الغش والخداع

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: الغش والخداع
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: خطبة ألقاها فضيلة الشيخ الدكتور عبد الرحمن بن عبد العزيز السديس في المسجد الحرام بمكة المكرمة 13/7/1431 هجري، والتي تحدث فيها عن أعظم ما يقوض المعالم الحضارية، وهوالغش والخداع، لإخلاله لنظام الأمن التجاري والأمر التعاملي، وتشويه إشراقة المجتمع المتراحم.
تأريخ الإضافة: 2010-07-04
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/314435
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى
361.5 KB
فتح: ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى.doc
2.
ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى
122.6 KB
فتح: ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى.pdf
نبذة موسعة

ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى

 

2010-يىلى 06-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"كۆز بويامچىلىق، ئالدامچىلىق ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك ئاپەتتۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

مۇبارەك شەرىئىتىمىزنىڭ ئاساسىي غايىسى مىللەتلەرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. شەرىئەت ئىنسانلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى تازىلاش، مەنىۋىيىتىنى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ئاساستا ئىسلام شەرىئىتى مەسچىتلەردىن ئىبارەت ئىبادەت ئورۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. ھەرقانداق بىر مىللەت شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىدىكەن، دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىدۇ. كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىشى يۈكسىلىشكە باشلايدۇ. ئەۋلادلارنى ئىخلاس بىلەن تەربىيىلەپ، ساغلام ئاڭ ۋە ئۇقۇم بىلەن مىللەتنىڭ ئېھتىياجى بولىۋاتقان پەنلەردە بىلىم ئىلىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇش مۇمكىن بولىدۇ. باشقىلارغا تەرەققىيات ۋە ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسىلىشىگە ئۆرنەك بولغاندىن تاشقىرى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ.

مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەخلاقى مەۋجۇتلۇقىنى ۋەيران قىلىدىغان بەزى  ئامىللار بولۇپ، ئەڭ خەتەرلىكى كۆز بويامچىلىق ۋە ئالدامچىلىق جىنايىتىدۇر. ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنى بۇنىڭغا ئوخشىغان رەزىل قىلمىشلاردىن يىراق قىلسۇن ئامىن.

 ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كۆز بويامچىلىق جىنايىتىنىڭ يامان ئىللەت ئىكەنلىكىنى تەنقىدلىگەن.كۆز بويامچىلىق، يىمىرىلمەس مۇستەھكەم جەمئىيەتنى يىلتىزىدىن يۇلۇپ تاشلايدىغان ئاپەتتۇر. كۆز بويامچىلار دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي! ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ» [سۈرە مۇتەففىفىن1-5 ئايەتلەر].

مەزكۇر ئايىتى كەرىمەدىن مەلۇمكى، ئىنسانلار مەيلى جىڭ(كىلو)دا ئالداش بولسۇن، مەيلى كۆكتات، مېۋە بازارلىرىدا بىز كۈندە ئۇچرىتىۋاتقاندەك مېۋىنىڭ ياخشىلىرىنى ئۈستىگە ناچارلىرىنى ئاستىغا تىزىشتەك كۆز بويامچىلىق ۋە ئالدامچىلىقلار بولسۇن كەسكىن ھارام ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. مۇئامىلىدە ئالدامچىلىق بولسا، خېرىدارنى ئالداپ مالنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەتمەستىن سېتىۋېلىش بولۇپ، بۇمۇ ئېغىر جىنايەتتۇر. بىز باشتا دەپ ئۆتكەندەك، بۇنداق ئەھۋاللار بازارلاردا كەڭ دائىرىدە ئۇچرايدۇ. ھەتتاكى، كۆز بويامچىلار بۇ قىلمىشلىرى ئارقىلىق خىرىدارنىمۇ ئۆزلىرىنىمۇ ئالداپ كۆندۈرۈپ قويغان، ھېچكىشى بازارلاردىكى كۆز بويامچىلىققا قارىتا پەرۋا قىلمايدىغان دەرىجىگە كېلىپ قالغان. ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئاللاھتىن قورقمايدىغان تىجارەتچىلەر ماللارنىڭ ئىچىگە يامانلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئەيىبىنى يۇشۇرۇپ ساتىدىغان ئەھۋاللار تولىمۇ ئېغىر. يەنە كېلىپ بەزى تىجارەت ئورۇنلىرى خەلقنى ئالداپ 50% ۋە 80% باھاسىنى چۈشۈردۇق دېگەن ئىلانلارنى تارقىتىپ خېرىدارلارنى قىزىقتۇرىدۇ. ھەقىقەتتە بۇنداق قىلغانلىق خېرىدارلارنى ئالدىغانلىقتۇر. ئەسلىدە ھېلىقى ماللار ئۆز باھاسىدا سېتىلغاندا خېرىدارنىڭ ساددىلىقىدىن پايدىلىنىپ ھەسسىلەپ پايدا ئالغان، كېيىن بازار سۇغۇپ قالغاندا 80% باھاسىنى چۈشۈردۇق دەپ قويۇپ ئەقەللىسى 10-20% پايدىغا مالنى ساتىدۇ. بۇنداق قىلمىشلار ھەقىقىي كۆز بويامچىلىقتۇر. بەزى ئىنسانلار ماللىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن يالغاندىن قەسەم قىلىپ، ئانچە پۇلغا ئالغان-مۇنچە پۇلغا ئالغان دەپ خېرىدارنى ئىشەندۈرىدۇ. ئەمما مەزكۇر تىجارەتچى ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن غاپىل ھالدا يالغانچىلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ-دە ئۇنىڭدىن بەرىكەتنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە كۈتۈلمىگەن ئاپەتلەرگە يولۇقۇپ تۈگىشىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مالنى قەسەم ئىچىپ سېتىش مالنىڭ سېتىلىشىغا سەۋەپ بولغان بىلەن بەرىكەتنى كەتكۈزىدۇ».

ئالدامچىلىق بىلەن مال ساتىدىغان تىجارەتچىنىڭ جامائەت ئارىسىدا ئىناۋىتى بولمايدۇ ۋە ھاياتى راھەتسىزلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ.

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «تىجارەتچى خېرىدارغا مالنىڭ ئەيىبىنى ئاشكارىلاپ، ئالغۇچىمۇ ئەيىبىنى كۆرۈپ سودىلاشسا ئۇلارنىڭ سودىسىدا بەرىكەت بولىدۇ» دېگەن. راستچىل تىجارەتچىگە شۇنداق ئۇلۇغ بىشارەت بېرىلگەنكى: «راستچىل تىجارەتچى قىيامەتتە پەيغەمبەرلەر، ياخشى كىشىلەر ۋە شېھىتلار بىلەن بىر سەپتە بولىدۇ».[تىرمىزى رىۋايىتى]. ئابدىرەھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قانداق باي بولدۇڭ دەپ سورالغاندا: "كەلگەن پايدىنى قەتئىي قايتۇرمىدىم، مالنىڭ ئەيىبىنى قەتئىي يوشۇرمىدىم" دېگەنىكەن.

ھازىرقى زاماندا بەزى ئىنسانلار كۆز بويامچىلىق، ئالدامچىلىقنى ھوشيارلىق، دانالىق دەپ قارايدىكەن، بۇ قانداقمۇ دانالىق بولسۇن.

كۆز بويامچىلىق، ئالدامچىلىق بولسا، ئىنسان مەنىۋىيىتى چۈشكۈنلەشكەندە، رەزىللەشكەندە يۈز بېرىدىغان ئەھۋالدۇر. ئالدامچىنىڭ قەلبىدە مېھىر-شەپقەت بولمايدۇ.

ئې كۆز بويامچىلىق قىلغانلار! بىلىڭلاركى، باشقىلارنىڭ كۆزىنى بوياپ تاپقان مالنى ئۆزۈڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى بالىلىرىڭلارغا يېگۈزۈش ھارامدۇر. ئې مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ئەۋلاتلىرىڭلارغا ھارام لوقما يىگۈزمەڭلار! ئەمىرىلمۆمىنىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىر ئايالنىڭ قىزى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى ئاڭلىغان قىسسە ھەممىگە مەشھۇر. بۇ ۋەقەلىكتە: بىر ئايال قىزىنى ساتىدىغان سۈتكە سۇ ئارىلاشتۇرۇشقا بۇيرىغاندا قىزى ئانىسىنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىپ بۇنداق قىلىشنىڭ ئالدامچىلىقتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر بۇنداق قىلىشتىن توسقان دېسە، ئانا: ئۆمەر بىزنى كۆرەتتىمۇ دېگەندە، مۇبارەك قىز ئانىسىنىڭ يۈزىگە ۋارقىراپ: ئۆمەر كۆرمىسە ئۆمەرنىڭ پەرۋەردىگارى كۆرمەمدۇ؟! دېگەن. ئەنە شۇ شەرەپلىك قىز ياخشى تەربىيەنىڭ نەتىجىسىدە 5- خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنى تۇغقان.

 دەر ھەقىقەت ئالدامچىلىق، كۆز بويامچىلىق سودا- مۇئامىلە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئەقىدە، ئىبادەتلەردىمۇ يۈز بېرىدۇ. دىننىڭ ئاساسى بولغان ئەقىدە، ئىبادەتلەرنى ئىخلاس بىلەن قىلماسلىق ئۆزىنى ئالدىغانلىقتۇر. ئالدامچىلىقنىڭ ئەڭ يامىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر پۇقرالارنىڭ كۆزىنى بوياپ، ئامانەتلىرىنى بىھۇدە ۋەيران قىلىۋېتىشتا تېپىلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ قانداق بەندىگە پۇقرالارنىڭ خىزمىتىنى تاپشۇرسا، ئۇ پۇقرالارنى ئالدىغان ھالدا قەبزى روھ قىلىنسا ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

بۇ پرىنسىپ يالغۇز ئىلىم-سېتىم، باشلىق بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىدا بولماستىن ۋەقفىلەرگە مەسئۇل بولغان نازىرلاردا، ئائىلىدىكى ئاتا-ئانىلاردا، ئىدارە- جەمئىيەتلەردىكى مەسئۇللاردا، باشلىقلاردا، خىزمەتچىلەردە  تېپىلىدۇ. كىمكى ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماستىن باشقىلارنى ئالداشقا تىرىشىدىكەن ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك. ئەينى ۋاقىتتا مىللەتنىڭ ئەپكارىنى قايمۇقتۇرىدىغان، پىتنە پەيدا قىلىدىغان، پىتنىگە سەۋەپ بولىدىغان پەتىۋالارنى بېرىش كۆز بويامچىلىقتۇر. كۆز بويامچىلىقنىڭ ئىنتايىن كەڭ ئۇقۇملۇق سۆز بولۇپ، ئاياللارنى پەردىنى تاشلاپ رەستىلەرگە چىقىشقا تەرغىپ قىلىش، ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىشقا تەشەببۇس قىلىشتەك ئىشلارمۇ كۆز بويامچىلىقتۇر. بىز بۇ كۈنلەردە ئىمتىھان زامانىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئاللاھتىن قورقۇشى، نىيەتنى خالىس قىلىش ئارقىلىق پاك كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن قارىشى، ئىمتىھانلاردا كۆز بويامچىلىق قىلماسلىقى كېرەك. ئىمتىھاندا باشقىلاردىن كۆچۈرۈش چوڭ خىيانەتتۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئۇستازلار، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىمتىھانلارنى تەكشۈرۈشتە ئاللاھتىن قورقۇشى لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇپ توغرا دەرىجە قويىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

يازلىق تەتىل مەزگىلدە ياشلار ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزمەستىن دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشى، بىلىم- سەۋىيىسىنى ئاشۇرىدىغان كۇرسلارغا قاتنىشىشى، دىن ۋە مىللەت، ۋەتەنگە پايدىلىق، ياراملىق ئىنسان بولۇشقا تىرىشىشى لازىم.

ئاللاھ ھەممىمىزنى راستچىل مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن.


 

الترجمات ( 1 )
Go to the Top