هل يصوم مع بلده أو مع أي بلد رأى الهلال؟

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: هل يصوم مع بلده أو مع أي بلد رأى الهلال؟
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: ماذا أفعل لو رؤي الهلال في بعض الدول الإسلامية ، ولكن الدولة التي أعمل بها أتمت شهر شعبان ورمضان ثلاثين يوماً ؟ وما السبب في اختلاف الناس في رمضان ؟
تأريخ الإضافة: 2010-06-02
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/310117
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
يۇرت ئەھلى بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتامدۇ ياكى باشقا دۆلەتتە رامىزان ئېيىنى كۆرگەنلەر بىلەن روزا تۇتسىمۇ بولامدۇ؟
594.5 KB
فتح: يۇرت ئەھلى بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتامدۇ ياكى باشقا دۆلەتتە رامىزان ئېيىنى كۆرگەنلەر بىلەن روزا تۇتسىمۇ بولامدۇ؟.doc
2.
يۇرت ئەھلى بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتامدۇ ياكى باشقا دۆلەتتە رامىزان ئېيىنى كۆرگەنلەر بىلەن روزا تۇتسىمۇ بولامدۇ؟
95.5 KB
فتح: يۇرت ئەھلى بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتامدۇ ياكى باشقا دۆلەتتە رامىزان ئېيىنى كۆرگەنلەر بىلەن روزا تۇتسىمۇ بولامدۇ؟.pdf
نبذة موسعة

 

يۇرت ئەھلى بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتامدۇ ياكى باشقا دۆلەتتە رامىزان ئېيىنى كۆرگەنلەر بىلەن روزا تۇتسىمۇ بولامدۇ؟

 

106487- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئاي كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن مەن ياشاۋاتقان دۆلەتتە شەئبان ۋە رامىزان ئايلىرىنى 30 كۈن تولۇقلايدۇ، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟كىشىلەرنىڭ رامىزان توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا بولسۇن.

سىز ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە بولۇڭ، ئۇلار روزا تۇتسا بىرلىكتە روزا تۇتۇڭ، ئېغىز ئاچسا بىرلىكتە ئېغىز ئېچىڭ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «روزا تۇتۇش كىشىلەر روزا تۇتقان كۈنىدە، ئېغىز ئېچىش كىشىلەر ئېغىز ئاچقان كۈنىدە، قۇربان ھېيت كىشىلەر قۇربانلىق قىلغان كۈنىدە بولىدۇ»دېگەن. ئىختىلاپ قىلىش ياخشى ئەمەس. سىز ئۆز رايونىڭىزدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە بولىشىڭىز كېرەك. ئۇلار روزا تۇتسا بىرلىكتە روزا تۇتۇڭ، ئېغىز ئاچسا بىرلىكتە ئېغىز ئىچىڭ.

ئىختىلاپنىڭ سەۋەبى: بەزى كىشىلەر ئاي كۆرگەن يەنە بەزى كىشىلەر ئاي كۆرمىگەن. ئاندىن كېيىن ئاي كۆردۇق دېگەنلەرگە ئىشەنچ قىلغانلار ئۇلار بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتىدۇ، ئىشەنچ قىلالمىغانلار روزا تۇتمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىختىلاپ يۈزبېرىدۇ. بەزى دۆلەتتە ئاي كۆرۈلسە ئۇلار شۇنىڭ بىلەن روزا تۇتىدۇ ياكى ئېغىز ئاچىدۇ. باشقا ئاي كۆرۈلمىگەن دۆلەتلەر ئاي كۆرگەن دۆلەتلەرگە ئىشەنچ قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قارىشىغا قانائەت قىلمايدۇ. بۇ سىياسى ياكى باشقا سەۋەبلەردىن بولىشى مۇمكىن.

ئەسلى ئاي كۆرۈلگەندە  مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە روزا تۇتۇشى ۋە ياكى بىرلىكتە ئېغىز ئىچىشى زۆرۈر. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار ۋە ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئىچىڭلار، ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولۇپ قالسا 30 كۈننى تولۇقلاڭلار» دېگەن سۆزى ئومۇمغا قىلىنغان سۆزدۇر.

ئاي كۆرۈلگەنلىكىگە ھەممەيلەن ئىشەنچ قىلىدىكەن، بۇ ھەقىقى ئىسپاتلىنىش بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەننىڭ روزا تۇتۇشى ۋە ئېغىز ئىچىشى زۆرۈردۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىختىلاپ قىلىشى بەزىسىنىڭ بەزىسىگە ئىشەنچ قىلمىغانلىقىدىندۇر.

سىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «روزا تۇتۇش كىشىلەر روزا تۇتقان كۈنىدە، ئېغىز ئېچىش كىشىلەر ئېغىز ئاچقان كۈنىدە، قۇربان ھېيت كىشىلەر قۇربانلىق قىلغان كۈنىدە بولىدۇ»دېگەن سۆزىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆز رايونىڭىزدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتىشىڭىز ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئېغىز ئىچىشىڭىز كېرەك.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇنىڭ خىزمەتچىسى كۈرەيب  شام (ھازىرقى سۈرىيە) رايونىدا جۈمە كۈنىدە روزا تۇتقانلىقى توغرىسىدا ئىبنى ئابباسقا خەۋەر بەرگەندە، ئىبنى ئابباس: بىز شەنبە كۈنىدە ئاي كۆردۇق ھەتتا يەنە بىر ئاينى كۆرگۈچە روزا تۇتىمىز ياكى 30 كۈننى تولۇقلايمىز دېدى. شام بىلەن مەدىنىنىڭ ئارىلىقىنىڭ يىراقلىقى ۋە ئاينىڭ ئىككى دىياردىكى كۆتۈرۈلۈش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن شام دىيارىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاي كۆرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋىرىگە ئەمەل قىلمىدى. بۇنى ئۆلىمالار تېرىشىپ ھۆكۈم قىلىدىغان مەسىلە دەپ قارىدى.

سىز ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇنى بۇ مەسىلىدە ئۈلگە قىلىپ، ئۆز دىيارىڭىزدىكى كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتۇڭ ياكى بىرلىكتە ئېغىز ئىچىڭ دېگەن ئۆلىمالارنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلسىڭىز بولىدۇ. ئاللاھ سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 15- توم  100-102- بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.


 

Go to the Top