە باياشات بولسىمۇ، ئاخىرى چېكى يوق بولۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، دۇنيادا ھېچ كىشى مەڭگۈ قالمايدۇ، كۈنلەر تىز ئۆتەۋاتىدۇ، ئايلار بىر-بىرىگە ئەگىشىپ كېلىۋاتىدۇ، يىللار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ تۇرىدۇ. دۇنيا ۋاقىتلىق ماكان بولۇپ، ياخشى ۋە ناچار، كاپىر ۋە مۇسۇلمان ھەرقانداق ئىنسان مەلۇم مۇددەتتىن كىيىن بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. ئاللاھغا تايانغان ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلغان كىشى توغرا يولغا باشلىنىدۇ ۋە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نەتىجە قازىنىدۇ.

ئۆزىنى ئەۋلادلىرىنى، ئاياللىرىنى يامانلىققا ئىلىپ بارىدىغان ۋاسىتىلەردىن، ۋەيرانچىلىقتىن، رەسۋالىق ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ قىلىشتىن  ساقلىنىشقا تىرىشقان كىشىلەرگە مۇبارەك بولسۇن!.

رامىزان ئېيى ئەمەللەر قوبۇل قىلىنىدىغان، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدىغان، گۇناھكارلار دوزاختىن ئازات قىلىنىدىغان، سېخىلىق ۋە بەرىكەتكە تولغان ئايدۇر.

مۇسۇلمانلار بۇ ئاينى غەنىمەت بىلىپ، قەتئى ئىرادە بىلەن تەۋرەنمەستىن ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا ئاتلىنىشى كېرەك. تىرىشچان ۋە ئىرادىلىك كىشى چوقۇم ئۇتۇق قازىنىدۇ. سەۋرچان كىشى مەقسەتكە يېتىدۇ. ھورۇنلۇقنى داۋاملاشتۇرغان كىشىنىڭ بارلىق ئارزۇلىرى بەربات بولۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا ئۇتۇق قازىنالمايدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر.

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزاندا ئەمەل-ئىبادەتكە باشقا ۋاقىتتىن بەكراق تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتى».

رامىزان ئەمەللەر قوبۇل قىلىنىدىغان، رەھمەت ۋە مەغپىرەت مەۋسۇمىدۇر. بۇ ئايدا مۇسۇلمانلارنىڭ تائەت-ئىبادەت ۋە خەير-ساخاۋەتلىرىنى كۆرگەن شەيتانلار ئۈمىدسىزلىنىدۇ. بۇ ياخشىلىق ئېيى بولۇپ ياخشىلىقنى ياقتۇرىدىغانلار ئۈچۈن پۇرسەتتۇر. ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىشنىڭ ئېيى بولۇپ، بۇ ئايدا مۇسۇلمانلار رەھمەتكە چۆمىدۇ، مەغپىرەتكە قانىدۇ ۋە ئىمانىنىڭ مۇستەھكەملەشكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

ئىنسان قەبرىگە قويۇلۇشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى لازىم. ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ رامىزاننىڭ شاراپىتىدىن بەھرى ئالالمايۋاتقان كىشىلەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئاللاھنىڭ رەھمەت-مەغپىرىتىگە ئېرىشىشكە تىرىشىش ئارقىلىق، تەۋبە قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان پەزىلەتنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن.

بۇ مۇبارەك ئايدا گۇناھنىڭ كىرلىرىنى تەۋبە بۇلىقىدا يۇيۇپ خاتالىقتىن پاك بولغانلارغا مۇبارەك!.

گۇناھ-مەسىيەتكە باغلانغان، خارلىققا قاپسىلىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىز! بۇ ئايدا گۇناھقا باغلىنىپ قالغانلار قۇتۇلدۇرىلىدۇ، جىنايەتچىلەر ئازات قىلىنىدۇ، خاتالىق سادىر قىلغۇچىلار ئەپۇ قىلىنىدۇ، رامىزان ئېيى چىقىپ كېتىپ كەچۈرۈم قىلىنىش ۋە ئەپۇ قىلىنىشقا ئېرىشەلمىگەن بەختسىزلەردىن بولۇپ قىلىشتىن ھەزەر قىلايلى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھازىر جەبرائىل ئەلەيھىسسالام مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ: رامىزاندا ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشەلمەي دوزاخقا كېرىپ كېتىدىغان كىشىلەرنى بىزدىن يىراق قىلسۇن دەپ، مېنى ئامىن دېگىن دېگەنتى، مەن ئامىن دېدىم، دەيدۇ».

مۇسۇلمانلار بۇ مۇبارەك ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىشى، ئورنىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىكى ۋە ئېسىللىكىگە داغ تەككۈزمەسلىكى لازىم. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يالغان سۆزلەپ ۋە شۇ بويىچە ئىش-ھەرىكەت قىلىشنى تاشلىمىغان كىشىنىڭ يېمەي-ئىچمەي تۇتقان روزىسىغا ئاللاھنىڭ ھېچ ئېھتىياجى يوق». مۇسۇلمانلار بۇ ئاينىڭ ھەر سائەت، ھەر مىنۇتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ قۇرئان-كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش، مەنىلىرىنى ئويلىنىش ۋە ۋەقەلىكلەردىن ئىبرەت ئىلىشى كېرەك. بۇ ئايدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن  ئاللاھقا يۈزلىنىپ بۇ ئاينى گۇناھلاردىن پاك بولغان، روھانىيەت كۈچلانغان ھالەتتە ئاخىرلاشتۇرۇش لازىم.

بۇ ئايدا ئالى ھىممەت ۋە كەسكىن ئىرادە بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىش ئارقىلىق ھەقىقى بەخت تاپقان كىشىگە مۇبارەك!

بۇ ئاي  كىشىلەرگە خەير-ئېھسان ۋە ياخشىلىقلارنى كۆپ قىلىدىغان ئاي بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇ ئايدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، كېسەللىك ۋە تۈرلۈك قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىنى ئەسلەش ۋە ئۇلارغا قولىدىن كېلىشچە ياردەمدە بولىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئەڭ ياخشى سەدىقە رامىزاندا قىلىنغان سەدىقىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ئەڭ سېخىلىرىدىن ئىدى، بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدا جەبرائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئاجايىپ بەك سېخىيلىشىپ كېتەتتى.

مۇسۇلمانلار بۇ ئايدا رامىزاننىڭ ئالامەتلىرىنى تۇرغۇزۇش، شەرئى ۋاجىباتلار، سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان سۈننەتلەر ۋە ئەدەپ-قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك. ئىپتارنى دەل ۋاقتىدا قىلغان كىشىلەر دائىم ياخشىلىقتا بولغان بولىدۇ.    

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇشتىن بۇرۇن ھۆل خورمىدا، ھۆل خورما بولمىسا قۇرۇق خورمىدا، ئۇمۇ بولمىسا سۇ بىلەن ئىپتار قىلاتتى. ئىپتار قىلغاندا: «ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار نەمدەلدى، ئاللاھ خالىسا ئەجىر بېكىتىلدى» دېگەن سۆزلەرنى دەيتتى.

رامىزاندا ئۇنتۇلۇپ قىلىپ بىر نەرسە يېگەن-ئىچكەن كىشى روزىسىنى داۋاملاشتۇرسۇن، بۇ كىشىگە ئاللاھ يېمەك-ئىچمەك ئاتا قىلدى، بۇ كىشىگە قازاسىنى قىلىش ۋە كاپارەت بېرىش كەتمەيدۇ. روزىدار تۇرۇپ قەي قىلغان كىشىگە روزىنىڭ قازاسى كەلمەيدۇ، لېكىن مۇمكىن بولسا قازاسىنى قىلغىنى ياخشى. ئېھتىلام بولغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ، ئەمما قولى بىلەن ئانانىزم قىلغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. رامىزاندا ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئىمام بىلەن بىرگە نامازنى ئاخىرلاشتۇرغان كىشىگە بىر كېچە قىيامدا تۇرغاننىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ. روزا تۇتقۇچىنى ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا روزا تۇتقۇچىغا ئوخشاش ساۋاپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسىنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ. سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈنىدە باشقىلار بىلەن ئۇرۇش-جېدەل قىلمىسۇن، ئەگەر بىرسى ئۇنى تىللىسا ياكى دەشنام قىلسا مەن روزىدار دېسۇن. روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ رامزاننىڭ ھەر كېچىسى دوزاخ ئەھلىدىن نۇرغۇن كىشىنى ئازات قىلىدۇ. رامىزاندا ئۆمرە قىلسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھەج قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ.

بۇ مۇبارەك ئايدا ئاللاھ ھەممەيلەننى گۇناھ-مەسىيەتتىن پاك، ئەپۇ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن.

(رامىزان ئېيىنى تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىمانىنى تاۋلاۋاتقان ۋە رامىزاندىن كېيىنمۇ بۇ ئالى روھ بىلەن ياشاشقا بەل باغلىغان، ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۇستۇن بىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىغا مۇبارەك!-م-).


 

Go to the Top