رسالة إلى الجنود المرابطين

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: رسالة إلى الجنود المرابطين
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: خطبة جمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ صلاح بن محمد البدير 14/ 2/ 1431-هجري، تحدث فضيلته عن أمن الوطن وأهميته ، ووجه رسالة إلى الجنود المرابطين على الحدود، والحفاظ على أمن واستقرار الوطن مسؤولية الجميع ، يجب على المسلم عن يدافع عن بلده من التلاعب والتخريب الخارجي .
تأريخ الإضافة: 2010-02-01
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/268773
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئىسلامدا ۋەتەنپەرلىك روھى
822.5 KB
فتح: ئىسلامدا ۋەتەنپەرلىك روھى.doc
2.
ئىسلامدا ۋەتەنپەرلىك روھى
115.3 KB
فتح: ئىسلامدا ۋەتەنپەرلىك روھى.pdf
نبذة موسعة

 

ئىسلامدا ۋەتەنپەرلىك روھى

 

2009-يىلى 01-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە، "ئىسلام دىنى، باشقىلارغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ۋە زېمىنىنى بېسىۋېلىشقا ئوخشاش زوراۋانلىقلارغا قارشى تۇرىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:  

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ھەددىدىن ئېشىش ۋە كىشىلەرگە تاجاۋۇزچىلىق قىلىشنى ھارام قىلدى. كەمتەر بولۇش، باشقىلاردىن ئۆزىنى چوڭ تۇتماسلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىق قىلماسلىققا تەۋسىيە قىلدى.

ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە مۇسۇلمانلار، كاپىرلار ۋە مىللى مۇناپىقلارنىڭ ھەسەت قىلىدىغان ۋە ئازار يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدىغان نىشانى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئىككى ھەرەم ئورۇنلاشقان، ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان، ئىلاھى ۋەھىيىنىڭ چۈشۈش ئورنى، ئەقىدىنىڭ مەركىزى ۋە ئىماننىڭ قايتىدىغان جايى، ئىسلامنىڭ مۇقەددەس ئورنى، شەرىئەت پرىنسىپى ئىجرا قىلىنىۋاتقان، تىنچ-خاتىرجەملىك ئومۇملاشقان، ئىسلامنى كۈچلاندۇرۇش ۋە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغۇچى ئىنسانلارغا تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىۋاتقان ئەرەبىستان دۆلىتى ھەسەت قىلغۇچىلارنىڭ نىشانى بولۇپ قالدى.

بىر بۆلەك ئازغۇن گۇرۇھلار، چېگرادىن سۇقۇنۇپ كېرىپ پاك زېمىنىمىزغا تاجاۋۇز قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇشىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ، چېگىرنى مۇداپىئە قىلغۇچى پىداكار جەڭچىلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم، دۈشمەنلىك ۋە ھەسەتخورلۇقىنى ئاشكارىلىدى. شۇ ئارقىلىق مەملىكەتتە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى. شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ پىداكار جەڭچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنى، پاك زېمىنىنى قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ ئىپلاس قەدەملىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن، تەۋرەنمەس ئەقىدىسى، مۇستەھكەم ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك ئىمانى بىلەن ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىپ تىرى-پىرەن قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ دىن، ۋەتەن-مىللەت ۋە رەھبەرلەرگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلىدى. يەنە مۇشۇنداق ئىپلاس ھەرىكەتلەرنى قىلىش بىلەن مەملىكەتنىڭ شەنىگە، پاكلىقىغا ۋە زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلارغا ئىبرەت قىلدى.

تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزىنى خار قىلىش بولۇپ، باشقىلارنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كېرىپ، تۇپراقنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغۇچىلار ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇنداق تاجاۋۇزچى مىللەتتە باشقىلارغا نىسبەتەن ياخشىلىق ۋە مېھرى-شەپقەت بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا اﷲ نىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر. بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر (يەنى ساڭا بىر كىشى قانچىلىك چېقىلسا، شۇنچىلىك چېقىلماي ئاشۇرۇۋەتسەڭ بولمايدۇ)، كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى اﷲ بېرىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئادەم ئىنتىقامنى ئالسا ئۇنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، زېمىندا ناھەق رەۋىشتە پىتنە - پاسات تېرىيدىغان ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ».[سۈرە شۇرا 39-40-41- 42-ئايەتلەر].

بىركىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «بىرسى ماڭا تاجاۋۇز قىلسا قانداق قىلىمەن؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سەن ئۇنىڭغا قايتا-قايتا ئۈچ قېتىم نەسىھەت قىلىپ بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، بۇ يولدىن قايتۇرغىن دېگەن. بۇنىڭغا ئۇنىمىسا قانداق قىلىمەن؟ دېگەندە، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلغىن، ئەگەر ئۇ سېنى ئۆلتۈرۈۋەتسە سەن جەننەتتە بولىسەن، سەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ ئۇ دوزاختا بولىدۇ دېگەن». [ئەھمەد، مۇسلىم، نەسائى رىۋايىتى].

سەئىد ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېلىنى، دىنىنى، جېنىنى ۋە ئائىلىسىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشى شەھىد ھېسابلىنىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى].

جەنۇبى رايونلار چېگرانى مۇداپىئە قىلىپ تۇرغۇچى باتۇر جەڭچىلىرىمىز مىللەت سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ، ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بەرگەنلىكىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ، سىلەرنى دۇنيادا شان-شەرەپ، ئاخىرەتتە بۈيۈك ئەجىر-ساۋاپ بىلەن تەبرىكلەيمىز. سالمان پارىسى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كېچە-كۈندۈز مىقداردا چېگرا قاراۋۇللىقىدا تۇرۇشنىڭ ساۋابى، بىر ئاي كۈندۈزى روزا تۇتۇپ كېچىسى قىيامدا تۇرغاندىن ئارتۇق، بۇ جايدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ قىلغان ئەمەللىرى قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ، ھەر تۈرلۈك نېمەتلەر رىزىق قىلىپ بېرىلىدۇ، قەبرىنىڭ ۋە قىيامەتنىڭ پىتنىسىدىن ئەمىن بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى].

بۇ مۇقەددەس ئورۇن، پاك شەھەرلەر ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ھىمايە قىلىشى ئاندىن پىداكار جەڭچىلەرنىڭ جاسارىتى، ئىمانى، ھاكىمىيەتكە بولغان ئىخلاسى بىلەن دىننىڭ مەركىزىنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ساقلاپ تۇرغۇچى ئالىملارنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سىلىش بىلەن قوغدىلىنىدۇ.

دىننىڭ ساقلىنىشى بىلەن مۇھاپىزەت قىلىنىۋاتقان، ئىسلامنىڭ ئىززىتى بىلەن مەرتىۋىلىك بولىۋاتقان مۇسۇلمانلار زېمىنىنىڭ تىنچ-خاتىرجەملىكى، باياشاتلىقى ۋە ساغلام ئەقىدە، تەۋرەنمەس ئىمانى، رەزىل گۇرۇھلارنىڭ سۇيىقەستى ۋە ھېلى-مىكرى ئالدىدا قىلچىلىكمۇ تەۋرىنىپ قالمايدۇ. مۇسۇلمانلار زېمىنلىرىدا يۈز بەرگەن ۋە يۈزبېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تاجاۋۇزچىلىق، باسمىچىلىق، ئىرقى كەمسىتىش، ئېتىقاد ۋە مىللى ئۆرپ-ئادەتنىڭ ئاسلىماتسىيە بولۇشى قاتارلىق بىر بۆلەك رەھىمسىز قىلمىشلارنىڭ قايتا تەكرار بولماسلىقى ئۈچۈن يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ جىددى تەدبىر ئىلىشى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسى.

ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

 

موضوعات متعلقة ( 3 )
Go to the Top