ضوابط التعامل بعد الطلاق

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: ضوابط التعامل بعد الطلاق
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: ضوابط التعامل بعد الطلاق: خطبةٌ ألقاها فضيلة الشيخ حسين بن عبد العزيز آل الشيخ - حفظه الله - في المسجد النبوي يوم الجمعة 19/ 3/ 1431 هـ، وتحدَّث فيها عن ضوابط التعامل بعد الطلاق، وحثَّ في خطبته على التعامل بالإحسان وعدم الظلم من كلا الطرفين، سواء في النفقة، أو إهمال الأطفال، وذكر الأدلة من الكتاب والسنة على ذلك.
تأريخ الإضافة: 2010-03-08
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/283757
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
تالاقتىن كېيىن زۇلۇم قىلماسلىق كېرەك
372.5 KB
فتح: تالاقتىن كېيىن زۇلۇم قىلماسلىق كېرەك.doc
2.
تالاقتىن كېيىن زۇلۇم قىلماسلىق كېرەك
143.1 KB
فتح: تالاقتىن كېيىن زۇلۇم قىلماسلىق كېرەك.pdf
نبذة موسعة

 

تالاقتىن كېيىن زۇلۇم قىلماسلىق كېرەك

 

2009-يىلى 03- ئاينىڭ 05- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە نامىزى ئۈچۈن ھازىر بولغان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە سالام بېرىپ، ئاللاھنى ماختاپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كېيىن " ئاياللارنى تالاق قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇلارغا زۇلۇم  قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى ئەمەس" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئەرلەرنىڭ تالاق قىلغاندىن كېيىنمۇ ئاياللارغا زۇلۇم  قىلىشى يىرگىنىشلىك قىلمىش ۋە ناچار ئادەت بولۇپ، بۇ قىلمىشنى ئېسىل-ئەخلاق، ساغلام تەبىئەت ياقتۇرمايدۇ ۋە جۈملىدىن ئىسلام پرىنسىپى رەت قىلىدۇ . بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مېھر تەيىنلەپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىڭلار، ئەمما ئاياللار ئۆتۈنسە (يەنى مەھرىدىن ۋاز كېچىپ پۈتۈنلەي ئالمىسا) ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆتۈنسە (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بەرسە)، شۇ بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. سىلەر ئۆتۈنسەڭلار، (ئۆتۈنگەن ئادەم) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆز- ئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغىچىدۇر».

ئايەتنىڭ تەپسىرىدە: ئاياللارغا كۆيۈنۈش، مېھرى-شەپقەت قىلىش، ياخشىلىق ۋە ئېھسان قىلىشقا ۋە گۈزەل ئۇسلۇبتا مۇئامىلە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئىپادىلىنىدۇ.

ئاياللارنى تالاق قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئەرلەردىن سادىر بولىدىغان نۇرغۇن قىلىقلار بولۇپ، بۇ ئوپ-ئوچۇق زۇلۇمدۇر، ئاللاھ بۇنداق چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمدىن ئاگاھلاندۇرغان، باشقىلارغا ئازار-كۈلپەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەركەت قىلىش، جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇش ئاللاھنىڭ قانۇنىدا ھارام قىلىنغان ئىشلاردىندۇر .

« شەرئى پرىنسىپنى قوللىنىشتا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشتىن چەكلەش » ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئاساسلىق پىقھى قائىدىلىرىدىن بولۇپ، تالاقتىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ يەنە بىرىگە زىيان يەتكۈزۈشى ياكى ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەتكە سەل قارىشى قاتارلىق ئىشلار چەكلەنگەن .  ئىسلام ئىنساننىڭ بارلىق كىشىلەر بىلەن مۇئامىلىدە ئادىللىق قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنداق بولغان ئىكەن ئىلگىرى ئەر-ئاياللىق ئالاقىسى بولغانلار بىلەن بولغان مۇئامىلىسى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولىشى كېرەك.

بولار ئىش بولدى، ئەمدى تالاقتىن كېيىن مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش ھەممىدىن مۇھىم. ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى تالاق قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇلارغا قىلغان بەزى زۇلۇملىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن ئەر-ئاياللار، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىشى ئۈچۈن تالاقنى يولغا قويۇشىنىڭ  ھىكمەت بىلەن بولغانلىقىنى بىلىشى، ئارىلىقتا قالغان ئەۋلادلارغا تىنچ-خاتىرجەم ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇھىتى، قەلبىگە مېھرى-مۇھەببەت، ئارامچىلىق ھازىرلاپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى . ئەر-ئايال ئارىسىدا گەرچە تالاق قىلىنىش يۈزبەرگەن بولسىمۇ پەرزەنتلەرنى ياراملىق تەربىيىلەش ئۈچۈن بولغان ئورتاق مەنپەئەت ئۈچۈن ھەمكارلىشىش، بىرىنىڭ خىزمىتىنى يەنە بىرىنىڭ تولۇقلىشى، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش، ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش، پەرزەنتلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى بىخەتەرلىكى ۋە كېلىچەك ئىستىقبالىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئورتاق ئائىلىۋى سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، چۈنكى ئەر-ئايالنىڭ چۈشەنچىسى بىربىرىگە مۇۋاپىق كېلىش ئاساسىدا پەرزەنتلەر ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ . بۇ پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىنى ئېھتىرام قىلىشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ.

تالاقتىن كېيىن شەكىللىنىدىغان زۇلۇمنىڭ شەكىللىرىدىن: ئەر-ئايال ئىككىسى بىر - بىرىنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈشى، بىر-بىرىنى مەسخىرە قىلىشى، پەرزەنتلەرگە ئاڭلىتىپ تۇرۇپ ئىززەت-ھۆرمىتىنى تۆكۈشى، بىر-بىرىنىڭ ئەڭ ناچار ئىنسان ئىكەنلىكىنى كۆرگەنكى ئادەملەرگە سۆزلەپ يۇرۇشى قاتارلىقلاردۇر. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار سەۋەبىدىن پەرزەنتلەرنىڭ قەلبى جاراھەتلىنىدۇ، كۆڭلى ئازابلىنىدۇ گەرچە ئۇلار بۇنى ئېغىزىدىن چىقارمىسىمۇ، بۇمۇ ئوپ-ئوچۇق زۇلۇمدۇر . بۇنىڭدىنمۇ ئېغىرراق بولغىنى، بەزى ئەرلەر  پەرزەنتلەرنى ئۇرۇش-تىللاش، ھاقارەت قېلىش، تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن كۆڭلىگە ئازار بېرىش ئارقىلىق تالاق قىلىۋەتكەن ئايالىدىن ئىنتىقام ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ . بۇ ھازىرقى ۋاقىتتا ئائىلىدىكى قوپال مۇئامىلە دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ شەرىئەت قانۇنىدىمۇ، ئەقلى ۋە ئۆرپ-ئادەتتىمۇ چەكلەنگەن ئىش بولۇپ، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئاتىلاردىن بىۋاستە ياكى ئۇلارنىڭ رۇخسىتى، سۈكۈت قىلىشى ۋە رازى بولىشى ئارقىلىق ئۆگەي ئانىلاردىن يۈز بەرسۇن ئوخشاشتۇر.

ئاللاھ ھەممەيلەننى بۇنداق قىلمىشتىن ساقلىسۇن.      


 

 

الترجمات ( 1 )
Go to the Top